پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ بەرسە ئەرلەرگە پايدىلىق
ئەرلىكنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى ئەرلەر بەدىنىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر . قانداق قىلغاندا ئەرلىكنى ئاسرىغىلى بولىدۇ ؟
كۈندە كەچتە پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش ئەرلىكنى ئاسراشتىكى ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدۇر . بولۇپمۇ قىشتا پۇتنى قىزىق سۇغا چىلىسا بەدەندىكى سوغۇقنى ھەيدەيدۇ . پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلىغاندا ، ئىسسىق سۇنى يېنىڭىزغا قويۇۋېلىپ داسقا ئاز –ئازدىن قۇيۇپ سۇنى قىزىتىپ تۇرۇش كېرەك .

داسقا غاز تۇخۇمى چوڭلۇقتا تاش سېلىپ پۇتنى چىلىغاچ تاشقا دەسسەپ تۇرسىمۇ بولىدۇ .چۈنكى تاپانغا ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش نۇقتىسى مۇجەسسەملەشكەن بولىدۇ ، كۈندە ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى قىزىق سۇغا چىلاشنى ، تاپان ۋە پۇت چەمەكلىرىنى ئۇۋىلاشنى ئادەت قىلغاندا ، تاپاندىكى سەزگۈر نۇقتىلارنى غىدىقلاپ ، يەلنى ھەيدەپ ، مىجەزنى تەڭشەپ ، پەي ۋە نېرۋىلارنى جانلاندۇرۇپلا قالماي ، يەنە ئادەم بەدىنىنى مۆتىدىللەشتۈرۈپ ، مىجەزنى ياخشىلايدۇ . شارائىت يار بەرسە ، پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلىغاندا زەنجىۋىل ، ئاق ھاراق قاتارلىق پايدىلىق ماددىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتسە بەدەندىكى سوغۇقنى ھەيدەيدۇ .




