大数跨境

قان ۋە قان تىپلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

قان ۋە قان تىپلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات dastur
2016-01-20
1
导读: ئاپتورى: بىلگەجانقان ناھايىتى مۇھىم بولغان بەدەن سۇيۇ


 


ئاپتورى: بىلگەجان
قان ناھايىتى مۇھىم بولغان بەدەن سۇيۇقلۇقى بولۇپ، ئاساسلىق رولى ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇقلارنى بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملارغا يەتكۈزۈش ۋە بەدەننى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. قان تۆرەلمە يېتىلىشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يىلىك ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىلەردىن ئىندۇكسىيەلىنىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. بىز تۇغۇلۇشتىن خىلى بۇرۇنلا قانغا بىر ئۆمۈرموھتاج بولۇشىمىز باشلانغان بولىدۇ، قان بولمىسا بىز تۇغۇلمايمىز ۋە ھايات قالالمايمىز.بىز ئىسپېرما ھۈجەيرىسىنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىسىنى ئۇرۇقلاندۇرۇشى بىلەن شەكىللىنىشكە باشلايمىزۋە ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا يېتىلىش جەريانىدا ئەڭ دەسلەپتە كىشىلەر بىزنى تۆرەلمە دەپ ئاتايدۇ. بىز تۆرەلمە مەزگىلىدە ھايات قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان قان ۋە قان تومۇرلىرىنى ئەڭ دەسلەپ شەكىللەندۈرىمىز ۋە يېتىلىپ بالا ھەمرىيىمىز ھاسىل بولۇپ بىزنىڭ كۆچۈپ كىرىشىمىزگە تەييار بولغاندا، بىزنى بېقىپ ئۆستۈرىدىغان بالا ھەمرىيى ئىچىگە ئورۇنلىشىپ ئۆز قېنىمىز ئارقىلىق ئانا قېنىدىن بالا ھەمرىيىمىزنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇلىۋالغان ئوزۇقلۇقلارنى بەدىنىمىزگە بىمالال يەتكۈزۈپ چوڭ بولۇشقا باشلايمىز چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بىز ئاللىقاچان 50 كۈنلۈك بولغان بولىمىز ۋە ئانىمىزنىڭ قېنىدىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى بىزنى بايقاپ قالغىلى تاس قالغان ۋاقىت بولىدۇ. ئۇلار بىزنى بايقاپ قالسا ئىش چاتاق بولىدۇ، گەرچە كىشىلەر ئانا بەدىنى بىزنى باقىدۇ دېسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئانىمىزنىڭ بەدىنى بىزنى يەكلىمەكچى بولىدۇ، يۇ - لېكىن بالا خىسلەتلىك بالا ھەمرىيىمىزنىڭ قوغدىشى ئاستىداھېچقانداق ئامال قىلالماي گېپىمىزنى شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇلارنى بوزەك قىلىشىمىز تۇغۇلغاندىن قېرىغىچىمۇ توختىمايدۇ. ئەلۋەتتە  بىز بۇنى بىرئۆمۈر پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىمىز. بىز بالا ھەمرىيى  دېگەن ئېسىل قەسىرىمىزگە كۆچۈپ كىرگەندىن باشلاپ كىشىلەر بىزنى ھامىلە دەپ ئاتايدۇ. بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھامىلە باسقۇچىغا بارالىشىمىز بىزنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچالىشىمىزنىڭ ئاساسەن مۇمكىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.