大数跨境

چاي ئىچىپ بەرسە، ئارتېرىيەنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىد

چاي ئىچىپ بەرسە، ئارتېرىيەنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىد dastur
2015-12-21
7
导读:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:ئامېرىكىنىڭ «ئالدىنى ئېلى



ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

ئامېرىكىنىڭ «ئالدىنى ئېلىش» ژۇرنىلىغا گېرمانىيىنىڭ كافىت ئۇنۋېرسىتىتىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكلىپى بېسىلغان بولۇپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەي، قىزىل چاي ئىچىپ بەرگەندە، ساغلاملىقتىكى ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن.

چاي تەركىبىدە «كات دەرىخى تالقىنى» دەپ ئاتىلىدىغان فلاۋۇن ئالكوگولى بولۇپ، ئۇ يۈرەكنىڭ سوقۇشىغا ئەگىشىپ، ئارتېرىيىنىڭ ئۇزىراش ۋە قىسقىرىشىغا ياردەم بېرىپ، بەدەننىڭ ساغلام بولغان قان بېسىمغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، يەنە ئۈنۈملۈك ھالدا يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

قىزىل چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان غەربلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە پەمىلە چاي ئىچىش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ تەركىبىدە «كات دەرىخى تالقىنى» بەكمۇ مول ئىكەن.

تەتقىقاتچىلار ۋە تېببىي پەن دوكتورلىرىنىڭ قارىشىچە، قىزىل چاي ئىچكەندە كالا سۈتى ئىچمەسلىك كېرەك ئىكەن. بۇنداق بولۇشى كالا سۈتى تەركىبىدىكى كازېئېن «كات دەرىخى تالقىنى»نى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، قىزىل چاينىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن.

【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读4.3k
粉丝0
内容662