
ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
ئاچچىقسۇغا تۇخۇم چىلاش نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن مەخپىي رېتسېپ گەرچە مەشغۇلات ئۇسۇلى ئاددىي بولسىمۇ ئەمما تەنگە بولغان پايدىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپمۇ ھەزىم قىلىشى ياخشى ئەمەس ۋە ياكى تاماقتىن قالغان بىمارلارغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن يۇقىرى تۆۋەندە بىز ئاچچىقسۇغا چىلانغان تۇخۇمنىڭ قايسى خىل شىپالىق روللىرىنىڭ بارلىقىنى شۇنىڭدەك ئۇنى تەييارلاش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى:

ئاچچىقسۇغا چىلانغان تۇخۇمنىڭ تەييارلىنىش ئۇسۇلى : ئالدى بىلەن تۇخۇمنى پاكىز يۇيۇپ تۇخۇم شاكىلىدا ھېچقانداق مەينەت قالدۇرمايمىز، ئاندىن لۆڭگە بىلەن تۇخۇمنى پاكىز سۈرتۈپ ھىم ئېتىلىدىغان دول جاي ئىچىگە سېلىپ، ئاچچىقسۇنى تۇخۇم پۈتۈنلەي چۆككىچە قويۇپ ئاغزىنى ھىم ئېتىپ بىر كۈن چىلاپ قويمىز، تۇخۇم بىلەن يېمەكلىك ئاچچىقسۈيى رېئاكسىيەلىشىپ بىر كۈندىن كېيىن قارىسىڭىز تۇخۇم شاكىلىنىڭ ئېرىپ يوقاپ كەتكەنلىكىنى تۇخۇمنىڭ كۆپۈپ كىچىك ھاۋا شارىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرىسىز ، بۇ چاغدا چوكىڭىز بىلەن تۇخۇمنى يېرىپ ئۇنى ئاچچىقسۇ بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ بوتۇلكا ئاغزىنى يەنە يىم ئېتىۋېتىمىز، ئاندىن يەنە بىر كۈن چىلىغاندىن كېيىن ئىسىڭىز بولىدۇ ئۇنى ئىچكەندە قايناق سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق مىقداردا سەل ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسىڭىز بولىدۇ، بىر قېتىمدا چىلانغان تۇخۇم ئاچچىقسۈيىنى ئون كۈن ئەتراپىدا ئىچسىڭىز بولىدۇ.

ئاچچىقسۇغا چىلانغان تۇخۇمنىڭ شىپالىق رولى
1. تېرىنى ياخشىلاپ چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ: ئاچچىقسۇغا چىلانغان تۇخۇمنى كۈندە يەپ بەرسىڭىز تېرىڭىز يۇمرانلىشىپ ئارقىلىق پارقىراقلىشىدۇ، چۈنكى تۇخۇم شاكىلى تەركىبىدە زور مىقداردا كالتسىي بار بۇ خىل كالتسىي ئاچچىقسۇغا چىلانغاندا ئېرىپ كېتىدۇ ئەمما كالىسى بىزنىڭ تېنىمىزدە ئىشقارلىق خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا ھۈجەيرە ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بۇنداق بولغاندا تېرىنىڭ قېرىپ كېتىشنى ئاستىلاپ يۈزىڭىزدىكى داغلارمۇ يوقايدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ يەنە توكسىن ھەيدەش رولىغىمۇ ئىگە ئۇنى ئىچمەي يۈزىگە سۈرتۈشكىمۇ بولىدۇ.

2. يۇقىرى قان بېسىمىغا شىپا قىلىدۇ : ئاچچىقسۇغا چىلانغان تۇخۇم قان بېسىمى يۇقىرى بىمارلارغىمۇ ماس كېلىدۇ، قان بېسىمىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ، ئاچچىقسۇغا چىلانغان تۇخۇمنى بىر ھەپتە چىلاپ ئىچىشنى ئۇدا تۆت ئايغىچە داۋاملاشتۇرسا قان بېسىمىنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ.

3. ساقلىقنى ساقلاپ كۈتۈنۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ: ئاچچىقسۇغا خام تۇخۇمنى سېلىپ بىر ھەپتە چىلىغاندىن كېيىن، شۇنداق قارىغىنىڭىزدا تۇخۇم شاكىلى ئېرىپ بىر قەۋەت نېپىز تېرىسىنىڭ قالغانلىقىنى بايقايسىز، ئارقىدىن سىز ئۇنى تېشىپ ئاچچىقسۇغا تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ھەسەل ۋە قايناقسۇ بىلەن مۇۋاپىق تەڭشەپ ئىچىپ بېرىڭ، ھەر كۈنى سەھەردە بىر قېتىمدىن ئۇدا يەتتە كۈن ناشتىدىن بۇرۇن مۇشۇنداق ئېچىپ بىر ئاي بىر قېتىملىق داۋالاش باسقۇچى قىلسىڭىز بارغانسېرى ياشىرىپلا قالماي تەن سالامەتلىكىڭىزمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇ تۇخۇم بالىلارغا شۇنداقلا ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلارغا ماس كەلمەيدۇ. بولۇپمۇ ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى بىلەن ئاشقازان يارىسى بار بىمارلارغا ماس كەلمەيدۇ، بۇ خىل كىشىلەر بۇنداق تۇخۇمنى يېسە كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

بارماق ئىزىنى بىسىپ تۇرۇپ سالوننى قۇشۇڭ