بىز بالا ھەمرىيى ئىچىدە جىددىي ھەرىكەتنى باشلاپ تىز چوڭىيىشقا باشلايمىز، بۇ ئەلۋەتتە قېنىمىزنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىز بالا ھەمرىيمىزنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئانا بەدىنىدىكى بارلىق قاننىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى بالىياتقۇغا باشلاپ كېلىمىز ۋە بالا ھەمرىيىمىزئانا قېنىدىكى ئوكسىگېن ۋە بارچە ئوزۇقلۇقلارنى كىندىك ئارقىلىق بىزنىڭ قېنىمىزغا ئەۋەتىدۇ ۋە بىز بۇ ئوزۇقلارنى سۈمۈرۈپ نەچچە ئاي ئىچىدىلا ھەجىمىمىزنى نەچچە يۈز ھەسسە چوڭايتىمىز.گەرچە ئانا قېنىنىڭ يېنىمىزغا كېلىشىگە ئېھتىياجىمىز بولسىمۇ، ئەمما ئانا قېنىنى خاتالىشىپمۇ بەدىنىمىزگە كىرگۈزمەيمىز، چۈنكى بىز ئانا قېنىدا كۆزىنى مىت قىپمۇ قويماستىن بىزنى قىرىپ تاشلايدىغان جەڭچىلەرنىڭ تەييار تۇرىدىغانلىقىنى بىرسىدىن ئوغرىلىقچە ئاڭلاپ قالغان. بىزنىڭ ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇقلارنى ئانا قېنىدىن يۇلۇپ ئالىمىزيۇ، ئانىمىزغا ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمەيمىز. ئانا قورسىقىدا بىزگە لازىمەتلىك ھەممە نېمەتلەر تەيياربولسا ئۇ ھالدا خاتىرجەم ۋە ساغلام يىتىلىمىز، لېكىن ئۇ ئۆز قېنى ئارقىلىق دېگىنىمىزنى بەرمىسە ياكى بىزگە لازىم ئەمەس ئەخلەت نېمەتلەرنى ئەۋەتسە ياكى بىزنى ھەر قانداق ئۇسۇلدا بىئارام قىلسا ئۇنى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىيابېت كېسىلى دەيدىغان كېسەلگە گىرىپتارقىلىپ قويالايمىز، ئەمما بىز تۇغۇلۇپ بولساقلا ئۇ ساقىيىپ كېتىدۇ. بەكرەك ئاچچىقىمىزكەپ قالسا، ئانىمىزنى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان بېسىمى قىلىپ قويىمىز، ئەپسۇسكى ئۇ بىز تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ بىر ئۆمۈر  بىزنى قېيناپ قويغاننىڭ جاجىسىنى يەپ مەڭگۈ يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ.نېمە دېسىڭىز مەيلى، ئىشقىلىپ بىز ھامىلىلەر ھەرگىز شەخسىيەتچى ئەمەس! دېمەك، بىز تۇغۇلۇشقا ئاز قالغۇچە ئېنېرگىيە ئىشلىشىمىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق، ھەتتا ئۆپكىمىزنى ئاۋارە قىلىپ ئۆپكىمىز ئارقىلىق نەپەسلىنىپمۇ يۈرمەيمىز، پەقەت ئانىمىزنىڭ بالىياتقۇسى كىچىك كېلىپ بالا ھەمرىيىمىز بىزگە ياقماي قالغاندا ئاستا ئۆپىكىمىزنى پىشىپ يىتىلىدۈرىمىز ۋە سىرتقى دۇنيانى كېزىپ بېقىشىنى خىيال قىلىمىز. تۇغۇلىمىزيۇ، لېكىن بۇرۇنىمىزنى بىرى تۇتۇۋالغاندەك ھېس قىلىپ نەپەس ئالالماي پۇشايمان قىلىشقا باشلايمىز ۋە ئاخىرى تۇنجى قېتىم ئۆپكىمىزبىلەن نەپەس ئالىمىز. نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق؟! مانا قاتتىق يىغلاپ بىئاراملىقىمىزنى ئىپادىلىسەكمۇ، ئەپسۇس ئىلگىرىكى ئاسان تۇرمۇشىمىزغا قايتالمايمىز، بالا ھەمرىيىمىزمۇتۈگەشتى ئەمەسمۇ؟ تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، تېخى پەقەت يىغلاش ئارقىلىقلا ئانىمىزنى دېگىنىمىزنى قىلغۇزغاندىن باشقا ئۇنى بۇرۇنقىدەك خالىغانچە كونترول قىلمىقىمىز تەس بولۇپ قالىدى.بۇرۇن باكتېرىيەلەرگە تولغان مۇھىتتا ياشىساقمۇ، ئەمما ئۇلۇغ قوغدىغۇچى بالا ھەمرىيى بىزنى ھەر ۋاقىت قوغداپ تۇرغاچقا باكتېرىيە، ۋىرۇس دېگەندەك پاسكىنا جانلىقلار بىلەن ھەپىلىشىپمۇ يۈرمەيتتۇق. ئەڭ يامان بولغىنى، ئەمدى بىز ئۆزىمىزنى قوغداشنى ئۆگەنمىسەك بولمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىز يەنە قانغا ئىلتىجا قىلىمىز، ۋە تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا نۇرغۇن بىزنى قوغدايدىغان ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان قاننى جىددىي قوراللىنىپ ھەرۋاقىت ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇشقا بۇيرۇيمىز ۋە يۈگۈرۈپ يۈرگۈدەك چوڭمۇ بولۇپ قالىمىز.ئەگەر قاندىكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرى دەمدۇ ئەيتاۋۇر، شۇنداق بىر جەڭچىلەر بىزنى قوغدىمىغان بولسا ھازىرغىچە ھاۋادا، يەردە، سۇدا، ئىشقىلىپ ھەممىلا يەردە پۇتلىشىپ يۈرىدىغان قورقۇنچلۇق باكتېرىيە ۋە ۋىرۇس دېگەندەك كىچىكلىكىدىن كۆزگىمۇ كۆرۈنمەيدىغان مەخلۇقلارنىڭ دەستىدە بۇ چاققىچە ھايات قالالامتۇق. قانداق دەمسىز؟ ۋاي-ۋۇي، مەندىن مۇرەككەپ سوئاللارنى سورىماڭ! يەنىلا 12 يىلدىن بىرى قىلغىلى ئىشى يوقتەك مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ئۆگەندىم دەپ يۈرگەن بىلگەجان دەيدىغان بالا سىزگە دەپ بەرسۇن، مەندەك بىلەمدۇ-بىلمەمدۇ، ئۆزىڭىزقاراپ بىر نېمە دەڭ.
قان
قان ئىنسان بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن 7%نى تەشكىل قىلىدىغان سۇيۇقلۇق بولۇپ زىچلىقىسۇدىن سەللا چوڭراق (1.06 ھەسسە)، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن چوڭلار بەدىنىدە 5 لىتىر ئەتراپىدا قان بولىدۇ. قان پىلازما ۋە بىر قانچە خىل ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلىدۇ. قاننىڭ 55% پىلازما بولۇپ، ئاساسلىقى قاننىڭ سۇيۇق قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. قان پىلازمىسىنىڭ 92% سۇ بولۇپ،قالغان قىسمى بىر قىسىم ئاقسىللار، گىلۇكوزا، ماي كىسلاتالىرى ... قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. باشقا مۇھىم تەركىبلىرىدىن قان قېتىشتۇرغۇچى فاكتۇرلار، ئىممۇنىتېت ئاقسىللىرى، ياغ ئاقسىللىرى ۋە باشقا ئىيونلار (ئاساسلىقى خىلور ۋە ناترىي) بار.
