大数跨境

نېمىشقا ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى ئالدىنى ئېلىش

نېمىشقا ئاسانلا  قەۋزىيەت  بولۇپ  قېلىشنىڭ سەۋەبى ئالدىنى ئېلىش dastur
2018-08-11
1
导读:ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھتاۋۇز شاپىقىدىن ئۈنۈملۈك پاي





ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

تونۇش: بۇ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كېسەللىك بولماستىن، بەلكى سەۋەبلىرى مۇرەككەپ بولغان بىرخىل ھەزىم ئەزا كېسەللىكلىرىدىن ئىبارەت. بۇ، گەندىنىڭ ئۈچەي ئىچىدە بەك ئۇزاق تۇرۇپ قېلىشى، چوڭ تەرەتنىڭ تولۇق چىقىرىلىپ تاشلانماسلىقى ياكى تەرەت قىلىش قېتىمىنىڭ ئازىيىشى، گەندە مۇنىكىنىڭ قۇرۇق ۋە قاتتىق بولۇشى قەۋزىيەت ياكى ئىچ قېتىپ قېلىش دېيىلىدۇ.

قەۋزىيەت خاراكتېرىگە ئاساسەن ئادەتتىكى قەۋزىيەت ۋە ئادەتلىنىش خاراكتېرلىك قەۋزىيەت دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇلار يەنە كېسەللىك يۈز بەرگەن ئورۇنغا ئاساسەن تۈز ئۈچەي قەۋزىيىتى ۋە چەمبەر ئۈچەي قەۋزىيىتى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.

قەۋزىيەتكە باھا بېرىشتە، چوڭ تەرەت قىلىنمىغان ۋاقىت 48 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، قەۋزىيەت دەپ ئاتىلىدۇ.

سەۋەبى: كېسەللىك سەۋەبلىرى قەۋزىيەتلىك يۈز بەرگەن ئورۇنغا ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم تونۇشتۇرۇلىدۇ.

1. تۈز ئۈچەي قەۋزىيىتىنى پەيدا قىلغۇچى كېسەللىك سەۋەبلىرى:

(1) گەندە چىقىرىش مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچسىزلىنىشى، ياشانغان، تېنى ئاجىز، ئۇزاق مۇددەت سوزۇلما كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان كىشىلەر، ھامىلىدار ئاياللار، سېمىز كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.

(2) ئۈچەي ئىچىدىكى قالدۇقلارنىڭ كۆپ ھەم قاتتىق بولۇشى ئۈچەي قەۋزىيىتىنى پەيدا قىلىدۇ.

(3) تۈز ئۈچەينىڭ توسۇلۇشى ۋە تارىيىشىدىن پەيدا بولىدۇ.

(4) چوڭ تەرەتنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشقا سەل قاراش مەقئەت ئاقمىسى، مەقئەت يېرىلىش، مەقئەت ۋە تۈز ئۈچەيدىكى يىرىڭلىق ياللۇغلىنىشلار، روھىي كەيپىياتنىڭ سۇس بولۇشى، سەزگۈ دورىلارغا نىسبەتەن كۆنۈپ قېلىش قاتارلىق ئامىللارمۇ ئوخشاشلا تۈز ئۈچەي قەۋزىيىتىنى پەيدا قىلىدۇ.

2. چەمبەر ئۈچەي قەۋزىيىتىنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەر:

ئوزۇقلۇقنىڭ ناچارلىشىشى، سۇ تەركىبى ئاز، تالاسى كەم بولغان تاماقلارنى ئىستېمال قىلىش، قېرىلىق، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتى، قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش، مېڭە ۋە يۇلۇن كېسەللىكىدىن كېلىپ چىققان چوڭ تەرەتكە ياردەم بەرگۈچى مۇسكۇللارنىڭ كۈچسىزلىنىشى قاتارلىق ئامىللار چەمبەر ئۈچەي قەۋزىيىتىنى پەيدا قىلىدۇ.

ئالامىتى: قەۋزىيەت كېسەللىكنىڭ ئىپادىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ  ئىشتىھا تۇتۇلۇش، قورساق ئېسىلىش، باش قېيىش، باش ئاغرى، ئومۇمىي بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، روھىي كەيپىيات تۇراقسىز بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، ئاشقازان-ئۈچەي خىزمىتىنى كۈچەيتىش، قەۋزىيەتنى يۇمشىتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بارماق ئىزىنى بىسىپ تۇرۇپ سالوننى قۇشۇڭ




【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读1.3k
粉丝0
内容662