大数跨境

بالىلارنىڭ قىزىتمىسىنى دورىسىزمۇ قايتۇرغىلى بولىدۇ

بالىلارنىڭ قىزىتمىسىنى دورىسىزمۇ قايتۇرغىلى بولىدۇ dastur
2016-06-21
8
导读: ‍بالىلار قىزىپ قالغاندا قىزىتما قايتۇرىدىغان دورا بېر

 


بالىلار قىزىپ قالغاندا قىزىتما قايتۇرىدىغان دورا بېرىشكە، بولۇپمۇ ئوكۇل ئۇرۇشقا ئالدىرىماڭ. چۈنكى يېقىندا بىر تېۋىپ مۇنداق دېدى: «ناۋادا بالىلارغا دورا بەرسەك ياكى ئوكۇل ئۇردۇرساق ئۇنداقتا ئۇلار كۆپ ھاللاردا قەرەللىك قىزىيدىغان بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى بۇ نەرسىلەر بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا زىيان سالىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە يوپۇرمىقى پاكىز ئۈزۈۋېتىلگەن ياش كەرەپشىدىن تۆت تال، ئاق تۇرۇپتىن ئۈچ كېسىم ۋە ئىككى كېسىم زەنجىۋىلنى ناۋات بىلەن 15 مىنۇت قاينىتىپ سەل سوۋۇغاندىن كېيىن ئىچۈرىۋەتسە، بالا بىر تەرلەيدۇ-دە، قىزىتمىسى يانىدۇ».
بۇ تېۋىپ يەنە مۇنداق دېدى:«مەيلى قۇرامىغا يەتكەنلەر ياكى بالىلار بولسۇن، ناۋادا زۇكامداپ تىتىرسە ياكى بېشى ئاغرىپ، قېيىپ ھەم ئېغىرلاشسا، بەدىنى تېلىپ ئاغرىسا ياكى بۇرنى ئېقىپ كانىيى ئاغرىسا، ئۇنداقتا بەدەندىن كېسەللىك ۋىرۇسىنى قوغلاپ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ، بىراق ھازىرغىچە بەدەندىكى ۋىرۇسنى تەلتۆكۈس يوقىتىدىغان دورا ياسالغىنى يوق، شۇڭا بۇنداق چاغدا دورىغا مۇراجىئەت قىلماي، ئىلىمان قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىپ كىچىك تەرەتنى كۆپەيتسە، بەدەندىكى ۋىرۇسنى ھەيدەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ناۋادا كاناينىڭ ئاغرىقى كۈچلۈك بولسا ئۇنداقتا قايناق سۇغا ئازراق تۇز سېلىۋەتسە كاناينىڭ ئاغرىقى تېزلا بېسىلىدۇ».
مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى


【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读1.3k
粉丝0
内容662