قان ھۈجەيرىلىرى ئۈچ چوڭ تۈردىن تەشكىل تاپىدۇ:
بىرىنچى: قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى: ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان قان ھۈجەيرىسى بولۇپ تەخمىنەن 4-6 مىليون ئەتراپىدا تېپىلىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىسىدە كۆپ مىقداردا ھېموگلوبىن دەپ ئاتىلىدىغان ئاقسىل بولۇپ، بۇ ئاقسىل دەل ئوكسىگېن توشۇيدىغان ئاقسىلنىڭ ئۆزى شۇ. ھېموگلوبىن (hemoglobin) مولىكۇلىسىنىڭ مەركىزىدە تۆت دانە تۆمۈر ئاتومىدىن تۈزۈلگە ھىمو گۇرۇپپىسى بولۇپ ئوكسىگېنغا بىرىكىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ۋە مۇشۇ گۇرۇپپىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تۈپەيلى، قاننىڭ رەڭگى قىزىل رەڭدە بولىدۇ. مەخسۇس مۇسكۇلدا تىپىلىدىغان يەنە بىر ئوكسىگېن يەتكۈزىدىغان ئاقسىل بار بولۇپ، مىيوگلوبېن(myoglobin) دەپ ئاتىلىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى توختىماي يېڭىدىن ئىشلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، يېڭىدىن ئىشلىنىشى بۆرەكتىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى سەزگۈچى ھۈجەيرىلەرنىڭ قىزىل قان ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ئاقسىللارنى ئىشلەپ چىقىرىپ يىلىككە ئۇچۇر بېرىشى ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ.شۇڭلاشقا، ئوكسىگېن شالاڭ بولغان يۇقىرى ئېگىزلىكتە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ مىقدارى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەب بىر قىسىم تەنھەرىكەتچىلەرئېگىز تاغلىق جايلاردا مەشىق قىلىدۇ ۋە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تۆۋەن جايغا كەلگەندە خىلىلا تىز يۈگۈرەلەيدۇ چۈنكى بەدەننىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىشى ئاشقان بولىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرە پەردىسىدە يەنە قان تىپىنى بەلگىلەيدىغان ساخارىدلانغان ئاقسىللار (glycoprotein) يەنى ئازراق قەنت رادىكاللىرى ئۇلانغان ئاقسىللار بار بولۇپ، قان تىپىنى بەلگىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.بۇ نۇقتىدا سەل تۇرۇپ تەپسىلىي توختىلىمەن.
ئىككىنچى: ئاق قان ھۈجەيرىلىرى: ئەڭ مۇھىم بولغان ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى بولۇپ، تەخمىنەن4000-11000 ئەتراپىدا مەۋجۇت بولىدۇ. ئاق قان ھۈجەيرىلىرى سانى كۆپىيىپ كېتىدىغان راك كېسىلى ئاق قان كېسىلى ياكى قىسقىچە قان راكى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىملىرىدىنB ۋە T ھۈجەيرىلەر بار بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدەB ھۈجەيرە ئۆزىگە يات بولغان ئاقسىللارنى پارچىلايدىغان ئاقسىللار يەنى ئانتىبودى (antibody) ئىشلەپچىقىرىپ بەدەننى قوغدىسا، T ھۈجەيرىلەر ئۆزىگە يات بولغان تاجاۋۇزچى ھۈجەيرىلەرنى پۈتۈن يۇتۇش ئارقىلىق ئىممۇنىتېت رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.ئەيدىز ۋىرىسى(HIV) ئاساسلىقى دەل T ھۈجەيرىلەرگەھۇجۇم قىلىدىغان بولغاچقا، بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
ئۈچىنچى: قان پلاستىنكلىرى: بۇلار ئاساسلىقى قان قېتىشىشتا رول ئوينايدىغان ھۈجەيرىلەر بولۇپ،سانى 200 مىڭدىن 500 مىڭغىچە ئەتراپتا بولىدۇ.
قان توغرىسىدا بىلىملەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن مۇشۇنچىلىك يازاي. ئەمدىقان تىپلىرى ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆزلەپ بېرەي.
قان تىپلىرى
قان تىپى ناھايىتى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالغان تېما بولۇپ، بۇ توغرىدا تارقالغان «ئەپسانىلەر»ئاز ئەمەس. بەزى كىشىلەر ھەتتا، قان تىپىغا ئاساسەن نېمىنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى،ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان سۆيگۈنىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمىز. گەپنىڭ راستىنىقىلغاندا، بۇ گەپلەرنىڭ كۈلكىلىك دەرىجىسىگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ. بەلكىم  توي قىلىشتىن بۇرۇن قان تەكشۈرۈپ قان تىپىنى يېزىپ قويىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر مۇشۇنداق «قىزىق»پاراڭلارغا چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن. كىشىلەر يەنە قانداق قان تىپىدىكى ئاتا-ئانىدىن قانداق قان تىپتىكى بالا تۇغۇلمايدۇ، دېگەنلەرنى يادلىۋالىدۇ. تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇسىڭىزبۇلارنى يادىلىمايمۇ سىزمۇ چۈشىنىۋالغاندىن كىيىن باشقىلارغا دەپ بېرەلەيسىز. كۆپچىلىك تونۇشلۇق بولغىنىدەك ھازىر دوختۇرخانىلاردا قان تەكشۈرتكەندە ئاساسلىقى ABO قان تىپى ۋە Rh (ئېر ئەيچ) قان تىپىنى قوشۇپ يازىدۇ، ھېچبولمىغاندا بىر قىسىم دوختۇرخانىلاردا شۇنداق. قان تىپلىرىنى ئايرىشنىڭ ئۇسۇللىرى بەك كۆپ بولسىمۇ، لېكىن بىزگە ئەڭ مۇناسىۋەتلىك بولغىنى ۋە دائىم ئىشلىتىلىدىغىنى ABO قان تىپى ۋە Rh (ئېر ئەيچ) قان تىپى بولغاچقا، مۇشۇ ئىككىسى ئۈستىدە توختىلىمەن.
