
رەسىملەرگە قاراپ پىسخىكىلىق ھالىتىڭىزنى بىلىۋىلىڭ!
15پارچە غەلىتە رەسىم، بۇ رەسىملەردىن ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىڭىزنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىنى بىلىۋالالايسىز.
1. تۆۋەندىكى رەسىمدىن بىرىنچى بولۇپ بىر قىزنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىڭىزمۇ ياكى موماينىڭمۇ؟

بىرىنچى قاراشتا قىز بالىنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەن بولسڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ پىسخىك يېشىڭىز ئەمەلىي يېشىڭىزدىن كىچىك بولىدۇ؛ ئەگەر سىز بىرىنچى قاراشتا موماينىڭ سۈرىتىنى كۆرگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ پىسخىك يېشىڭىزنىڭ ئەمىلىي يېشىڭىزغا قارىغاندا چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
2. تۆۋەندىكى رەسىمدىن بىرىنچى بولۇپ كۆرگىنىڭىز كىچىك قىزچاق ياكى جادىگەر موماي؟

سىزنىڭ روھى كەيپىياتىڭىز ياخشى ۋاقىتتا سىز قىزبالىنىڭ چىرايىنى كۆرەلەيسىز؛ كەيپىياتىڭىز ناچار ۋاقىتتا جادىگەر موماينىڭ چىرايىنى كۆرەلەيسىز.
3. سىزنىڭ ئاۋال كۆرگىنىڭىز ئادەممۇ ياكى كۆرسەتمە سىتىرىلكىسىمۇ؟

%99 ئادەم بىرىنچى قارىشىدا ئادەمنى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇ نىسبەتەن ھىسياتچان، ياكى ھىسىي تەپەككۇر ئۇسۇلىغا نىسبەتەن باي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. %1 ئادەم بىرىنچى قارىشىدا كۆرسىتىش سىتىرىلكىسىنى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئادەملەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ؛ ئۇلار ئىدراكلىق كىلىدۇ.
4. تۆۋەندىكى رەسىم چۆرگىلەۋاتامدۇ؟

روھى بېسىمغا بەرداشلىق بىرىش كۈچى قانچە كۈچلۈك بولسا، رەسىم شۇنچە ئاستا ئايلىنىدۇ؛ ئەگەر رەسىمگە قارىغاندا ئۇنىڭ چۆرگىلەۋاتقانلىقىنى ئەمەس جىمجىت ھالەتتە تۇرغىنىنى بايقىسىڭىز، ئۇنداقتا مۇبارەك بولسۇن، سىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىڭىز ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن!
5. سىزنىڭ بىر قاراشتا كۆرگىنىڭىز قايسى خىل ھايۋان؟

بەزى ئەرلەرنىڭ خارەكتىرىدە ئاياللىق ئالاھىدىلىكى بار بولىدۇ، ئوخشاشلا بەزى ئاياللارنىڭ خارەكتىرىدىمۇ ئەرلىك ئالاھىدىلىكى بار بولىدۇ، دىمەك بەزىلەرنىڭ خارەكتىرىدە ئەرلىك ۋە ئاياللىق ئالاھىدىلىكى تەڭ مەۋجۇت بولىدۇ؛ ئەگەر سىز يۇقىرىدىكى رەسىمدىن بىرىنچى قاراشتا ئۆردەك كۆرگەن بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ خارەكتىرىڭىزدە ئەرلىك ئالاھىدىلىكنىڭ كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئەگەر سىز بىرىنچى قاراشتا سىزگە توشقان كۆرۈنگەن بولسا، بۇ سىزنىڭ خارەكتىرىڭىزدە ئاياللىق ئالاھىدىلىكنىڭ كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
6. سىز تۆۋەندىكى رەسىمدىن ئەر كىشىنىڭ چىرايىنى بايقىيالىدىڭىزمۇ؟

