大数跨境

تەرخەمەك بىلەن يۈزگە سۇ تولۇقلىغىلى بولمايدۇ

تەرخەمەك بىلەن يۈزگە سۇ تولۇقلىغىلى بولمايدۇ dastur
2016-01-02
4
导读:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:قىشتا ھاۋا قۇرغاق بولغ


شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:

قىشتا ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا ئاياللار يۈز تېرىسىنى ئاسراش ئۈچۈن سۇ تولۇقلايدۇ لېكىن بىر قىسىم خاتا ئۇسۇللار ئەكس تەسىر بېرىپ قويۇشى مۇمكىن.

1. يۇيۇنغاندا مېۋە ئۇيۇتمىسى يۈز چاپلىمىسىنى ئىشلىتىش. مۇنچىدىكى ھور يۈزگە چاپلىغان چاپلىما تەركىبىنى ئىنتايىن تېز سۈمۈرىۋالىدۇ، لېكىن مۇنچىغا چۈشكەندە يۈز چاپلىمىسى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى بۇ خىلدىكى چاپلىما تېرىنى تېخىمۇ قۇرغاق قىلىۋىتىدۇ.

2.تەرخەمەكنى يۈزگە چاپلاش. تەرخەمەك تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سۇ بارلىقى بولغانلىقى ئۈچۈنل،ا ئاياللار تەرخەمەكنى سۇ تولۇقلاشتىكى ياخشى نەرسە، دەپ قارايدۇ، لېكىن تەرخەمەكنى بىۋاستە يۈزگە چاپلاش ئارقىلىق سۇ تولۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. كېسىلگەن تەرخەمەكنىڭ يۈز قىسمىدا بىر خىل يېپىشقاق ماددا بولۇپ، بۇ يۈزگە چاپلانسا تېخىمۇ قۇرغاق قىلىۋېتىدۇ. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى تەرخەمەكنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا سۈت قوشۇپ، ئاندىن ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە 20 مىنۇت ئەتراپىدا چاپلىسا، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.

3. تېرە ئاسراش بويۇملىرىنى توڭلاتقۇدا ساقلاش. توڭلاتقۇدا تېرە ئاسراش بويۇملىرىنى ئۇزاق ساقلىسا، ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

4. يۈز چاپلىمىسىنى بەك ئۇزاق چاپلاش. بەزى كىشىلەر يۈز چاپلىمىسىنى يېرىم سائەت چاپلاپ ئاندىن يۇيۇۋېتىدۇ، لېكىن يۈز چاپلىمىسىنى ئۇزاق ۋاقىت چاپلىغاندا، تېرىنى چاپلىمىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈۋالالمىغاندىن سىرت، يەنە تېرىدە ئەسلى بار بولغان سۇ تەركىبىنى ئازايتىۋېتىدۇ

【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读2.3k
粉丝0
内容662