大数跨境

تەنھا ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇلارنىڭ پسىخىكىسىدىن كېرەك

تەنھا ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇلارنىڭ پسىخىكىسىدىن  كېرەك dastur
2015-12-18
1
导读:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يېتەرل


ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يېتەرلىك بولماسلىق، ئۆزىگە توغرا باھا بېرەلمەسلىك، تۇرمۇش نىشانى ۋە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئەمەلىي بولماسلىق، ئەتراپتىكى مۇھىتقا ماسلىشالماسلىق ھازىر تەنھا تۇرۇۋاتقان ياشانغانلاردا ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان پسىخىكىلىق مەسىلە.

مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئىجتىمائىي سالاھىيەت ۋە ساغلاملىق ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن بەزى ياشانغانلاردا ئۆزىنى كەمسىتىش پسىخىكىسى كۆرۈلۈپ، ئەسلىدە قىلالايدىغان ئىشلارنىمۇ قىلالمايدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدىكەن. بەزى ياشانغانلار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا زورمۇزور ئېسىلىۋالىدىكەن. بەزى پەرزەنتلەر ياشانغانلارغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلمىگەچكە، ياشانغانلار ھەمىشە ئۇلاردىن ئاغرىنىدىكەنۇ، پەرزەنتلىرى بىلەن ئاكتىپ پاراڭلاشمايدىكەن. شۇڭا ياشانغانلار پاراڭلىشىشنى، باشقىلارنىڭ دەردىگە يېتىشنى، يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەمئىيەتتىكىلەر، ئائىلىدىكىلەر، پەرزەنتلەر ياشانغانلارغا مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ياشانغانلارنىڭ پسىخىكىسىغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن باشلىشى كېرەك


【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662