
قوغۇن ۋە قوغۇن ئۇرۇقى ھەققىدە چۈشەنچە

قوغۇننىڭ تەبىئىتى ئۇيغۇر تېبابىتىدە ھۆل ئىسسىق دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭ سۈيدۈك ھەيدەش، بەدەنگە ئوزۇق بولۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، تەرەت يۇمشىتىش، مېڭە ۋە بەدەندە ھۆللۈك پەيدا قىلىپ ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش رولى بار.
ئۇندىن باشقا سۈيدۈك تۇتۇلۇش، سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش، سۆزنەك، بۆرەك ۋە دوۋسۇن يارىسى، ھەيز تۇتۇلۇش، كۆپ ئۇسساش، قەۋزىيەت، جىگەر ۋە بۆرەك يوللىرى توسۇلۇش قاتارلىق كېسەللىكلەردە ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. قوغۇننى كۆپرەك يەپ بەرسە يۇقىرىدىكى كېسەللەرگە پايدا قىلىدۇ.
قوغۇننىڭ شاپىقى سۈيدۈك ھەيدەيدۇ، بۆرەكتىكى تاشلارنى پارچىلاپ چىقىرىدۇ. گۆش بىلەن قوشۇپ، پۇشۇرۇپ يېسە تېرىگە جۇلا بېرىدۇ، يەنى قوغۇننىڭ شاپىقىنى تازىلاپ توغراپ، گۆش بىلەن قورۇما تەييارلاپ يېسە ياكى دۈملەپ يېسىمۇ يۇقىرىدىكى تەسىرنى بېرىدۇ.
ئېتى كۆك چىقىدىغان، يۇمشاق، سۇلۇق قوغۇن بەدەنگە ناھايىتى ياخشى ئوزۇق بولۇپلا قالماستىن ئاسان سۈمۈرۈلىدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن چوڭ-كىچىك ھەر خىل ياشتىكىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ.
ئېتى قىزىل قوغۇن بەدەندە يەل ۋە توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە يەلدىن بولىدىغان كېسەللەر بىلەن ئاغرىغان كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ.
قوغۇننىڭ تەبئىتى ھۆل ئىسسىق بولغاچقا بەدىنى ھۆللۈكتىن ئاسان سېمىرىيدىغان، كۆپ ئۇخلايدىغان كىشىلەر كۆپ يېمەسلىكى كېرەك.
قوغۇن ئۇرۇقىنىڭ تەبىئىتىمۇ ھۆل ئىسسىق بولۇپ، جىگەر توسالغۇلىرىنى ئېچىش، سۈيدۈك ھەيدەش، بۆرەك، دوۋساق ، ئۈچەينى تازىلاش، تەبىئەتنى يۇمشىتىش، بەلغەم بوشىتىش، مەنىي كۆپەيتىش، باھانى قۇۋۋەتلەش، تېرىدىكى داغنى چۈشۈرۈش، تېرىنى جۇلالىق ۋە سۈزۈك قىلىش خۇسۇسىيىتى بار. قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، كۆكرەك ئاغرىقى، تىل ۋە گالنىڭ يىرىكلىكى، سۈيدۈك قېتىم سانىنىڭ كۆپ بولۇشى، ۋە ئېچىشتۇرۇپ كېلىشى، جىگەر ئىششىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
قوغۇن ئۇرۇقىنىڭ مېغىزىنى ئېلىپ مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قوغۇن ئۇرۇقىنى قۇرۇتۇپ تەڭ مىقداردا چامغۇر ئۇرۇقى ۋە رەۋەن بىلەن يۇمشاق ئۇپا ھالەتتە ئېزىپ ساپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۈزىگە سۈرۈپ بەرسە تېرىنى يۇمران، جۇلالىق قىلىدۇ. تېرىنى سۈزۈپ داغ يوقىتىدۇ. ئىچىدىن مۇناسىپ ئوزۇقلىنىش ۋە ئاسراش چارىسىنى بىللە قوشۇپ يۈزىگە سۈرۈپ بەرسە بالدۇر شەكىللەنگەن قورۇقلارنى، تېرىدىكى خۇنۈكلىك، سېرىقلىقلارغا مۇئەييەن مەنپەئەت قىلىدۇ.
قوغۇن ئۇرۇقى مېيىمۇ يۈز تېرىسىگە جۇلا بىرىدىغان بولۇپ تېرىسى قۇرغاق، يېرىك خانىملا ئانچە-مۇنچە مايلاپ بەرسە بولىدىكەن. ياكى قوغۇق ئۇرۇقىنىڭ لېشىنى يۈزىگە سۈركەپ بەرسىمۇ بولىدىكەن.
قوغۇن مېيىنىڭ ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى ئۆلتۈرۈش، بۆرەك، دوۋساقتىكى تاشنى پارچىلاش، تاش چۈشۈرۈش رولى بولۇپ كۈندە بىر قوشۇقتىن ئىككى قىتىم ئىچىپ بىرەر ئاي داۋاملاشتۇرۇپ تەكشۈرتۈپ بېقىپ، ئەھۋالغا قاراپ ئىچىشنى داۋاملاشتۇرسا ياكى توختاتسا بولىدىكەن.
بۇ مايدا باچكا ياكى چۆجە گۆشىنى قورۇپ يېيىش ئارقىلىق ياكى كۆكتات شورپىسىغا سىلىپ ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدىكەن.
يازنىڭ دەسلىپىدە پىشىدىغان چىلگە قوغۇننى ھۆل سوغۇق دەپ قارىلىدىغان بولۇپ سوغۇقجان كىشىلەر كۆپ يېسە ئادەمنى لەقۋا قىلىدۇ، پەي، نېرىپلارنى بوشىتىپ مىجەزنى سۇسلاشتۇرىدۇ، دېيىلىدۇ.

كۆرىدىغاننى كۆرىۋېلىپ چىقىپ كەتمەكچىمۇ؟ سالونىمىزنى قوشىۋېلىپ چىقىپ كېتىڭ ،ماقىما


