

زەنجىۋىل سۈيى بىلەن 17 خىل كېسەلنى داۋالىغىلى بولىدۇ
زەنجىۋىل كىشلەرگە تونۇشلۇق ئېسىل تەم تەڭشىگۈچ خۇرۇچ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى يېمەكلىك قاتارىدا ئىشلىتىشتىن باشقا، يەنە دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دورا تەتقىقاتىدا زەنجىۋىلنى قاينىتىپ ياسالغان«ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيى» نىڭ خېلى ياخشى دورىلىق ئۈنۈمى بارلىقى، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ دائىم كۆرۈلىدىغان كۆپ خىل كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.
1. ئېغىز بوشلۇقى يارىسى:
ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيى بىلەن ئېغىزنى ھەر كۈنى 2-3 قېتىمدىن ئۇدا 3-4 كۈن چايقاپ بەرسە يارا تېزدىن قورلۇپ ساقىيىدۇ.
2. چىش ئەتراپى ياللۇغى:
ئالدى بىلەن ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيى بىلەن چىشنى يۇيۇپ، ئاندىن ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىنى ھەر كۈنى 1-2 قېتىمدىن، ئادەتتە ئالتە قېتىم ئەتراپىدا ئىچىپ بەرسە، ياللۇغنى قايتۇرىدۇ.
3. يۇتقۇنچاق-كېكىردەك ئىششىقى:
ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيى بىلەن ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قېتىم ئېغىزنى چايقاش كېرەك. ئەگەر كېكىردەك قىچىشىپ ئاغرىسا، ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە ئازراق تۇز قوشۇپ، ھەر كۈنى 2-3 قېتىم ئىچىپ بەرسە، ئادەتتە توققۇز قېتىم ئىچكەندىن كېيىن ياللۇغنى قايتۇرۇپ، ئاغرىش توختايدۇ.
4. چىرىگەن چىش:
ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيى بىلەن چىشنى بىر قېتىم چايقاپ ھەم ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنىڭ چىرىگەن چىشنى داۋالاپ، چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى.
5.زۇكامدىن بولغان باش ئاغرىش:
ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە ئازاراق تۇز بىلەن ئاچچىقسۇ قوشۇپ، ئىككى پۇتنى ئوشۇققىچە چىلاش، پۇتنى چىلىغاندا زەنجىۋىل سۈيى پۇت قىزارغىدەك ئىسسىق بولۇشى كېرەك. بۇ ئۇسۇلنىڭ سوغۇقتىن بولغان زۇكام، باش ئاغرىقى ۋە يۆتەلنى داۋالاشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
6.يىڭناسقۇ:
بىر ئىستاكان ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيى بىلەن ئاغرىق كۆزنى ئېچىپ تۇرۇپ ھەر قېتىمدا 10-15 مىنۇتقىچە، ھەر كۈنى 2-3 قېتىمدىن ھورداپ بەرسە، ئاغرىقنى توختىتىشتا، ئىششىقنى ياندۇرۇشتا ئۈنۈمى خېلى ياخشى بولىدۇ.
7. باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش:
باشنىڭ يېرىمى ئاغرىغان ۋاقىتتا، ئىككى قولنى ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە تەخمىنەن 15 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ بەرسە، ئاغرىق يېنىكلەيدۇ، ھەتتا توختايدۇ.
8.نېرۋا ئاجىزلىقى:
ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئاچ قورساققا 1-2 ئىستاكان ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، قۇۋۋەتنى تولۇقلاپ ئادەمنى تېتىكلەشتۇرىدۇ. داۋاملىق ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىق، باش قېيىش، ئىچى تىت-تىت بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
9.مەستلىك:
ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىنى چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، بەدەندىكى ئىسپىرت ئاسان ھەزىم بولىدۇ. يەنە ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە مەستلىك يېشىلىدۇ.
10. يۈزدىكى دانىخورەك:
ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيى بىلەن يۈزنى يۇيۇپ بەرسە، بۇنى ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن تەخمىنەن 60 كۈن ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرسا، دانىخورەك يېنىكلەيدۇ ياكى يوقاپ كېتىدۇ. بۇ ئۇسۇلنىڭ سەپكۈن ۋە تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشنى داۋالاشتا ئۈنۈمى خېلى ياخشى.
11. باش كېپىكى:
ئالدى بىلەن خام زەنجىۋىلنى باشقا سۈركەپ، ئاندىن يەنە ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيى بىلەن باشنى يۇسا باش كېپىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالاشتا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، داۋاملىق ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىدە باشنى يۇيۇپ بەرسە، چاچ چۈشۈشنى داۋالاشتا مەلۇم ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
12.بەل-مۈرە ئاغرىش:
ئالدى بىلەن ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە ئازراق تۇز بىلەن ئاچچىقسۇ قوشۇپ، ئاندىن لۆڭگىنى چىلاپ سىقىپ ئېلىپ، ئاغرىغان ئورۇنغا قايتىلاپ قويۇپ بەرسە، بۇ ئۇسۇل مۇسكۇلنىڭ كېرىلىشنى ياخشىلاپ، پەيلەرنىڭ ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇپ، ئاغرىقنى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىدۇ.
13. تۈتۈمەددە كېسىلى:
ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيى بىلەن مەقئەت ئەتراپىنى يۇيۇپ، ئاندىن 1-2 ئىستاكان ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، بۇنى ئون كۈن ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرسا، كېسەلنى تېزدىن داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.
14. پۇت پۇراش:
ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە تۇز بىلەن ئاچچىقسۇ قوشۇپ، پۇتنى 15 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ ئاندىن پۇتنى قۇرۇتۇپ، سالقىنلىتىدىغان ئۇپىدىن ئازراق سۈرتۈپ قويسا، سېسىق پۇراق يوقايدۇ.
15.قىزىلئۆڭگەچ راكى:
ئادەتتە بىر كۈندە ئىككى قېتىمدا ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىنى ئىچىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، ئاغرىق توختىتىش ۋە ئۆمۈرنى ئۇزارتىش ياكى ئاغرىقنى يېنىكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
16. يۇقىرى قان بېسىم:
قان بېسىمى ئۆرلىگەندە، ئىككى پۇتنى ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە 15 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ بەرسە، قان تومۇرلار رېفلېكسلىق كېڭىيىدۇ، قان بېسىمى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ.
17.ئارتېرىيە قېتىشىش:
ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقاپ ھەم ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان ئىسسىق زەنجىچىل سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، بۇنىڭ قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
مەزمۇن يارىغان بولسا، بىزنى قوللاشنى خالىسىڭىز ئاستىدىكى
بەلگىسىنى بېسىشنى ئۇنۇتماڭ
1. ئۈندىدار(微信) نى ئېچىپ تۆۋەندىكى چىپار كودنى بىردەم بېسىپ تۇرغاندىن كېيىن، 识别图中二维码 دېگەن خەتنى بېسىپ قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ.
2. ئۈندىدارنىڭ يېڭى دوست قوشۇش رامكىسىغا dasturدەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەپ قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ.

















بەلگىسىنى بېسىشنى ئۇنۇتماڭ