ABO قان تىپى سىستېمىسى بويىچە كىشىلەرA, B, AB, O دىن ئىبارەت تۆت خىلىنىڭ بىرىگە تەۋە؛  Rh (ئېر ئەيچ) قان تىپى سىستېمىسى بويىچە Rh مۇسبەت ۋە Rh مەنپىي قان تىپلىرىنىڭ بىرىگە تەۋە بولىدۇ. مەسىلەن، مەن +O, Rh تىپلىققا كىرىمەن.
ABO قان تىپى سىستېمىسى
بۇنى چۈشەندۈرۈشتە يەنە بىر مىسال ئالاي: سىز كۆز ئالدىڭىزغا ئۈستىگە كۈنجۈت باسقان گىردە ناننى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. ئەگەر گىردىنىڭ ئۈستىدە ئاق كۈنجۈت چېچىلغان بولسابۇنى A تىپلىق دەيلى، قارا كۈنجۈت بېسىلغان گىردىنى B تىپ دەيلى، ئۇ ھالدا ھەر ئىككىلىسى بېسىلغان گېردە تەبىئىي ھالدا AB تىپلىق بولغان بولىدۇ. ئەمدى ھېچقانداق كۈنجۈت بېسىلمىغان بولسا بۇنى نۆل تىپ يەنى O تىپلىق دەپ ئاتىساق بولىدۇ. يەنى بۇ يەردە كۈنجۈت دېگىنىمىز دەل قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھۈجەيرە پەردىسىگە ئورۇنلاشقان ساخارىدلانغان ئاقسىللاردىن ئىبارەت بولۇپ، O قان تىپىغا كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ قېنىدا ئەڭ ئاددىي ساخارىدلار بولىدۇ، Aقان تىپىغا كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ئاقسىلىغا بىر گلاكتوزا مولېكۇلاسى قوشۇلغان بولىدۇ؛ B تىپلىق كىشىلەرنىڭ قېنىدا بۇ ئاقسىلغا ئاتسىتىل گلاكتوزامىن مولېكۇلاسى قوشۇلغان بولىدۇ؛ AB تىپلىق كىشىلەرنىڭ بۇئاقسىلىغا ھەر ئىككىلى قەنت مولېكۇلاسى قوشۇلغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، Aتىپلىق كىشىلەرنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىدە پەقەت A ئانتىگېن، antigen (گېردىنى مىسال قىلغاندىكى ئاق كۈنجۈت) بولىدۇ؛ B قان تىپلىق كىشىلەردە بولسا پەقەت B ئانتىگېن (گېردىنى مىسال قىلغاندىكى قارا كۈنجۈت) بولىدۇ؛ AB قان تىپلىقلاردا بولسا  ئىككىلى خىل ئانتىگېن (ئاق ۋە قارا كۈنجۈت) بولىدۇ؛ O قان تىپلىق كىشىلەردە بولسا ھېچقايسى ئانتىگېن بولمايدۇ. دېمەك، مۇشۇ كىچىككىنە پەرق تۈپەيلى كىشىلەر ئوخشىمىغان قان تىپىغا ئىگە بولىدۇ.
