大数跨境

ئوسۇڭ ھەققىدە

ئوسۇڭ ھەققىدە dastur
2018-08-16
5
导读:دەستۇر سالۇنى



ئوسۇڭ بولسا مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكنىڭ غولى ۋە يوپۇرمىغى بۇلۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ

ئاساسلىق خىلىتسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش، غەيرى تەبىئىي قان ۋە سەپرا خىلتىنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، قان تازىلاش ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، سىپازما قايتۇرۇش، چوڭ – كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

غولى ۋە يوپۇرمىقىنىڭ تەركىبىدە ئاتىدەم لوكتا نىكوم بار. ئوسۇڭ ئىلمىنتى، لاكىتوكارىن، ئالىي كىسلاتاسى، كەھىرىۋا كىسلاتاسى، ياغ جەۋھىرى، ۋىتامىن A,B,C,E ۋە كۇل ماددىلىرى بار.

ئۇسۇڭنىڭ سۈيىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سىركە بىلەن قوشۇپ ئىچسە ئاشقازاننىڭ قىززىقلىقىنى، ئاغرىقىنى يوقىتىدۇ

ساراڭلىق، ئۆتكۈر زىققا، ئۇيقۇسىزلىق، كالتە يۆتەل، جىگەر ياللۇغى، مالىخوليا،ئىسسىقتىن بولغان قىزىتما، ئاشقازان ئاغرىقى، يۇقىرى قان بېسىمى، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ

ساغلام تەندە ساپ ئەقىل





【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读2.3k
粉丝0
内容662