大数跨境

خانىم–قىزلاردىكى بەل ئاغرىقىنىڭ سەۋەبلىرى

خانىم–قىزلاردىكى بەل ئاغرىقىنىڭ سەۋەبلىرى dastur
2016-02-08
2
导读:ئادەتتە بەل ئاغرىقى ئەمگەك قىلىپ ھەددىدىن زىيادە چارچ


 


ئادەتتە بەل ئاغرىقى ئەمگەك قىلىپ ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ، لېكىن خانىم – قىزلاردىكى بەل ئاغرىقى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئادەتتە خانىم – قىزلاردا ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھەمدە تۇغۇتتىن كېيىن بەل ئاغرىقى كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.

ھەيز ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلى. ھەيز مەزگىلىدە بىر قىسىم خانىم – قىزلار ئۇششاق – چۈششەك ھەمدە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق كېلىدۇ، لېكىن بۇنداق يېمەكلىكنى يېگەن ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، بەل ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بالىياتقۇ يوغىناپ، بەلگە بولغان بېسىم تېخىمۇ ئاشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەل ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.

بەل مۇسكۇلى زەخىملىنىش. بىر قىسىم كىشىلەردىكى بەل ئاغرىقى ئاساسلىق بەل مۇسكۇلىنىڭ زەخىملەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، يەنى ئۇزۇن مەزگىل ئۆرە تۇرۇش، ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈش قاتارلىقلار بەل مۇسكۇلىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزۇن مەزگىل ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشمۇ بەل ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش. سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش خانىم – قىزلاردىكى بەل ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662