
تاتلىق نەرسىلەرنى كۆپ يىگەندە شىكەر ماددىسى بىلەن مىكروپلار ئۇچرىشىپ كىسلاتالىق ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە چىشنى زەخمىلەندۈرىدۇ. تاتلىق يىمەكلىكلەردىن سىرت ياڭيۇ، خاسىڭ، پىچىنە-پىرەنىك، شاكىلات كولا قاتارلىق شىكەر ماددىسى كۆپ بولغان يىمەكلىكلەرنى تولا يىگەندىمۇ چىش زەخمىلىنىش كىلىپ چىقىدۇ.
داۋاملىق چىش چوتكىلىمىغاندا، ياكى چىش چوتكىلاش ئۇسۇلى توغرا بولمىغاندا ئېغىزدىكى مىكروپلار تازىلانماي چىشنىڭ چىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامەتلىرى:
چىش چىرىش يىنىك بولغاندا ئاغرىتمايدۇ، لېكىن چىرىشقا باشلىغان چىشتا ساغۇچ داغلار پەيدا بولىدۇ، بەزى بالىلارنىڭ ئازى پۇرايدۇ. ئاغرىغان چاغدا چىشنىڭ چىرىشى ئېغىر بولغان بولىدۇ. چىش مايماق بولۇپ قېلىشمۇ چىش چىرىشنىڭ ئالامىتى بولىشى مۇمكىن.
چىشنىڭ چىرىشى كۆپىنچە چىشنىڭ ئويمىنى، ئېرىقچىسى ۋە ئىككى قوشنا چىشنىڭ يۈزى قاتارلىق ئورۇنلاردا پەيدا بولىدۇ. دەسلىپىدە بۇ ئورۇنلار ئاق رەڭدە بولۇپ كېيىن تەدرىجىي سارغۇچ قوڭۇر، قارامتۇل قوڭۇر رەڭلەرگە ئۆزگىرىپ يۇمشاپ كېتىدۇ.
بۇ چاغدا زونت (تەكشۈرۈش سىمى) بىلەن تەكشۈرۈپ باقساق كىچىك ھەم تېيىز تۆشۈكچىنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز، بۇ ۋاقىتتا تېخى روشەن ئالامەتلىرى بولمايدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالىتىلسا تۆشۈكچە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چىرىگەن تۆشۈك كېڭىيىپ چىش ماددىسىغا يېتىپ بارغاندا سوغۇق، ئىسسىق، چۈچۈمەل ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا زىڭىلداپ ئاغرىيدۇ. چىرىگەن تۆشۈك چىشنىڭ يىلىك بوشلۇقىغا يېتىپ بارغاندا يېمەكلىكلەرنىڭ قالدۇقلىرى چىشنىڭ يىلىك بوشلۇقىدىكى نېرۋىلارنى غىدىقلايدۇ- دە، بۇنىڭ بىلەن چىش تېخىمۇ قاتتىق ئاغرىيدۇ، ھەتتا چىش مىلىكى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.
چىشنىڭ چىرىشى پۈتۈن بەدەننىڭ ئوزۇقلىنىشىنى شۇ ئادەمنىڭ تەن ساپاسى، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازىلىقى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئېغىز بوشلۇقى تازلىقىغا دىققەت قىلمىسا ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەر چىشنىڭ يۈزى ۋە چىشنىڭ يوچۇقلىرىدا ساقلىنىپ قالغان يېمەكلىكلەرنىڭ قالدۇقلىرىنى ئېچىتىپ كىسلاتا ھاسىل قىلىدۇ. چىشنىڭ ئېمال ماددىسى كىسلاتانىڭ چىرىتىشى بىلەن يۇمشاپ رەڭگى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ھەتتا كەمتۈكلىشىپ تۆشۈكچە پەيدا بولىدۇ. چىش ئېمال ماددىسىنىڭ تەركىبىدىكى فتور مىقدارىنىڭ ئاز- كۆپ بولىشىمۇ چىشنىڭ چىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلغان فتور مىقدارى ئاز بولسا چىش ئېمال ماددىسىنىڭ تەركىبىدىكى فتورنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىپ، چىش ئاسان چىرىيدۇ.
ئالدىنى ئېلىش:
چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىپ، بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرگەندىن سىرت، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. يەنى ئەتىگەندە- كەچتە چىشىنى چوتكىلاش، تاماقتىن كېيىن ئېغىزنى چايقاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى ھەمدە يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى ئېچىتىپ كىسلاتاغا ئايلاندۇرىدىغان باكتېرىيەلەرنى ئازايتىش كېرەك. كىشىلەر چىشىنى بىر قېتىم چوتكىلىغاندا ئېغىز بوشلۇقىدىكى %70 باكتېرىيە ئازىيىپ كېتىدىغانلىقىنى سىتاتىستىكىلاپ چىققان.
چىشنى چوتكىلاش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۈستۈنكى چىشلارنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ چوتكىلاش، ئاستىدىكى چىشلارنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارىتىپ چوتكىلاش، چايناش يۈزىنى بولسا پاراللېل ھالدا ئالدى- ئارقىسىغا چوتكىلاش كېرەك. قەنت ئاساسلىق چىرىتكۈچى يېمەكلىك بولغاچقا قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى كونترول قىلىش، كەمپۈت ۋە پېچىنە- پىرەنىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك، ئۇخلاشتىن بۇرۇن تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىككە تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. تەركىبىدە فتورىدلار بولغان ئېرىتمىلەر ياكى چىش پاستىسى بىلەن ئېغىزنى چايقاش، چىشىنى چوتكىلاش ئارقىلىقمۇ چىش چىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چىش چىرىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئادەم دوختۇرغا بۇرۇنراق كۆرۈنۈپ داۋالىتىشى كېرەك.




