

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
ئاشقازىنىڭىز بىئارام بولامدۇ؟ ھەزىم قىلىش بۆلۈمىدىكى دوختۇر سىزگە بۇ ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىدۇ(ئاشقازان ئاسراشتىكى مەخپى رېتسىپ)
ئاشقازان ئاغرىش، ئاشقازان كۆپۈش، سېرىق سۇ يېنىش...قاتارلىق بۇ ئالامەتلەر نۆۋەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنى بىئارام قىلماقتا.

نۇرغۇن كىشىلەر ئاشقازان ئاغرىسا دوختۇرغا بېرىپ كۆرىنىدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئاغرىق توختىتىش دورىسى بىلەن بىر تەرەپ قىلىدۇ، يەنە بىر قىسىملىرى بولسا چىدىساملا ئۆتۈپ كېتىدۇ دەپ مەجبۇرى بەرداشلىق بېرىدۇ. ئۇنداقتا ئاشقازان بىئارام بولغاندا زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەمىسە تۆۋەندىكى كۆرسەتمىگە دىققەت قىلىڭ:
ئاشقازان بىئارام بولسا چوقۇم ئاشقازاندىن مەسىلە چىققانلىق بولامدۇ؟
ئادەتتە دېيىلىپ كېلۋاتقان ئاشقازان ئاغرىقى بولسا ھەزىم يولى، ئاشقازان، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي قاتارلىق جايلاردا يۈز بېرىدىغان بىر قاتار كىسەللىك ئالامەتلىرىدۇر. بۇ كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆكرەك مۇسكىلىنىڭ تۆۋەنكى ئارقا تەرىپىدە، خەنجارسىمان ئۆسۈكچىنىڭ تۈۋەنكى تەرىپىدە، ئاستىنقى قوساق قىسمىنىڭ ئۈستىنكى تەرىپىدە ئىپادىلىنىدۇ.
كۆكرەك مۇسكۇلى: ئىككى كۆكرەك ئارىلىقىنى باسقاندا يۇمشاق بىلىنىدىغان تېرە ئاستىدىكى قىسىم.
خەنجارسىمان ئۆسۈكچە: كۆكرەك مۇسكىلىنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئەتراپتا يەنە ئاشقازاننىڭ نۇرغۇن قوشنىلىرى مەۋجۇت، مەسىلەن : تال، جىگەر، ئۆت قاتارلىقلار ئاشقازان بىئارام بولغاندا بەلكىم تال ياللۇغلانغان، جىگەر ياللۇغلانغان ياكى جىگەر راكى كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم سېستىمىلارنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرى ئاشقازان ئاغرىۋاتقاندەك خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
مەسىلەن: ئۇمۇرۇتقا ياللۇغى بولغاندا باش قېيىش ، ئىچى ئېلىشىش، ياندۇرۇش قاتارلىق
ئالامەتلەر ئاشقازان ئاغرىۋاتقاندەك خاتا تۇيغۇ بېرىدۇ.
يەنە بىر قىسىم قان تۇمۇر كېسەللىرى قورساق قىسىمنىڭ بىئاراملىقىنى ياكى ئاشقازاننىڭ بىئاردملىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،
ئاشقازىنىڭىز بىئارام بولغاندا سىز دائىم تۆۋەندىكىدەك تەكشۈرتىشلەرنى قىلامسىز؟
1. ئاشقازاننى تەكشۈرتۈش
ئادەتتە دائىم ئىلىكتىرون گاستىروسكوپتا تەكشۈرتۈش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ، بۇ خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ھەزىم يولى، ئاشقازان، ئون ئىككى بارماق ئۈچەينىڭ ھەرقايسى رايۇنلىرىغا قارىتا ئىنچىكلىك بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايدۇ ھەم بىر قىسىم گۇمانلىق كىسەللىك قوزغاتقۇچىلارغا قارىتا مەركەزلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايدۇ. ئەمما بۇ خىل تەكشۈرۈش تەكشۈرۈلگىچىنىڭ بىئاراملىقىنى قوزغايدۇ، مەسىلەن ئىچى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق.
ئەگەر ئاغرىققا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكتىن ئەنسىرسىڭىز ئاغرىتماي سېلىنىدىغان گاستىروسكوپتا تەكشۈرتىشنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈستۈنكى ھەزىم يولىنى رەسىم تارتىش، يۇقىرى ئىمپىرا دولقىنى ئارقىلىق سايە چۈشۈرۈش، CT تەكشۈرۈش قاتارلىقلار، بۇ خىل ئۇسۇللار ئېلىكتىرون گاستىروسكوپتەك يۇقىرى ئېنىقلىقتا، توغىرلىقتا بولمايدۇ ئەلۋەتتە، شۇنداقلا مۇنداق تەكشۈرتۈشتە مەسىلە بارلىقى بايقالسا يەنىلا ئېلىكتىرون گاستىروسكوپتا تەكشۈرتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
2. ئاشقازاننىڭ قوشنا ئەزالىرىنى تەكشۈرۈش
جىگەر ئۆت تالنى رەڭلىك رەسىمگە چۈشۈرۈش، قان تەكشۈرتۈش، جىگەر نورمال ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش، چوڭ تەرەت تەكشۈرتۈش، ئۈچەيگە نەيچە سېلىش قاتارلىقلار.
