
بىپايان ئادەم دېڭىزىدا ، سىزنىڭ مۈرىڭىزنى سىيپاپ ئۆتۈپ كېتىدىغانلار نۇرغۇن ، سىز بىلەن تونۇشىدىغانلارمۇ ساناقسىز . قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان ئورۇق تۇغقانلار ساناقلىقلا . قېرىنداشتىن باشقا يەنە بىر خىل كىشلەر مەۋجۇت ، بۇ خىل كىشلەرنىڭ سىز بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق ، بىراق سىزگە خۇددى قېرىنداشلىرىڭىزدەك كۆيۈنىدۇ ، ئاسىرايدۇ ، ياردەم قىلىدۇ ، سىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ، بۇ كىشىلەر دەل ئورنىنى ھېچ نەرسە ئېلىپ بولالمايدىغان دوستلىرىڭىز 
. دوست دېمەك سىز خۇشال بولغاندا كۆرۈشكىڭىز كېلىدىغان ، زېرىككەندە ئىزدەيدىغان ، ياردىمىگە ئېرىشكەن ۋاقىتىڭىزدا رەھمەت ئېيتىشىڭىزنىڭ ، ئاۋارە قىلغاندا كەچۈرۈم سورىشىڭىزنىڭ كېرىكى بولمىغان ، ئۆرلەپ كۆككە يەتسىمۇ يەنىلا نامى ئۆزگەرمەيدىغان كىشلەردۇر . دوست سىز بىلەن بىللە سەيلە قىلىدىغان ، مەلۇم مۇزىكىنى ئوخشاش ھېسىياتتا سۈكۈت ئىچىدە ئاڭلايدىغان ، سائەتلەپ پاراڭلاشسىمۇ زېرىكىش ھېس قىلمايدىغان ، ھەسەت تۇيغۇسى بولمىغان ، قايغۇ ئىچىدىن بىرلىكتە خوشاللىق تاپىدىغان ، سىزنىڭ خوشاللىقىڭىز ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىۋېتەلەيدىغان ، قايغۇرسىڭىز تەڭ يىغلاپ ، خوشال بولسىڭىز سىز بىلەن تەڭ كۈلەلەيدىغان ئىنساندۇر . دوست ئەڭ ئاۋۋال كەلگەن ياكى ئەڭ ئاخىرىدا تۇنۇشقان كىشى ئەمەس ، بەلكى كەلگەندىن كېيىن قايتا كەتمىگەن ، ئىزچىل يېنىڭىزدا بولغان ئادەمدۇر . ئەڭ قەدىرلەشكە تىگىشلىك بولغىنى ئېرىشەلمىگەنلىرىڭىز ، ياكى يوقىتىپ قويغانلىرىڭىز بولماستىن بەلكى مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە سىزدە بار بولغان نەرسىلەر . ياخشى دوست يۇلتۇزغا ئوخشايدۇ . سىز ھەر كۈنى ئۇلارنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن ، بىراق ئۇلارنىڭ بارلىقىنى بىلىسىز . دوست ھەمىشە كۆرۈشۈپ ئالاقىلىشىپ ،بولالمىسىمۇ ، بىر بىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان ، ھەر قېتىم تۇيۇقسىز ئەسكە ئالغاندا ئاۋالقىدەكلا ئىللىق ، يېقىن تۇيغۇنى ھېس قىلدۇرالايدىغان ، كۆڭلىدە كۆيۈنىدىغان ، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئورۇن ئالغان كىشىلەردۇر . ھەممىمىزنىڭ شۇنداق مېھرلىك ، سەمىمىي ، سادىق ، كۆيۈمچان دوستلىرىمىز بار ، دائىم كۆرۈشۈپ بولالمايمىز ، ئەمما ھېچ نەرسىنىڭ ئۇلارنىڭ كۆڭلىمىزدىكى ئورنىنى بېسىپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلىمىز . شۇڭا دوستلىقىمىزنى قەدىرلەيلى ، قەدرىنى بىلەيلى .



