大数跨境

ئ ائىلىدە دورا ساقلاش ئۇسۇلىڭىز توغرىمۇ؟

ئ ائىلىدە دورا ساقلاش ئۇسۇلىڭىز توغرىمۇ؟ dastur
2016-02-04
0
导读:بىر قىسىم كىشلەر ئائىلىدە دورا ساقلىغاندا چۈشەندۈرۈشتى



بىر قىسىم كىشلەر ئائىلىدە دورا ساقلىغاندا چۈشەندۈرۈشتىكى قانداق ساقلاشقا ئائىت مەزمۇنلارنى ئوقۇماستىنلا بارلىق دورىلارنى بىر يەرگە قويۇپ ساقلاۋېرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، دورىلارنى ساقلىغاندا دورىنىڭ قېپىدىكى ئەسكەرتىلگەن ساقلاش ئۇسۇلى بويىچە ساقلاش كېرەك ئىكەن. ئادەتتە دورىلارنى 10-30 گىرادۇس ئەتراپىدا ساقلاشقا بولىدىكەن. ئەگەر ئەسكەرتمىدە سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ، دېيىلگەن بولسا، دورا ساقلىغان جاينىڭ تېمپېراتۇرىسى 20 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. سايە جايدا ساقلىنىدۇ، دېيىلگەن بولسا، دورىنى كۈن نۇرىدىن ساقلاش كېرەك ھەمدە دورا ساقلىغان جاينىڭ تېمېپراتۇرىسى 20 سېلتسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. سوغۇق جايدا ساقلىنىدۇ، دېيىلگەن بولسا، دورا ساقلىغان جاينىڭ تېمپېراتۇرىسى 2-10 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇش كېرەك.  بەزى ئائىلىلەردە بىر يېشىككىلا بارلىق دورىلارنىڭ ھەممىسىنى سېلىشقا ئادەتلەنگەن. دورىلار دۆۋىلەپ بىللە قويۇلسا دورىنىڭ پۇرىقى ئۆتۈشۈپ كېتىدۇ ياكى رېئاكسىيەلىشىپ دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدىكەن. شۇڭا ئامال بار كىچىك دورا ساندۇقىدىن بىرنى ئېلىپ دورىلارنى تۈرگە ئايرىپ ساقلاش، پۇرىقى ئاسان ئۆتۈشۈپ كېتىدىغان دورىلارنى ئايرىپ ساقلاش كېرەك.ئەسلى مەنبە


 

【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662