大数跨境

كۈلكە ھۈجەيرىڭىز قايتا جانلىنىدۇ،

كۈلكە ھۈجەيرىڭىز قايتا جانلىنىدۇ، dastur
2018-09-25
1
导读:1. بالىسى يەنە ئانىسىدىن پۇل سورىدى، بۇ چاغدا ئانىسى ك



1. بالىسى يەنە ئانىسىدىن پۇل سورىدى، بۇ چاغدا ئانىسى كايىغان ھالدا:

تۈنۈگۈنلا بەرگەن 2 كوينى نەگە خەجلىدىڭ؟

بالا: بىر بىچارە ياشانغان مومايغا بېرىۋەتتىم.

ئاپىسى خۇرسەن ھالدا: بەك ياخشى قىپسەن بالام، لېكىن نېمىشقا بېرىۋەتتىڭ؟

بۇ چاغدا بالا قېچىپ كېتىۋاتقاچ: چۈنكى ئۇ دەل ماروژنا ساتقۇچى موماي تۇرسا.

2. شەمەرەم ئۆيىگە بۇرنى قانىغىنىچە كىرىپ كەلدى، بۇنى كۆرگەن ئانىسى:

ساڭا نېمە بولدى بالام؟

شەمەرەم: مەكتەپتە بۇرنۇمنى بىرسى چىشلىۋالدى.

ئاپىسى غەزەپلەنگەن ھالدا سورىدى: كىم چىشلىۋالدى؟ ئۇ ئادەمنى يەنە كۆرسەڭ تونۇيالامسەن؟

بۇ چاغدا شەمەرەممۇ خۇرسەنگەن ھالدا: ئەلۋەتتە تونۇيالايمەن، ئۇ نەگىلا بارمىسۇن تونۇيالايمەن، ئۇنىڭ بىر قۇلىقى ھېلىمۇ يانچۇقۇمدا.

3. بىمار: دوختۇر، بەك قورقۇۋاتىمەن، بۇ مېنىڭ بىرىنچى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشۇم.

دوختۇر كۆيۈنگەن ھالدا: سىزنىڭ ھازىرقى ھېسسىياتىڭىزنى تامامەن چۈشىنىمەن، بۇمۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىشىم.

4. رېستۇراندا تاماق يەۋاتاتتۇق، تۇيۇقسىز دوستۇمنىڭ قورسىقى ئاغرىپ كەتتى، بۇنى بىلگەن مۇلازىمەتچى كۆيۈمچانلىق بىلەن بىزگە: ئەپەندىم، رېستۇرانىمىزنىڭ تازىلىق ئۆيى يوق، لېكىن ئۇدۇلدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىغا كىرسىڭىز بولىدۇ، رېستۇرانىمىز ئۇلار بىلەن دېيىشىپ قويغان، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ «تاماق يېگىلى كەلگەنتىم» دېسىڭىزلا كىرگۈزىۋېتىدۇ.

5. ئەمەرنىڭ يانچۇقىغا كونىراپ كەتكەن قەغەز، تاماكا پاختىسى، پۈرلۈشۈپ كەتكەن تازىلىق قەغەزلىرىنى سېلىپ يۈرۈش ئادىتى بار ئىكەن، بەزىلەر بۇنى چۈشىنەلمەي ئۇنىڭدىن سورىغاندا، ئۇ تەمكىنلىك بىلەن چۈشەندۈرۈپ: دوستلىرىم بىلەن بىللە تاماق يېگەندە، پۇل ھېسابات قىلىدىغان ۋاقىتتا بىر تەرەپتىن ئاغزىمدا مەن قىلاي مەن قىلاي دەپ قويغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن يانچۇقۇمدىن بۇ ئەسكى قەرغەز دەمدۇ تاماكا پاختىسى دېگەندەك نەرسىلەرنى ئالدىرماي بىردىن بىردىن چىقىرىمەن، مەن چىقىرىپ بولغۇچە دوستلۇرۇممۇ ھېسابات قىلىپ بولىدۇ.



【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662