大数跨境

ئەزالارنىڭ مىزاجى - چوقۇم ساقلىۋىلىڭ

ئەزالارنىڭ مىزاجى - چوقۇم ساقلىۋىلىڭ dastur
2018-09-10
3
导读:dastur دوسلىرڭىزغا تەۋسىيە قىلىش



1

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ


يۈرەك : - مىزاجى ھۆل ئىسسىق بۇلۇپ خىزمىتى قاننى ھەر قايسى توقۇلما ۋە ئەزالارغا يەتكۈزىدۇ ۋە كونى قاننى قايتۇرۇپ كېلىپ تازىلىنىشقا ئەۋەتىدۇ ، ئادەمنىڭ ھېسسىيات پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ .

يۈرەككە زىيانلىق ئامىللار : - بەك ياغلىق ۋە ئىسسىق تاماقلار 3 - دەرىجىدىن يۇقىرى دورىلار ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەر ، چارچاپ كېتىش ، دەرد ئەلەم ، ناھەقچىلىق قاتارلىق ئامىللار .

ئاقىۋىتى : - ئادەم جۈرئەتسىز يىغلاڭغۇ ئاغرىقچان ئۈمىدسىز بوپ قالىدۇ . 

چارىسى : - ئىسسىق سوغۇقنى تەڭشەپ تاماقلىنىش ھاياتىغا ۋە كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قاراش .



ئۆپكە : - مىزاجى ھۆل سوغۇق ئىسسىق دىگۈچىلەرمۇ بار . 

خىزمىتى : - ئادەمنى ساپ ھاۋا بىلەن تەمىنلەيدۇ ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى تەڭشەيدۇ ۋە قاتنىشىدۇ .

زىيانلىق ئامىللار : - قالايمىقان دورا ۋە تاماق ئىستېمال قىلىش ، تۈرلۈك زەھەرلەرنى چېكىش ۋە ئېچىش ، ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ، چېنىقماسلىق .

ئاقىۋىتى : -  ئاسان ئاغرىيدۇ ، قاننى ياخشى تازىلىمىغاچقا ئادەمنىڭ روھى ھالىتى تۆۋەن ، ئۈمىدسىز ، خىيالپەرەس بولۇپ قالىدۇ . 

چارىسى : - ئىسسىقدارا ۋە تاماقلار ، ئۆزىنى ئاسراش ، ھەسرەت چەكمەسلىك .



ئاشقازان : - مىزاجى ئەسلى مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولسىمۇ ، ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى ۋە تالنىڭ تەسىرى بىلەن ھۆل سوغۇققا مايىل بولىدۇ .

خىزمىتى : - ئوزۇقلۇقلارنى يۇمشىتىدۇ ، پارچىلايدۇ ۋە دەسلەپكى ھەزىمگە قاتنىشىدۇ .

زىيانلىق ئامىللار : - سوغۇق ئىچىملىكلەر ، ھاراق ۋە چېكىملىكلەر ، قاتتىق قۇرۇق نەرسىلەر ، كونىرىغان سېسىپ قالغان يېمەكلىكلەر شۇنداقلا مىزاجىغا ئەھۋالغا قارىماي يېيىلگەن تاماقلار .

ئاقىۋىتى : -  ئاشقازان ساڭگىلاش ، يارىلىپ پەيدا بولۇش ، سېسىق كېكىرىش ، قۇسۇش ، قاناش .

چارىسى : - زىرە ، بەدىيان ، سىركە قاتارلىق خۇرۇچلارنى بىللە ئىستېمال قىلىش ، زورلاپ يېمەسلىك كۆڭلى كۆكسىنى كەڭ تۇتۇش .



جىگەر : - مىزاجى ھۆل ئىسسىق 

خىزمىتى : - ئاساسىي ھەزىمنى ئورۇنلايدۇ ، ئوزۇقلۇقلارنى تەقسىملەيدۇ .

زىيانلىق ئامىللار : - زەھەرلىك ئىچىملىك ، چېكىملىكلەر ، قاتتىق سوغۇق ۋە قاتتىق ئىسسىق ، ئارتۇقچە تەشۋىشلىنىش ، چارچاش ، پاسكىنىلىق .

ئاقىۋىتى : - جىگەر ياللۇغى ، جىگەر قېتىشىش ، جىگەر راكى ، قورقۇنچاقلىق ، چىراي بۇزۇلۇش ، كەم قانلىق ، ھېچنىمە خۇشياقماسلىق .

