

ئادەتتىكى دوستىڭىز قىلىدىغان بىرەر ئىشى بولمىسا سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ
ھەقىقى دوستىڭىز سىزگە بىرەر ئىش بوپ قالسا ئېغىز ئاچمىسىڭىزمۇ ئۆزى سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ.

ئادەتتىكى دوستىڭىز بۇ رومكا ھاراقنى ئىچمىسەڭ مېنى ئاغىنەم دېمە دەيدۇ
ھەقىقى دوستىڭىز ھاراقنى ئازراق ئىچ ،سالامەتلىككە زىيانلىق دەيدۇ.

ئادەتتىكى دوستىڭىز يېڭى ئۆيگە كۆچسىڭىز سوۋغات كۆتۈرۈپ كېلىدۇ.
ھەقىقى دوستىڭىز ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئۆينى تازلىشىپ رەتلىشىپ بېرىپ كېتىدۇ.

ئادەتتىكى دوستىڭىز پەقەت سىزنى خوشال چىرايىڭىزنىلا كۆرىدۇ
ھەقىقى دوستىڭىزنىڭ مۈرىسى بەزىدە سىزنىڭ ياشلىرىڭىز بىلەن ھۆل بوپ كېتىدۇ.

ئادەتتىكى دوستىڭىز سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ بىرللە تاماق يەيدۇ،
ھەقىقى دوستىڭىز سىز بىلەن كېچىنچە پاراڭلىشىپ تاڭنى ئاتقۇزۋېتەلەيدۇ.

ئادەتتىكى دوستىڭىز بىلەن نەچچە يىل كۆرۈشمىسىڭىز ياتلىشىپ كېتىسىز
ھەقىقى دوستىڭىز بىلەن 10 يىل كۆرۈشمىسىڭىزمۇ يەنىلا ياتلاشمايسىز

ئادەتتىكى دوستىڭىزنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئەستە تۇتۇپ بولالمايسىز
ھەقىقى دوستىڭىزنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ بولغۇچە ئېسىڭىزگە ئېلىپ بولىسىز

ئادەتتىكى دوستىڭىز ئۆيىڭىزگە كەلسە تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرىدۇ
ھەقىقى دوستىڭىز خۇددى ئۆزىنىڭ ئۆيىدەك توڭلاتقۇنى ئېچىپ يەيدىغان نەرسە بولسا ئېلىۋېرىدۇ.

سىز خاتا ئىش قىلغاندا ئادەتتىكى دوستىڭىز كۆرمەسكى سېلىۋالىدۇ
ھەقىقى دوستىڭىز بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ دەيدۇ.

ئادەتتىكى دوستىڭىز بىرەر ئىش بولسا مېنى ئىزدە دەيدۇ
ھەقىقى دوستىڭىز بۇنداق گەپنى قىلمايدۇ ئەمما بىرەر ئىشىڭىز بوپ بولغۇچە ئۆزى ئىزدەپ كېلىدۇ.

ئادەتتىكى دوستىڭىز سىز بىلەن گۈزەل كۈنلەرنى تەڭ ئۆتكۈزىدۇ
ھەقىقى دوستىڭىز سىز بىلەن ئازابلىق كۈنلەرنى تەڭ ئۆتكۈزىدۇ.

بىر ئادەتتىكى دوستىڭىز سىزگە ئۆزىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرىنى سۆزلەپ ھارمايدۇ
ھەقىقى دوستىڭىز سىزگە ئۆزىنىڭ ئەڭ مەغلۇب بولغان ۋاقىتلىرىنى سۆزلەپ ھارمايدۇ