ئاشقازان ئاغرىقىنى پەسەيتىپ، ئاشقازان ئاسراشتىكى بەش خىل مەخپى ئۇسۇل
1. تاماكا ھاراق تاشلاش
ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر تەركىبىدىكى ئىسپىرىت 20سېلىتسىيە گىرادۇسلۇق ئەھۋالدا ھەرسائەتتە 100مىللىلىتىر ئىستىمال قىلىنغاندا ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ ھەتتا قان تۇلۇپ شەلۋەرەش ئېغىر بولغاندا ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاماكا چىكىش ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسىنى زىيانغا ئۇچۇرتىپلا قالماستىن قىل قان تۇمۇرلرنىمۇ زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، شۇنداقلا شىلىمشىق پەردىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ئوكسىگىن كەمچىل ھالەتتە تۇرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاماكا چىكىش، ھاراق ئىچىش ئاشقازان يارىسىنى ئېغىرلاشتۈرۇپ ئاستا خاراكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان ھەزىمى ياخشى بولماي تەتۈر يېنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۆزىڭىز ھەم ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ھاراق، تاماكا تاشلاڭ.
2. ئىنچىكە ئۇششاق چايناپ ئاستا يۇتۇش
يىمەكلىكنى ئېغىزدا ياخشى چاينىماي يۇتۋېتىش ئاشقازاننقڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ.
تاماقنى تېز يىيىش ھاۋانى سۈمۈرۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئاشقازان كۆپۈپ قېلىشقا سەۋەپچى بولىدۇ؛ تاماقنى ئىسسىق ھەم تېز يىيىش ئېغىز بوشلىقى ھەم ھەزىم يولىدىكى شىلىمشىق پەردىلەرنى كۆيدۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى راكى، ھەزىم يولى راكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا تاماق يىگەندە دائىم ئۆزىمىزگە ئۇششاق، كۆپ چايناپ ئاستا يۇتۇشنى ئەسكەرتىپ تۇرىشىمىز كېرەك.
3. يىمەكلىك تازلىقىغا دىققەت قىلىش
كونىلاردا " كىسەللىك ئېغىزدىن كىرەر" دىگەن گەپ بار، شۇڭا يىمەكلىك تازلىقىغا دىققەت قىلساقلا ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىدىن خالىي بولالايمىز.
مەسىلەن: تاماقتىن بۇرۇن تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش؛ خام پىشىق يېمەكلىكلەرنى ياخشى ئايرىش؛ توڭلىتىلغان يىمەكلىكنى ئىستىمال قىلغاندا چوقۇم ئىسسىتىپ ئىستىمال قىلىش؛ كۆكىرىپ قالغان يىمەكلىكنى ئىستىمال قىلماسلىق قاتارلىقلار.
ھازىرغىچە تىبابەتتە بۇرمىسىمان تاياقچە باكتىرىيىسىدىن ياللۇغلىنىش نۇرغىنلىغان ئاشقازان ئۈچەي كىسەللىكىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل باكتىرىيىنىڭ تارقىلىش يۇقۇش يولى بولسا تەرەتتىن ئېغىزغا، ئېغىزدىن ئېغىزغا يۇقۇش.
شۇڭا ئائىلىدە كىچىك بالا بولسا ( بەش ياشتىن كىچىك بالىلار) ئۇلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئايرىم تۇتۇش ، چاينالغان يىمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك، ئېغىزىغا سۆيمەسلىك قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇرمىسىمان تاياقچە باكتىيىسىدىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
4. تۇزسىز تاماق ئىستىمال قىلىش
تۇزلۇق تاماق ئىستىمال قىلىش بولسا تەركىبىدە تۇز مىقدارى كۆپ بولغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇزلۇق ئىستىمال يۈرەك قان- تۇمۇرغا زىيانلىق بولۇپلا قالماي ئاشقازانغىمۇ زىيانلىق. ئۇزۇن مەزگىك يۇقىرى تۇز مىقدارلىق يىمەكلىك ئىستىمال قىلغاندا ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئاشقازىنىڭىزنى ئاسرايمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم تۇزلۇق تاماقنى ئاز ، يېڭى كۆكتات، مىۋىنى كۆپ ئىستىمال قىلىڭ.
5. ئىستىمال خاتىرىسى قالدۇرۇشقا ئادەتلىنىڭ
ئوخشىمىغا ئادەملەرنىڭ ئوخشىمىغان يىمەكلىككە قارىتا ئاشقازىننىڭ ھەزىم قىلىشى ئوخشىمايدۇ، بەزىلەر ئاچچىق، غىدۇقلىغۇچى يىمەكلىكنى ئىستىمال قىلسىمۇ ھېچقانداق تەسىرى بولمىغان بىلەن بەزىلەرگە بەكلا ئاۋارچىلىق بولىدۇ.
ئادەتتە ئىستىمال خاتىرىسى قالدۇرۇپ قويغاندا ئۆزىگە قايسى خىل تاماقلارنىڭ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ ھەم شۇ خىل تاماقنى ئاز ئىستىمال قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزىگە ئەسكەرتكىلى بولىدۇ.
ئاشقازان ئاغرىش، ئاشقازان كۆپۈش قاتارلىقلارغا قارىتا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىردەم چىدىسام ئۆتۈپ كېتىدۇ ، بىر دەمدىن كېيىن ياخشى بولۇپ قالىدۇ دەپ سەل قاراش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ، ئەمما كىچىك كىسەلنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغاندا چوڭ كىسەل ئۆزىنى ئاشكارلايدۇ، شۇڭا ئۆزىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈشتە كىچىك ھالقىلارغا سەل قارىماڭ.
ھەزىم يولى دوختۇرى لوگۈنخوڭ بىزگە ئەسكەرتكەن بۇ بەش خىل ئاشقازان ئاسراش ئۇسۇلى بىزنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي ساغلاملىقىنى ئاسراپ، كېسەللىكنى ئازايتىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.




