

ئادەم ھاياتىدا ئىككى يول بار، بىرىنى يۈرىكىمىزدە ماڭىمىز، ئۇنىڭ ئىسمى ئارزۇ؛ يەنە بىرىنى پۇتىمىزدا ماڭىمىز، ئۇنىڭ ئىسمى رېئاللىق ...
كۈندۈزى چاندۇرمىغان كەيپىياتلىرىڭ كېچىسى ساڭا ھەمراھ بولىدۇ، ئۇف دەيسەن... چىراي ئىپادىلىرىڭنى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئەركىن ئىپادىلىيەلەيسەن، مانا بۇ كېچىنىڭ خاسىيىتىدۇر ...
بەزى كىشىلەر ئەتراپىڭدا پەرۋانە، ئەمما قەلبىڭدە يوق. بەزى كىشىلەر قەلبىڭگە ئورناپ كەتكەن، ئەمما قېشىڭدا يوق ...
شۇنداق بىر دوستلۇق بار، كۆزنى ئەمەس يۈرەكنى يىغلىتىدىغان، ئېغىزدا ئەمەس يۈرەكتە سۆيىدىغان، تىلدا ئەمەس دىلدا سېغىنىدىغان !
ھەركىم مەقسىدىگە يەتكۈچە ئەتراپىڭدا پەرۋانە، مەقسىدىگە يەتكەندە بولسا سەن ئۇنىڭغا ھەيرانە ...

