

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
بالىلار ئۆسۈۋاتقاندا، دائىم ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ھەزىم ياخشى بولماسلىقتەك ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، ئاتا-ئانىلارنى تەشۋىشكە سالىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا تەڭشىمىگەندە بالا يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەي، ئۆسۈپ-يېتىلىشى تەبىئىيلا تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر بالىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بالىنىڭ تال-ئاشقازىنىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.

1. چىرايى سارغىيىش.
بالىنى نورمال چىرايىدا مەڭزى قىزىرىپ تۇرىدۇ. مۇبادا بالىڭىزنىڭ چىرايى سارغىيىپ قالسا، بۇ كۆپىنچە تال-ئاشقازان ئىقتىدارىنىڭ ناچارلاشقانلىقى، ئوزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلمىگەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
2. بەدىنى ئورۇق بولۇش، روھىي كەيپىياتى ناچارلىشىش.
بالىنىڭ ئىشتىھاسى، ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈشى ناچار بولسا، بەدىنى ئورۇق بولىدۇ ھەم دائىم بوشاڭ، روھىي كەيپىياتى چۈشكۈن، مىس-مىس، ئىنكاسى ئاستا بولۇپ قالىدۇ.
3. چوڭ تەرىتى بىنورمال بولۇش.
بالىنىڭ چوڭ تەرەت قېتىم سانى ۋە مىقدارى كۆپ، تاماقتىن كېيىنلا ھاجەتخانىغا يۈگۈرسە ياكى چوڭ تەرىتى قۇرغاق، قەۋزىيەت ئالامىتى كۆرۈلسە، تال-ئاشقازان ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىقىنى، ئوزۇقلۇقنىڭ ياخشى سۈمۈرۈلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. كالپۇك رەڭگى.
نورمال كالپۇك رەڭگى قىزىلغا مايىل ھەم پارقىراق بولىدۇ. تال-ئاشقازان ئىقتىدارى ئاجىز بالىلارنىڭ رەڭسىز، نۇرسىز ياكى ئېغىزىنىڭ ئەتراپى قارىدايدۇ. بۇ دەل تال زەئىپلەشكەنلىكنىڭ، ھۆل ئىسسىقنىڭ ئاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

قانداق قىلغاندا بالىدىكى تال-ئاشقازان ئاجىزلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
1) يېمەكلىك ئارقىلىق قۇۋەتلەش كېرەك. چىلان، نومى گۈرۈچى، تەسۋىقوناق قاتارلىقلارنىڭ تال-ئاشقازاننى تەڭشەش ئۈنۈمى بار. شۇڭا ئانىلار بۇلاردىن كۆپرەك شۆۋىگۈرۈچ قىلىپ بالىغا ئىچۈرسە بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا يېيىش، ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق يېمەسلىك كېرەك.

2) ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. دائىم مۇزدەك مېۋە-چېۋىلەرنى يەپ، پەسىل ئالماشقاندا ئىسسىق، سوغۇققا دىققەت قىلمىغاندا، سوغۇق يەل ئاشقازانغا كىرىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارنىڭ ئاجىزلىشىشى كېلىپ چىقىدۇ.
3) كۆپرەك سىرتقا چىقىپ چېنىقىش كېرەك. ھازىرقى بالىلار سىرتقا چىقىشنى بەك خالاپ كەتمەيدۇ. ھاۋا ياخشى چاغلاردا بالىلارنى كۆپرەك سىرتقا ئېلىپ چىقىپ چېنىقتۇرغاندا، تال-ئاشقازان ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، بالىنىڭ ئىشتىھاسىنى ياخشىلايدۇ، بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.
بارماق ئىزىنى بىسىپ تۇرۇپ سالوننى قۇشۇڭ