3 سىكونت ئىچىدە تېپىپ چىقالىسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئوڭ مىڭە نىرىپلىرىڭىزنىڭ تەرەققى قىلىشى ئادەتتىكى كىشىلەردىن كۆپ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ 60 سىكونت ئىچىدە تېپىپ چىقسىڭىز، بۇ ئوڭ مىڭە نىرىپلىرىڭىزنىڭ نورمال ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ 3-1 مىنۇت ئىچىدە بايقاپ چىقسىڭىز، سىزنىڭ ئوڭ مىڭە نىرىپلىرىڭىزنىڭ ئىنكاسى ئاستا بولۇپ، گۆش تۈرىدىكى ئاقسىلنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بىرىشىڭىز كىرەك؛ 3 مىنۇتتىن يۇقىرى ۋاقىتتا ئاندىن بايقاپ چىقالىسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئوڭ مىڭە نىرىپلىرىڭىزنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇنداق ئەھۋالدا كارتون فىلىملەرنى كۆپرەك كۆرۈش تەكلىپىنى بەرگەن، بۇنىڭ ئوڭ مىڭە نىرىپلىرىنىڭ نورمال تەرەققى قىلىشىغا پايدىسى بار.
7. تۆۋەندىكى رەسىمدىن سىز ئادەمنىڭ چىرايىدىن نەچچىنى بايقىيالايسىز؟

4-0 نى بايقىيالىسىڭىز، ئەقلى ئىقتىدارىڭىز ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى؛ 8-5نى بايقىسىڭىز، نورمال؛ 11-9نى بايقىسىڭىز، ھىسياتچان بولۇپ، ھىسىي تەپەككۇرغا باي كىلىدىغىنىڭىزنىڭ ئىپادىسى؛ 13-11نى بايقىسىڭىز، روھىڭىزنىڭ بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى.
8. تۆۋەندىكى رەسىمگە بىرىنچى قارىشىڭىزدا سىزگە كۆك رەڭ كۆپ كۆرەندىمۇ ياكى ئاپلىسىن رەڭمۇ؟

كۆك رەڭ كۆپرەك كۆرۈنسە، بۇ سىزنىڭ ھازىر ئىنتايىن ساغلام ئىكەنلىكىڭىزنىڭ ئىپادىسى؛ ئەگەر سېرىق ياكى ئاپلىسىن رەڭ كۆپرەك كۆرۈنسە، بۇ سىزنىڭ ھازىر ھارغىنلىق ھالىتىدە تۇرۋاتقىنىڭىزنى، سىزنىڭ دەم ئېلىشقا مۇھتاج ئىكەنلىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
9. روھى بېسىم سىنىقى

بۇ سىناقتا، سىز رەسىمگە قارىغان ۋاقتىڭىزدا روھى بېسىمىڭىز قانچە ئېغىر بولغانسىرى قارا چىكىتلەرنىڭ چاقناپ ياكى ئۆچۈپ-يېنىپ تۇرۇشى شۇنچە تىز بولىدۇ.
10. يەنىلا روھى بېسىم سىنىقى

بۇ سىناقتا، سىز رەسىمگە قارىغان ۋاقتىڭىزدا قاتتىق تەۋرىنىۋاتقان دولقۇنلار كۆرۈنسە، دەرھال نىسبەتەن ئۇزۇنراق كەلگەن دەم ئېلىشىڭىز كىرەك؛ ئەگەر ئازراق تەۋرىنىش كۆرسىڭىز، نەچچە كۈن ئارام ئېلىڭ؛ ئەگەر سىز نۇرغۇنلىغان ئورمان ياڭىقى كۆرسىڭىز ئۇنداقتا داۋاملىك ئىشلەۋىرىڭ.
11. تۆۋەندىكى رەسىمدىن نىمىنى كۆردىڭىز؟

سىز ئەگەر 5 سىكۇنت ئىچىدە بايقىيالىغان بولسىڭىز، سىز ناھايىتى قالتىسكەن.(ئۆز-ئارا قۇچاقلىشىپ سۆيۈشۈۋاتقان بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق)
12. نىقاپ ئىچىدىكى نىمە ؟

بۇ رەسىم ئامىرىكا فىلورىدا شىتاتى 7- نۆۋەتلىك خىيالى تۇيغۇ مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن بولغان ئەسەر : مۇھەببەتنىڭ نىقابى. بۇ رەسىمنىڭ سۇئالى بولسا، نىقاپ ئىچىدىكى ئادەم سۈرىتى بولۇپ، ئەمىلىيەتتە بىر جۈپ ئەر-ئايال سۆيۈشۈۋاتقان سۈرەت. ئادەتتە، ئەگەر سىز بىرىنچى قاراشتا نىقاپ ئىچىدىكىسىنىڭ بىر ئادەمنىڭ چىراي سۈرىتى ئىكەنلىكىنى بايقىسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىز بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئەگەر بىرىنچى قاراشتا ئۆز-ئارا سۈيۈشۈۋاتقان ئىككى چىراينى كۆرسىڭىز، بۇ نۆۋەتتە سىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىز يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
13. تۆۋەندىكى ئىككى چىرايدىن سىز قايسىسىنى ياخشى كۆرىسىز؟