قان تىپى ئىرسىيەت قالىدىغان بىر ئىرسىي ئالاھىدىلىك بولۇپ، قان تىپىنى ئىككى ئەمەس بەلكىئۈچ خىل تەڭ ئورۇنلۇق گېنلار بەلگىلەيدۇ. يەنى ئاتا ۋە ئانىنىڭ ھەر بىرىدىن كەلگەن بىر گېنغا ۋارىسلىق قىلىمىز، شۇنداق بولغاندا ھەر بىر قان تىپىنى بەلگىلەيدىغان گېن مۇناسىپ ئانتىگېنلارغا كود يازىدۇ. قىسقىچە، A ئانتىگېننى بەلگىلەيدىغان گېننىA (ئاشكاراگېن) دېسەك، B ئانتىگېننى بەلگىلەيدىغان گېننى B (ئاشكارا گېن) دېسەك، Oنى بەلگىلەيدىغان گېننىi دېسەك (بۇ يوشۇرۇن گېن بولۇپ بىر نۇسخىسىلا بولسا قان تىپىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ)، ئۇ ھالدابۇ ئۈچ خىل گېننى ئىككى-ئىككىدىن گۇرۇپپىلىساق تۆۋەندىكى ئالتە خىل بىرىكىش شەكلىگە ئېرىشىمىز: AA, AB, Ai,BB, Bi, ii. بۇنىڭ ئىچىدە AA ياكى Ai غا ئىگە بولغان ئادەم A قان تىپىلىق بولىدۇ؛ BB ياكى Biغا ئىگە بولغان ئادەم بولسا B قان تىپلىق بولىدۇ؛ AB غا ئىگە بولغان ئادەم بولسا AB تىپلىق بولىدۇ؛ ii غا ئىگە بولغان ئادەم O قان تىپى بولغان بولىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇلدا قانداق قان تىپىدىكى ئىككى ئادەمنىڭ پەرزەنتى قانداق قان تىپلىرىغا ئىگە بولۇش-بولماسلىقىنى ئاسانلا ئېنىقلىغىلى بولىدۇ.
بىرىنچى: ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى A قان تىپلىق بولسا، بالىلىرى پەقەتA ياكى O تىپلىق بولۇشى مۇمكىن.
ئىككىنچى: ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى  B قان تىپلىق بولسا، بالىلىرى پەقەت B ياكى O تىپلىق بولۇشى مۇمكىن.
ئۈچىنچى: ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى  AB قان تىپلىق بولسا، ئۇ ھالدا بالىلىرى پەقەت A, B, O لار بولۇشىمۇمكىن.
تۆتىنچى:  ئەر-خوتۇننىڭ بىرى A تىپلىق، يەنە بىرى B تىپلىق بولسا ئۇ ھالدا تۆتىلا قان تىپلىق بالا تۇغۇلۇشى مۇمكىن.
بەشىنچى:  O قان تىپنىڭ بەلگىلەش رولى يوق بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ قان تىپى نېمە بولسا، بالىلىرىنىڭ قان تىپى شۇ ياكىO بولۇشىمۇمكىن (قارشى تەرەپAB تىپلىق بولسا پەقەت A ياكى B بولىدۇ)؛ ھەر ئىككىلى تەرەپ O قان تىپلىق بولسا پەرزەنتى چوقۇم پەقەت O تىپلىق بولىدۇ.
