
ساغلام بولمىغان يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنىڭ قورقۇنۇشلۇق كېسەللىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ئەمما تاماقتىن كېيىنكى بەزى ئادەتلىرىگە ھەمىشە سەل قارايدۇ،ھەتتا ئۇنى بىلمەيدۇ، بۇنداق كۆزگە ئىلمىغان ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىساغلاملىقىڭىزنىڭ ( ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى) جان ئالىدىغان « قاتىل » غا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن......
1. تاماقتىن كېيىن مېۋە- چېۋە يېيىش ( مېۋە- چېۋە، يېمەكلىك)
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تاماقتىن كېيىن مېۋە- چېۋە يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ بىر خىل خاتا تۇرمۇش ئادىتىدۇر. يېمەكلىك ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن، ھەزىم بولۇشقا بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە ۋاقىتكېتىدۇ، ئەگەر تاماقتىن كېيىنلا مېۋە- چېۋە يېسە، ئالدىدا يېگەن يېمەكلىك تەرىپىدىن تۇسۇۋېلىنىپ، مېۋە- چېۋىنىڭ نورمال ھەزىم بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ۋاقىت ئۇزارسا، قۇرساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش ياكى قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەل ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. تاماقتىن كېيىن قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچىش
تاماقتىن كېيىن چاي ئىچىش ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇۋېتىپ، يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، چاينىڭ تەركىبىدە زور مىقداردا تاننىك كىسلاتاسى بولىدۇ، تاماقتىن كېيىن چاي ئىچكەندە، ئاشقازاندا ھەزىم بولۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئاقسىل تاننىك كىسلاتاسى بىلەن بىرلىشىپ ئاسان ھەزىم بولمايدىغان چۆكمە ھاسىل بولۇپ، ئاقسىلنىڭ شۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. چاي يەنە تۆمۈر ئىلمېنىتلىرىنىڭ شۈمۈرۈلۈشىگە توسالغۇ بولىدۇ، ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ھەتتا تۆمۈر كەملىكخارەكتېرلىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چقىرىشى مۇمكىن.
3. تاماقتىن كېيىن تاماكا چېكىش
تاماقتىن كېيىن تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىدىن 10 ھەسسە كۆپ بولىدۇ! بۇلار تاماق يېگەندىن كېيىن ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى قاننىڭ ئايلىنىش مىقدارى كۆپەيگەنلىكتىن، تاماكا تەركىبىدىكى زىيانلىق تەركىبلەر زور مىقداردا شۈمۈرۈلۈپ، جىگەر، چوڭ مېڭە شۇنىڭدەك يۈرەك- قان تومۇرلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، بۇ جەھەتتىكى كېسەللىكنى كەلتۈرۈپچىقىرىدۇ.
4. تاماقتىن كېيىن يۇيۇنۇش
تاماقتىن كېيىن يۇيۇنغاندا، بەدەن سىرتىدىكى قاننىڭ ئايلىنىش مىقدارى كۆپىيىپ كېتىدۇ، ئاشقازان، ئۈچەيدىكى قانمىقدارى بۇنىڭغا مۇناسىپ ئازىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ھەزىم قىلىش ناچار بولۇش كېلىپ چىقىدۇ.
5. تاماقتىن كېيىن بەلباغنى بوشىتىۋېتىش
ئىنتايىن نۇرغۇن كىشىلەر تاماقنى كۆپرەك يېگەندىن كېيىن ئۆزىنى سىقىلغاندەك ھىس قىلىپ ھەمىشە بەلباغنى بوشىتىۋېتىدۇ، بۇنداق قىلغاندا قۇرساق سەل ئازادە بولغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما قۇرساق بوشلىقى ئىچكى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپ، ئاشقازاننىڭ پەسكە ئولتۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇشۇنداقئەھۋال ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلسا، ئاشقازان پەسكە ئولتۇرۇپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.
6. تاماقتىن كېيىن يول مېڭىش
تاماقتىن كېيىن « يۈز قەدەم ماڭ» غاندا « 99 » ياش ياشىيالمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەرىكەت مىقدارى ئېشىپكەتكەنلىكتىن، ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ شۈمۈرۈلۈشىگە تەسىريەتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغانلاردا يۈرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش، قان- تومۇر قېتىشىشكېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تاماقتىن كېيىن يول ماڭغاندا كۆپىنچە قان بېسىمىتۆۋەنلەش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
7. تاماقتىن كېيىن ناخشا ئېيتىش
ئەل ئارىسىدا « قۇرسىقى توق پوئاتىدۇ، قۇرسىقى ئاچ ناخشا ئېيتىدۇ » دېگەن گەپ بار، بۇ ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان. تاماق يەپ تويغاندىن كېيىن ئاشقازاننىڭ سىغىمى ئاشىدۇ، ئاشقازان دىۋارىنېپىزلەيدۇ، قان ئېقىم مىقدارى ئاشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ناخشا ئېيتقاندا كېرىگەت تۆۋەنگە ئولتۇرۇشۇپ، قۇرساق بوشلىقىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ-دە، يېنىك بولغاندا ھەزىم قىلىش ناچار بولۇش، ئېغىر بولغاندا ئاشقازان بىلەن ئۈچەي ماس كەلمەسلىكقاتارلىق باشقا كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.
8. تاماقتىن كېيىن ماشىنا ھەيدەش
شوپۇرلار تاماق يەپ بولۇپلا ماشىناھەيدىسە ئاسانلا ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ. تاماقتىن كېيىن ئاشقازان، ئۈچەينىڭ يېمەكلىكلەرنىھازىم قىلىشىغا زور مىقداردا قان كېرەك بولغانلىقتىن، چوڭ مېڭە ئورگانىزىملىرىغاۋاقتىنچە قان يې

تىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەشغۇلات سەۋنلىكى كۆرۈلىد

