

جىگەردە مەسىلە كۆرۈلسە، بۇ 2 ئورۇن ئاغرىيدۇ
جىگەر ئىقتىدارى ئاساسەن ، جىگەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئۆلچەيدىغان كۆرسەتكۈچ . جىگەر ئىقتىدارىدا ئاجىزلاش يۈز بېرىپ قالسا ، يەنە بەدەندە ئاغرىق سېزىمى پەيدا بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . يەر شارىدىكى جىگەر راكى كېسەللىك مىسالىدا ، % 50 تىن ئارتۇق جىگەر راكى بىمارىغا دىياگنوز قويۇلغان ۋاقىتتا تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرا باسقۇچقا بېرىپ بولغان بولۇپ، داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان . جىگەردە مەسىلە بار ـ يوقلۇقىنى، تۇرمۇشتا يەنە بۇ 2 ئورۇندا ئاغرىق بار ـ يوقلۇقىدىن بىلگىلى بولىدۇ .
1. جىگەر رايۇنى ئاغرىش
جىگەر قورساقنىڭ ئوڭ ئاستىنقى قىسمىنىڭ سەل ئۈستى تەرىپىگە ئورۇنلاشقان ، جىگەر رايونىنى كۆرسىتىدۇ . جىگەر ۋە ئۆتتە كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغاندا ، جىگەر رايونىدا ئاغرىش، سانجىپ ئاغرىش سېزىمى بولىدۇ ؛ ئۇندىن باشقا يەنە جىگەر ئۆسمىسى بىلەن ئاغرىق قوشۇلۇپ كېلىدۇ . ئۆت خالتا ياللۇغى، جىگەر قېتىش، جىگەر راكى، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش قاتارلىقلار ئادەتتە بىماردا ئوڭ بىقىنى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، بولۇپمۇ جىگەر ياللۇغى كېسەللىك تارىخى بارلاردا ، جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىدا بۇ ئورۇندا ئاغرىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ .
2. ئوڭ مۈرە ئاغرىش
جىگەردىكى ئۆسمىسىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، ئاغرىق كەلتۈرۈپ چىقارغان رادىئاتسىيە سەۋەبىدىن ئوڭ مۈرە ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بەزى جىگەر ئۆسمىسى بىمارلېرىدا سول مۈرە ياكى دۈمبىسىدە رادىئاتسىيەلىك تېلىپ ئاغرىش پەيدا بولىدۇ ،ئۆسمىگە ئەگىشىپ ئاغرىش دائىرىسى ئاستا - ئاستا چوڭىيىدۇ . يەنە ئەتراپىدىكى دىئافراگمىنى ( 横膈膜 ) بېسىۋالىدۇ، ھەمدە ئۆپكىنىڭ تۆۋەنكى مۇسكۇل نېرۋا توقۇلمىسىنى بېسىۋالىدۇ . بۇ نېرۋا توقۇلمىسى ئوڭ مۈرە نېرۋىسىغا ئۇلانغانلىقتىن، ئوڭ مۈرە ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
جىگەر قېتىشنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى : ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ
جىگەر قېتىشىش ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ، جىگەر ئاغرىش بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئۆمۈچۈكسىمان مەڭنىڭ پەيدا بولۇشى . بۇ بىر قىزىل رەڭ تۈسىنى ئالغان، مەركىزى بار مەڭ بولۇپ، ئەتراپىدىكى ئۇششاق قان تومۇرلارنى ئاسان پەرق ئەتكىلى بولىدىغان تىپىك ئىپادىسى قوشۇلۇپ كېلىدۇ . ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ ئاغرىمايدۇ ھەم قىچىشمايدۇ ، قول بىلەن باسقاندىن كېيىن ، ئەتراپىدىكى قان تومۇرلارنىڭ كېڭەيگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ .ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ كۆپ ھاللاردا مۈرە، بويۇن قاتارلىق جايلاردا پەيدا بولسا ، جىگەر كېسەللىكىدە ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ . جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىدا ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ كۆرۈلسە ، ئادەتتە جىگەر قېتىشىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ؛ دېمەك، بۇ ئۆمۈچۈكسىمان مەڭنىڭ پەيدا بولىشى ، كېسەللىككە ھۆكۈم قىلىشنىڭ پايدىلىنىش كۆرسەتكۈچىنىڭ بىرى .
مەزمۇن يارىغان بولسا، بىزنى قوللاشنى خالىسىڭىز ئاستىدىكى
بەلگىسىنى بېسىشنى ئۇنۇتماڭ!
دەستۇر ساغلاملىق سالونى
●●●








بەلگىسىنى بېسىشنى ئۇنۇتماڭ!