大数跨境

بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئادەم دادىڭىز

بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئادەم دادىڭىز dastur
2016-03-17
1
导读: بۇ دۇنيادا ئەڭ چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئادەمنى دادامىكى

 

بۇ دۇنيادا ئەڭ چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئادەمنى دادامىكىن دەيمەن، نېمىشقا دېسىڭىز، ئۇ سىزگە ئىقتىساتچىل بولۇش كېرەك دەپ داۋراڭ سېلىپ قويۇپ يەنە ھېچكىمگە كۆرسەتمەي خەجلەيدىغانغا پۇل بېرىدۇ
بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويسىڭىز ئۇ سىزنى ئەيىبلىگەندەك قىلغان بىلەن چىن كۆڭلىدە سىزنى ئەيىبلىمەيدۇ
سىزنى ئالدىڭىزدا ئۇنداق ياخشى بۇنداق ياخشى دەپ ماختىمىغان بىلەن سىزدىن پەخىرلىنىپ ئۆلۈپ قالغىلى تاس قالىدۇ
سىزنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىشىڭىزنى خالىمايدۇ، ئەمما كەلگۈسىدە بەختلىك ئائىلىڭىزنىڭ بولىشىنى كېچە - كۈندۈز تىلەيدۇ
بۇ دۇنيادا سىزنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغان ئەمما بۇنى ئالدىراپ ئېغىزىدىن چىقىرالمايدىغان كىشى دەل سىزنىڭ دادىڭىز
كىم سىزنىڭ ئات قىلىپ مىنىشىڭىزگە تۇرۇپ بېرىدۇ؟ كىم سىزنى تايتاڭلاپ ماڭدۇرۇپ ئوينىتىدۇ؟
بۇ دۇنيادا بېسىمى ھەممىدىن ئېغىر، رىقابەتكە ھەممىدىن بەك ئۇچرايدىغان ئەڭ مەسئۇلىيەتچان كىشىمۇ دەل سىزنىڭ دادىڭىز
بۇ دۇنيادا ھەممىدىن غېرىب كىشى سىزنىڭ دادىڭىز
سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر ئىچىدە بوران - چاپقۇنغا ھەممىدىن بەك يولۇققان، ئېرىشكىنى ھەممىدىن ئاز كىشى دەل سىزنىڭ دادىڭىز
دادا، قالغان ئۆمرىڭىزدە سىز مېنى كىچىك ۋاقتىمدا تەتە ئېتىپ ماڭغاندەك قولىڭىزدىن يېتىلەپ تاكى ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىچە سىز بىلەن بىللە ماڭسام دەيمەن



【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662