
ئورناپ كەتتى دەپ قارالغان ئىشلار ئاخىرى مەلۇم بىر ۋاقىت بۈرجەكلىرىدە ئۇنتۇلۇپ كەتتى.ۋاقىت ھەقىقەتەن قورقۇنۇچلۇق نەرسە،ئۇ ھەممىنى تۈزلىۋىتەلەيدۇ،قەلبىڭىزدىكى ياخشى - يامانلارنىڭ ھەممىنى يۇقۇتۇپ غۇۋا بىر جاراھەتلەرنى قالدۇرۇپ قويىدۇ....؛
ئەگەر بىرسى مەندىن :سەن ھەممىدىن بەكرەك نېمىگە ئىشىنىسەن دەپ سورىسا،مەن ئۇنىڭغا :ۋاقىت ،دەپ جاۋاپ بېرىمەن.چۈنكى ئۇ ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئەڭ چىن بولغىنىنى ئېلىپ قالىدۇ،قالغىنى ھەممىسى ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ....؛
بىر ئىشلارغا كۆزىڭىز بىلەن قارىماڭ،ئېزىپ كېتىسىز،چۈنكى كۆزىڭىزدە كۆرگەننىڭ ھەممىسى راسىت بولمايدۇ؛قۇلقىڭىز بىلەن ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىۋەرمەڭ،چۈنكى ھەممە ئادەمىنڭ سىزگە راسىت گەپ قىلىشى مومكىن ئەمەس...؛
ۋاقىت ئۆزگىرىپ بارىدۇ،ئادەممۇ،ئادەمنىڭ كۆڭلىمۇ ھەم شۇنداق،بەزى ئىشلاردا،بىز ھەرقانچە تىرىشساقمۇ،بەرىبىز قايتالمايمىز،شۇنداق بولغانكەن،بىز يەنە نېمىدىن ئەندىشە قىلىمىز؟ۋاقىت ھەممە جاراھەتلەرنى ساقايتىدۇ؛
بۇ دۇنيادا سىزنى ئالدىمايدىغان نەرسە دەل ۋاقىت...پەقەت ۋاقىتلا نېمىنىڭ ھەقىقي،نېمىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى توغرا ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ....؛شۇڭا ھەر بىر ئىشقا ھۈكۈم، قىلغاندا ئالدىراپ ھۈكۈم چىقىرۋەتمەڭ
مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئىنسان پەقەت سىزنىڭ باغرىڭىزنىڭ يۇمشاقلىقىدىن،ساددىلىقىڭىزدىن پايدىلىنىپ سىزنى ئالدايدۇ...ئەمما ئاخىرىدا سىزدىن ئايرىلىپ قېلىپ ئۆزىنى ئالدايدۇ....؛
ھاياتلىق كۈلسەكمۇ ئۆتىدۇ شۇ كۈن،يىغلىساقمۇ ئۆتىدۇ شۇ كۈن. شۇڭا ئەڭ ياخشى كەيپىيات بىلەن ھەر بىر كۈنىڭىزنى 
كۈتىۋېلىڭ

