大数跨境

شادلىق ۋە ھەسرەت | جىبران

شادلىق ۋە ھەسرەت | جىبران dastur
2018-08-02
2
导读:ھەسرەت چەككىنىڭدە قەلبىڭ چوڭقۇرلىقىغا نەزەر تاشلىساڭ ،بۇرۇن كۈلدۈرگەن نەرسىلەرنىڭ ئەمدى يىغلىتىۋاتق

      



شادلىق ۋە ھەسرەت

 

جىبران خېلىل جىبران

سېنىڭ شادلىقىڭ دەل سېنىڭ نىقابسىزلانغاندىكى ھەسرىتىڭدۇر 

سېنىڭ شادلىق بۇلىقىڭدا ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرىڭمۇ بار .

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق بولـماقچى ؟

قايغۇـ ھەسرەت سەندە قانچىكى چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان بولسا ، سەن قەلبىڭگە شۇنچە كۆپ شادلىقنى سىغدۇرالايسەن .


سەن شادلىق شارابى ئىچكەن جام ئەسلىدە كۇلالىچىنىڭ خۇمدىنىدا پىشۇرۇلغان ئەمەسمۇ ؟

يۈرىكىڭنى تىترىتىدىغان مۇڭلۇق ئاھاڭلارنى چىقىرىدىغان نەي ئەسلىدە تىغ بىلەن كېسىلگەن ۋە ياسالغان قومۇش ئەمەسمۇ ؟

شادلىققا چۆمگىنىڭدە قەلبىڭ بىلەن چوڭقۇرلۇقىغا نەزەر سالساڭ ، بۇرۇن سېنى ھەسرەتكە دۇچار قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئەمدى سېنى شادلىققا چۆمدۈرگەنلىكىنى بىلىسەن.

ھەسرەت چەككىنىڭدە قەلبىڭ چوڭقۇرلىقىغا نەزەر تاشلىساڭ ، بۇرۇن سېنى كۈلدۈرگەن نەرسىلەرنىڭ ئەمدى سېنى يىغلىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسەن .

بەزىلەر«ھەسرەتتىن شادلىق كۆپ بولىدۇ » دەيدۇ ، يەنە بەزىلەر :«ياق ، شادلىقتىن ھەسرەت كۆپ بولىدۇ » دەيدۇ .

مەن دەيمەن ئۇلار بىر بىرىدىن ئايرىلالـمايدۇ .

ئۇلارتەڭ مەۋجۇت بولۇپ ، بىرسى سەن بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرغان چاغدا ، يەنە بىرسىنىڭ كارىۋىتىڭدا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى ئۇنۇتما .

ئىشەنگىنىكى، سەن ھەسرەت ۋە شادلىقنىڭ مۇۋازىنەت تەخسىسىدە تۇرىسەن .

مۇۋازىنەت تەخسەڭ قۇرۇلدالغان چاغدىلا ئاندىن سەن تىنچلىنىسەن ، تەڭپۇڭ بولىسەن .

خەزىنىچى سېنىڭ ئېرىشكەنلىرىڭنى تارازىغا سالغان چاغدا ، شادلىق ۋە ھەسرىتىڭنىڭ قايسىسىنىڭ قانچىلىك سالـماقتا ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ



【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读1.3k
粉丝0
内容662