大数跨境

ئەمەنگە بۇنى قوشسىڭىز ئاغرىقىنى داۋالايدۇ، قۇلاي ھەم ئەرزان

ئەمەنگە بۇنى قوشسىڭىز ئاغرىقىنى داۋالايدۇ، قۇلاي ھەم ئەرزان dastur
2018-06-24
3
导读:ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ ھازىر دەل يازنىڭ ئوتتۇرا

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

 ھازىر دەل يازنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى ھاۋا ئىسسىق ، ھۆل-يىغىنمۇ سەل كۆپ بولىدۇ، بۇنداق چاغدا بويۇن، بەل-پۇت ئاغرىيدىغان بوغۇم ياللۇغى كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ.

شۇڭا بۇنداق ۋاقىتلاردا ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى يىيىشتىن ساقلىنالمايمىز، ئەمما ئاغرىق توختىتىش دورىسنى ئىستىمال قىلىش نۇرغۇن ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇلار

  1. كېسەللىكنى يۇشۇرۇپ قويىدۇ 2.

  2. ئاسانلا خۇمار قىلىپ قويىدۇ

  3. 3. ئانافىلاكسىيە رېئاكسىيىسىنى پەيدا قىلىدۇ

  4. 4. قان ئىشلەپچىقىرىش سېستىمىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ

  5.  5. ئاشقازان يېپىشقاق پەردىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ

  6. 6. زەھەرلىنىشتىن بولغان جىگەر ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

  7. 7. بۆرەكنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىدۇ ھەم نۆرەك ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

  8. 8. ئۆسمە پەيدا قىلىدۇ

  9.  9. نېرۋا سېستىمىسىغا تەسىر قىلىدۇ  

  10. 10.  يۈرەك قان-تۇمۇر كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

  11. 11. ھامىلدارلارغا زىيان قىلىدۇ

  12. 12. ئاڭلاشئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ


 تۆۋەندە كۆپچىلىككە ئاددىي ھەم ئەرزان  ئەكىس تەسىرى يوق  ئۇسۇللارنى تۇنۇشتۇرىمىز: 

  ماتىرىياللار: ئەمەن 60گىرام، ئاقچەشكە 15گىرام، پىياز2-3تال، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاق ھاراق 

 ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى:   ئەمەن، ئاقچەشكە،پىيازلارنى ئىزىپ داكىغا ئوراپ ئاندىن ئاق ھاراققا چىلاپ كېسەللەنگەن ئورۇنغا چاپلايمىز. 

  ئۈنۈمى : بەل ئاغرىق بىمارلىرى بىر - ئىككى قېتىم سۈرسىلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ،  سوغوقتىن بولغان بوغۇم ئاغرىقلىرىغا،بەل-پۇت سىقىراپ ئاغرىشقىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ.

ئەمەن يۇپۇرمىقى يەنە ئەمەن، داغلاش ئوتى، دوختۇر ئوتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ،، ئۇ ھۆللىكنى ھەيدەپ، سوغوقنى قوغلايدۇ، قان توختىتىدۇ، دەم سىقىشنى ياخشىلايدۇ، يۆتەلنى توختىتىدۇ، ھامىلىنى ساقلايدۇ، ئانافلاكسىيەگە قارشى تۇرىدۇ.

  ئەمەن يۇپۇرمىقى ئەمەن بىلەن داغلاشنىڭ ماتىرىيالى بولۇپ، ئە جداتلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپ ئىشلىتۋاتقان سىرتتىن داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ نۇرغۇن كېسەللىكنىڭ ياخشى داۋاسىدۇر.

 ئاق ھاراق جۇڭيى تىبابىتىدا سوغوقنى قوغلاپ، قاننى جانلاندۇرىدۇ، تۇمۇرنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئاق ھاراق بىلەن ئەمەننى كېسەللەنگەن ئورۇنغا بىللە ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

  ئەمەن سۈيىگە پۇت چىلاش سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان داۋالاش 

  ئەمەننىڭ ئاق ھاراق بىلەن ئىشلىتىلىشىدىن سىرت يەنە ئەمەن سۈيىگە پۇت چىلاشنىڭ نۇرغۇنلىغان پايدىلىق تەرەپلىرى بار ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 

1.  يەل ھەيدەش 

 ئەمەن سۈيىگە پۇت چىلىغاندا سوغوق يەلنى ھەيدەپ ئېغىز جاراھەتلىنىش، بوغۇز ئىشىپ قېلىش، چىش ئەتراپى ياللۇغلىنىش، چىش يىلتىزى ياللۇغلىنىش، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى قاتارلىق باش قىسمىدىكى  كۆپ كۆرىلىدىغان كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

2. ئىسسىقنى ھەيدەش 

 يازنىڭ تۇمۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە ئەمەن سۈيىگە پۇت چىلاپ بەرگەندە جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاپ يۈرەكنى ئىسسىق قاپلاپ كېتىشتىن ساقلاش ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولىدۇ.

3. يۆتەلنى ياخشىلاپ، بەلغەمنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، ئانافلاكسىيەگە قارشى تۇرىدۇ 

 ھازىرقى زامان دورا ئىلمىنىڭ ئىسپاتلىشچە ئەمەندە پۇت يۇيۇش  يۆتەلنى توختىتىپ، بەلغەمنى چىقىرىپ تاشلايدۇ ھەم ئانافلاكسىيىگە قارشى تۇرىدۇ،  ئەمەن سۈيىگە پۇت چىلىغاندا يۆتەل توختاشنىڭ سەۋەبى بولسا ئۇنىڭ پۇرىقى بۇرۇن، ئېغىز ئارقىلىق قۇبۇل قىلىنغانلىقى ھەم پۇتنىڭ ئاستىنقى يۈزىگە تارقالغان بۆرەل، تال، جىگەرگە مۇناسىۋەتلىك تۇمۇرلارنى جانلاندۇرۇپ سوغوقنى ھەيدىگەنلىكىندۇر.

 4. زۇكامنى داۋالايدۇ 

 ئەمەن سۈيىگە پۇت چىلىغاندا سوغوقتىن بولغان زۇكام، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، بوغۇز ئاغرىش، پۈتۈن بەدەن سىرقىراپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ، تاكى پۈتۈن بەدەن تەرلىگىچە چىلىسا ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرىنەرلىك بولىدۇ.

5. كۆز ئەتراپى قارىداشنى يوقىتىدۇ

 جىگەر بۆرەك زەئىپلىشىش كۆز ئەتراپى قارىداشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، بەدەندىكى سوغوقنى ھەيدىكەندە بۇ ئەھۋالنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.



شىنجاڭ دەستۇرخەلىقئاراسوداچەكلىك شىركىتى

بارماق ئىزىنى بىسىپ تۇرۇپ سالوننى قۇشۇڭ


【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读1.3k
粉丝0
内容662