سۈيدۈك قان ئارىلاش كەلسە، ئەمما ئاغرىمىسا دىققەت قىلىش كېرەك، بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. سۈيدۈك قان ئارىلاش كېلىش، ئەمما ئاغرىماسلىقتىكى ھەقىقىي سەۋەبنى تېپىپ چىقىشتىن بۇرۇن، سۈيدۈك يولىدا يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇش ئېھتىماللىقىنى يېنىكلىك بىلەن چەتكە قېقىۋەتمەسلىك كېرەك. يەنىمۇ ئېنىق دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن، سۈيدۈك تەركىبىدىكى ھۈجەيرىلەرنى ئۆستۈرۈپ، راك ھۈجەيرىسىنى ئىزدەش، قورساق قىسمىنى رېنتىگىندا سۈرەتكە تارتىش، ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش، ۋېنا قان تومۇرىدىن بۆرەكنى سايىلەندۈرۈپ سۈرەتكە تارتىش ۋە بۆرەك قان تومۇرىدىن سايىلەندۇرۇپ سۈرەتكە تارتىش، رادىئوئاكتىپلىق نوكلېئىننى تەكشۈرۈش، دوۋساققا نەيچە كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈش، CT ئاپپاراتىدا تەسۋىر كۆچۈرۈش ياكى بۆرەكنى سانجىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق تەكشۈرۈشنى قىلدۇرسا بولىدۇ.
سۈيدۈك قان ئارىلاش كەلسە، ئەمما ئاغرىمىسا دىققەت قىلىش كېرەك
dastur2015-12-14
0
导读:سۈيدۈك قان ئارىلاش كەلسە، ئەمما ئاغرىمىسا دىققەت قىلىش
【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
总阅读2.3k
粉丝0
内容662