ئادەم بەدىنىدە ئەگەر ئۆزىدە بولمىغان تۈزۈلۈشكە ئىگە ئاقسىللار كىرسە، ئۇ ھالدا ئادەم بەدىنى بۇ خىل ئاقسىلنى تونۇمايدۇ ۋە بۇ خىل ئاقسىلنى يات ئانتىگېن (يەنى يات ئاقسىل دېگەن مەنىدە) دەپ تونۇيدۇ ۋە شۇ ئانتىگېنغا قارشى تۇرىدىغان ئاقسىللار يەنى ئانتىبودىلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. دېمەك، A قان تىپلىق ئادەملەردە B ئانتىبودى شەكىللىنىدۇ، شۇڭا B ئانتىگېنغا ئىگە قاننى سالغىلى بولمايدۇ. شۇنداقكەن A قان تىپلىق كىشىلەرگە B ياكى AB قاننى سالغىلى بولمايدۇ. O تىپلىق ۋە A تىپلىق قان ماس كېلىدۇ. O تىپلىق كىشى ئۈچۈن پەقەت O تىپلىق قانلا ماس كېلىدۇ. قالغانلىرىنىمۇ شۇنداق قىلىپ كەلتۈرۈپچىقارساق بولىدۇ.O تىپلىق كىشىلەردە ھېچقانداق ئانتىگېن بولمىغاچقا O قاننى ھەممە ھەر قانداق كىشىگە سالغىلى بولىدۇ؛ شۇڭا O قان تىپىلىقلار ئورتاق قان تەقدىم قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۆزىگە پەقەت ئوخشاش تىپتىكى كىشىلەرنىڭ قېنىلا ماس كېلىدۇ. ئەكسىچە،  AB قان تىپلىقلارغا ھەممە قان تىپىنى سالسا بولىدۇ، شۇڭا بۇ خىل قان تىپىدىكىلەر ئورتاق قوبۇل قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۆزلىرى پەقەتAB قانتىپىدىكى كىشىلەرگىلا قان بېرەلەيدۇ.
Rh قان تىپى سىستېمىسى
بۇخىل قان تىپىنىڭ بەلگىلىنىشى بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ، پەقەت قىزىل قان ھۈجەيرىسى پەردىسىدە Rh دىن ئىبارەت بىرلا ئانتىگېننىڭ بار يوقلۇقىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ؛ بار بولسا ئۇ ھالدا Rh مۇسبەت، بولمىسا Rh مەنپىي بولغان بولىدۇ. پەرزەنت Rh مۇسبەت قان تىپى بولۇش ئۈچۈن ئاتا ۋە ئانىنىڭ ھەر ئىككىسىدە ياكى پەقەت بىرىدە مۇشۇ خىل گېن بولسىلا بولىدۇ؛ Rh مەنپىي بولۇشى ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ مەنپىي بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاچقا Rh مەنپىي قان تىپى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. Rh مەنپىي قان تىپىغا تەۋە كىشىلەر ئاق تەنلىكلەردە 15% تىن يۇقىرى بولىدۇ، ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەردە 7% ئەتراپىدا، ئامېرىكا ئىندىئانلىرىدا%1 ئەتراپىدا، ئاسىيالىقلار ۋە ئافرىقىلىقلار ئارىسىدا بولسا 1% تىنمۇ ئاز. (بەيدۇ تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماتىريالدا دۆلىتىمىزدىكى ئۇيغۇرلاردا بولسا  كۆرۈلۈش نىسبىتى %5 ئەتراپىدا ، موڭغۇللاردا %1 ، ئەتراپىدا ، خەنزۇلاردا %0.3 ئەتراپىدا دېيىلگەن-تەھرىردىن ).