سول تەرەپتىكىنى تاللىغانلار، سىزنىڭ ياقتۇرىدىغىنىڭىز كۆپ قىسىم ئەر كىشىلەر بىلەن بىردەك ئىكەن. بۇ ئىككى چىراينىڭ ھەر ئىككىسى بىرىكمە چىراي بولۇپ، سول تەرەپتىكىسى 8نەپەر پۇتى كىچىك ئايال كىشىنىڭ چىرايىنى بىرىكتۈرۈپ ھاسىل قىلىنغان؛ ئوڭ تەرەپتىكىسى بولسا 8 نەپەر پۇتى چوڭ ئايال كىشىنىڭ چىرايىنى بىرىكتۈرۈپ ھاسىل قىلىنغان. ئادەتتە پۇتى كىچىك ئاياللارنىڭ چىرايى تېخىمۇ گۈزەل كىلىدىغان بولۇپ، بۇ ھۆكۈم نىيۇروك ئاربىنا ئونۋىرستىتى تەدرىجى تەرەققىيات پىسخىلوگىيە ئالىمى جىرمىي.ئاتكىنسىن باشلامچىلىق قىلغان تەجىربىدىن خۇلاسىلاپ چىقىلغان.
14. سىز تۆۋەندىكى رەسىمدىكى بوۋاقنىڭ سۈرىتىنى بايقىيالىدىڭىزمۇ؟

ئەڭ ئاۋال بوۋاقنىڭ پۇتىنى بايقىغان بولسىڭىز: سىز بىر ئىش قىلغاندا، بۇ ئىشنىڭ كونكىرتنى ئىنچىكە ھالقىلىرىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بىرىسىز؛
ئەڭ ئاۋال بوۋاقنىڭ بېشىنى بايقىغان بولسىڭىز: سىز ئىش قىلغاندا مەسىلىنىڭ كونكىرتنى ئىنچىكە ھالقىلىرىغا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇپ، ئومۇمىيلىقنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىڭىز كەمچىل؛
ئەڭ ئاۋال بوۋاقنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى بايقىغان بولسىڭىز: سىز ئىش قىلغاندا ئومۇمىيلىقنى كونتىرول قىلالايدىغان بولۇپ، بىر ئىشلارنى ئومۇمىيلىق نوقتىسىدىن كۆپرەك ئويلايسىز.
بوۋاقنىڭ سۈرىتىنى كۆرەلمىسىڭىز: بىر ئىشلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن قىلمايسىز.
15. سىز تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ئازغۇن ئوردىنىڭ قايسى چىقىش ئېغىزىدىن چىقىسىز؟

قايسى چىقىش ئېغىزىدىن چىقىشڭىزغا ئاساسەن سىزنىڭ نىمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كىلىدىغىنىڭىزنى بىلىشكە بولىدۇ:
Aچىقىش ئېغىزى: ماس كىلىدىغان كەسىپلەر ساقچى، تىرىنىر، يازغۇچى
Bچىقىش ئېغىزى: ماس كىلىدىغان كەسىپلەر رەسىملىك كىتاپ سىزغۇچى، بوغالتىر، رىژىسور، لاھىيىلىگۈچى
Cچىقىش ئېغىزى: ماس كىلىدىغان كەسىپلەر رەھبەرلىك قىلىش، قوماندانلىق قىلىش، ئادوۋكات
Dچىقىش ئېغىز: ماس كىلىدىغان كەسىپلەر دوختۇر، مۇئەللىم، ناخشىچى، مۇخبىر، ئىشچى


ئەسكەرتىش:سالونىمىز ئەسەرلىرىنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ، سالونىمىزنىڭ رۇخسىتىسىز كۆچۈرمەڭ! مەنبەنى
ئەسكەرتمەي تۇرۇپ كۆچۈرۈسىڭىز بىۋاستە پاش قىلىندۇ!
ئەلى قۇربان خاس ئۈندىدار سالونى تارقاتتى، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ

