大数跨境

قان ئاز كىشلەرگە ماس كەلمەيدىغان يېمەك-ئىچمەكلەر

قان ئاز كىشلەرگە ماس كەلمەيدىغان يېمەك-ئىچمەكلەر dastur
2018-08-01
0
导读:ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ维语健康网بارماق ئىزىنى بىسىپ تۇر

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

1.قەھۋە ئىچمەڭ. قەھۋەدىكى پولى فېنول تۈرىدىكى ماددىلار تۆمۈر بىلەن بىرلىشىپ ئاسان پارچىلانمايدىغان تۇزنى ھاسىل قىلىپ، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى چەكلەيدۇ. شۇڭا قان ئازلىق كېسىلى ئاغرىقلىرى قەھۋەدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

2. چاينى كۆپ ئىچمەڭ. چاينىڭ تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى چەكلەش رولى بار، چاي تەركىبىدىكى تاننىن كىسلاتاسى ھەزىم يولىدا تۆمۈر بىلەن بىرلىشىپ، تۆمۈرنىڭ ئاسان ئېرىمەيدىغان تۇزلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. كىچىك ئۈچەي بۇ خىل ماددىلارنى سۈمۈرەلمەيدىغان بولغاچقا، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇ بەدەندە قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشىنى ئازايتىپ، قان ئازلىق كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ.

3.ماينى كۆپ يېمەڭ. ماينى بەك كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بەدەننىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچراش بىلەن بىللە، قان ئازلىق كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ ھەزىم قىلىشى ۋە ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈشىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا كۈندىلىك ماي ئىستېمالى 70 گىرامدىن ئاشماسلىقى، 50 گىرام ئەتراپىدا كونترول قىلىنىشى كېرەك، ھايۋانات مايلىرىنى ئامال بار ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

4. سامساق يېمەڭ. سامساقتا ئۇچۇچان ماددىلار نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ، ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، بۇ قىزىل قان ئاقسىلى ۋە قىزىل قان ھۈجەيرىسىنى ئازايتىپ قان ئازلىقنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ.

5.ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەڭ. ئىشقارلىق مۇھىت تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسىز بولىدۇ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئازىيىشىمۇ يېمەكلىكلەردىكى تۆمۈرنىڭ ئىيونلىنىشى ۋە ئايلىنىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ، شۇڭا قان ئازلىق كېسىلى ئاغرىقلىرى ھورنان ۋە قارا بۇغداي ئۇنى قاتارلىق ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك.

«تەڭرىتاغ تورى»


بارماق ئىزىنى بىسىپ تۇرۇپ سالوننى قۇشۇڭ




【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662