چارىسى : - يېشىل كۆكتاتلار ، تەبىئىي يېمەك - ئىچمەكلەر ، ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تاشلاش ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاش .



ئۈچەي : - مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق .

خىزمىتى : - ھەزىمنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ ، ماددىلارنى يىغىدۇ ۋە چىقىرىدۇ .

زىيانلىق ئامىللار : - قۇرۇق ئىسسىق ، قورۇلغان يېمەكلىكلەر ، تۇرۇپ قالغان تاماق ، مۇزلۇق ئىچىملىكلەر ، سۈرگە دورىلىرى ، تاماق يەپلا يېتىش .

ئاقىۋىتى : - ئۈچەي تېشىلىش ، قەۋزىيەت ، ئىچ سۈرۈش ،  تولغىشىپ قىلىش .

چارىسى : - پاكىز مۇھىتتا تاماقلىنىش ، ئىسسىق سوغۇقنى تەڭشەپ يېيىش ، قالايمىقان دورا يېمەسلىك .



ئۆت : - مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق .

خىزمىتى : - ھەزىمگە ياردەملىشىدۇ ، قاننى مۇۋاپىق قويۇقلۇقتا ساقلايدۇ ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ .

زىيانلىق ئامىللار : - بەك ياغلىق ياكى تازىلىقى ياخشى بولمىغان تاماقلارنى يېيىش ، تاماقنى كۆپ يېيىش ، ھاراقنى كۆپ ئىچىش ، كۆپ ئاچچىقلىنىش .

ئاقىۋىتى : - ئۆتتە تاش پەيدا قىلىدۇ ، ياللۇغلىنىپ قاتتىق ئاغرىيدۇ ۋە يېرىلىپ يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ ، گاھىدا ئادەم ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن .

چارىسى : -  ئارتۇقچە ئاچچىقلانماسلىق ، بىر قېتىمدا كۆپ تاماق يېمەسلىك .



بۆرەك : - مىزاجى ئەسلى مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولسىمۇ ، ئەتراپىدىكى چاۋا ياغلارنىڭ تەسىرى بىلەن ھۆل سوغۇققا مايىل بولۇپ كېتىدۇ .

خىزمىتى : - سۈيدۈك ئىشلەيدۇ ، زەھەر تازىلايدۇ ، بەدەننىڭ خىزمەت پائالىيىتىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ .

زىيانلىق ئامىللار : - سۇغۇق يەردە يىتىش ، داۋاملىق ياغسىز تاماقلارنى يىيىش ، يىلىڭ يۈرۈش ، كۆپ ئوكۇل سالدۇرۇش ، جىنسىي پائالىيەتلەر بىلەن ئاز ياكى كۆپ شۇغۇللىنىش ، ھۇرۇنلۇق .

ئاقىۋىتى : - بۆرەك سۇۋۇپ كېتىدۇ ، ئىش خۇشياقمايدۇ ، بېلى ئاغرىيدۇ ، چىرايى تاتىرىپ كېتىدۇ ، جىنسىي پائالىيەتلىرى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلايدۇ . 

چارىسى : -  قەرەللىك تۈردە دوۋساق ۋە بەدىنى بەل ساھەسىنى تېۋىپلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياغلاپ تۇرۇش ، گۈلقەنت ۋە ماددەتۇلھايات ئىستېمال قىلىش ، يىلدا بىر نۆۋەت قۇمغا كۆمۈلۈش ، پىۋىنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىچىش ياكى ئىچمەسلىك ، قايماق ، پولۇ ، ئانار ئىستېمال قىلىش .



تېرە : - مىزاجى مۆتىدىل قۇرۇققا مايىل .

خىزمىتى : - ئەزالارنى قاپلاپ سىرتقى مۇھىتتىن مۇداپىئە قىلىپ تۇرىدۇ ، ماددا ۋە ھېسيات ئالماشتۇرىدۇ .

ئۆچ كۆرىدىغىنى : -  قۇرۇق سوغۇق ۋە يىرىك تاماقلار ، سۈنئىي تالالىق كىيىملەر ، پاسكىنىلىق .

ئاقىۋىتى : - يىرىكلىشىش ، خۇنۈكلىشىش ، يېرىلىش ، كىرلىشىش .

چارىسى : - شورپا ۋە ئىسسىق سوغۇق تاماقلار ، مۇۋاپىق ئاسراش ، چېنىقىش .






【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读2.3k
粉丝0
内容662