ئەمدى بۇ قان تىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر چاتاق ئىش بار بولۇپ، ئاساسلىقى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزگە ئوخشاش قائىدە بويىچە Rh مۇسبەت تىپتىكى كىشىلەردە Rh ئانتىگېنى بولىدۇ، Rh مەنپىي تىپلىق كىشىلەردە بولسا بۇ ئانتىگېن مەۋجۇت ئەمەس، دېمەك شۇنداق قانغا ئۇچراشسا دەرھال قارشى تۇرغۇچى ئانتىبودىلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. مۇشۇ سەۋەب، ئەگەر بىر Rh مەنپىي تىپلىق ئايال بىر Rh مۇسبەت تىپلىق ئەر بىلەن توي قىلغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ پەرزەنتى چوقۇم Rh مۇسبەت تىپلىق بولىدۇۋە ئانا بەدىنى تۇنجى بالىنى تۇغۇش جەريانىدا ھامىلىنىڭ قېنى ئانا بەدىنىگە كىرىدۇۋە ئانا بەدىنىدە دەرھا ئىممۇنىتېت ئىنكاسى پەيدا بولۇپ ئۆزىدە بولمىغان بۇ خىل Rh مۇسبەت ئانتىگېنغا قارشى ئانتىبودىلارنى ياسايدۇ. بۇ تۇغۇلىۋاتقان بالىغا دەرھال تەسىر قىلمايدۇ، ئەمما ئىككىنچى قېتىم قورساق كۆتۈرگەندە ئانا بەدىنىدە Rh مۇسبەت ئانتىگېنغا قارشى ئانتىبودىلار شەكىللىنىپ بولغان بولغاچقا ئىككىنچى بالىنىڭ قېنىغا ئانا قېنىدىن بۇ خىل ئانتىگېنلار ئۆتۈپ ھامىلىنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ، ۋە قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ پارچىلىنىپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ھامىلە ھاياتىغا ئېغىر تەھدىت ئىلىپ كېلىدۇ. شۇڭىلاشقا  مۇشۇنداق ئەھۋالغا ماس كەپ قالغان ئاتا-ئانىلار ئىككىنچى پەرزەنتى بولۇشتىن بۇرۇن ئوبدان تەييارلىق قىلىشى لازىم. ھازىر بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ئانىلارغا Rh مۇسبەت ئانتىگېنغا قارشى ئانتىبودىنى ئۆلتۈرىدىغان قاننى ھامىلىدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يىتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.دىققەت قىلمىسلا، بۇنداق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىككىنچى پەرزەنتىنى ساغلام تۇغۇشى تەسكە توختايدۇ. بۇ كېسەلنى بوۋاقلاردىكى قان ئېرىشچانلىق كېسىلى دەپ ئاتايمىز.
ئازكۆرۈلىدىغان بومباي قان تىپى
بۇخىل قان تىپى يەنە hh ياكى Oh قان گۇرۇپپىسى دەپمۇئاتىلىدۇ. بۇ قان گۇرۇپپىسىغا ئىگە تۇنجى كىشى ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرى (ھازىر مومباي دەپ ئاتىلىدۇ) دە بايقالغان بولغانلىقى ئۈچۈن، بومباي قان تىپى دەپ ئاتالغان. بۇ كىشىگە قان سالغانداABO قان تىپى سىستېمىسىدىكى بارلىق قان تىپلىرىغا قارشىلىق شەكىللەنگەن بولۇپ، ABOقان تىپى سىستېمىسىدا گەرچەO قان تىپىدا A ياكى B ئانتىگېننىڭ ھېچقايسىسى بولمىغان بىلەن، بۇ قان تىپىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ قىزىل قان ھۆجەيرىسىدە h دەپ ئاتىلىدىغان باشقا بىر ئانتىگېن ئورتاق مەۋجۇت. بومباي قان تىپىدىكىلەردە بولسا A ياكى B ئانتىگېنىلار يوق بولۇپلا قالماي، يەنە h ئانتىگېنمۇ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەتتا ھەممىگە بابO قان تىپىمۇ بۇ كىشىلەردە رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ.بۇ خىل قان تىپى ھەر بىر مىليون كىشى ئىچىدە پەقەت 4 ئادەمدە ئۇچرايدىغانبولۇپ، دۇنيا بومباي قان تىپى بىرلەشمىسى مەخسۇس مۇشۇ قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ياردەم قىلىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان.
ئەسكەرتىش: قان توغرىسىدىكى بىلىملەرنى چۈشەنچىلىرىم ئاساسىدا ناھايىتى ئاممىباب قىلىپ ئەڭ ئاددىي تىلدا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن قىسقا ۋاقىتتا بۇ يازمىنى يېزىپ چىقتىم. بۇ بىر ئىلمىي ماقالە ئەمەس، پەقەت چۈشەندۈرۈشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن زاغرا تىلدا يېزىلدى. ئەگەر خاتالىقلا ربولسا ئىنكاس قالدۇرساڭلار بولىدۇ.
بىلگەجان
2013 - يىلى ئوغلاقنىڭ 19-كۈنى (سان ئانتونىيو، ئامېرىكا)
ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن ئېلىندى، ئۇيغۇرسوفىت ئىملاچى ئارقىلىق ئىملا توغرىلاندى


【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662