

1. تېلېفۇنى كارۋاتقا ئېلىپ چىقماڭ
تېلېفۇنى كارۋاتقا ئېلىپ چىققاندا ئۇخلاش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كارۋاتتا يېتىپ تېلېفۇن ئويناش كۆزىگە ۋە بويۇن ئومۇرتقىسغا ئېغىر زىيانلىق.
ئوخلاشتىن ئاۋال تېلغۇندىن يىراق تۇرۇش كېرەك، كارۋاتقا چىقاندىن كېيىن كىتاب كۆرسەك بولىدۇ، ۋاقتىدا ئۇخلاش، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولشغا كاپالەتلىك قىلش كېرەك.

2. ۋاقتىدا ناشتا قىلىڭ
ئەتتىگەندە ناشتا قىلىپ، بەدەننى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش كېرەك، بىر كېچە ئۇخلىغاندىن كېيىن ئادەتتە بەدەندىكى ئوزۇقلۇقلار خۇراپ، يېمەكلىك ھەزىم بولۇپ تۈگەيدۇ، شۇڭا ئەتتىگەندە ۋاقتىدا ناشتا قىلمىغاندا سالامەتلكىمىز ئاسانلا كاردىن چىقىدۇ.
ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن، شۇڭا ناشتىدا ئوزوقلۇق قىمىتتى يۇقىرى بولغان ناشتىلىقلارنى يەپ ئېنېرگىيە تولۇقلىشمىز لازىم.

3. ھەر ئىشتا 10 مىنوت بۇرۇن تەييارلىق قىلىڭ
ھەرقانداق ئىش قىلشتا، ئۆزڭىزگە بوشلۇق قالدۇرۇپ قويۇڭ.
ئىشتىن ئاۋۋال 10 مىنۇت تەييارلىق كۆرۈڭ، چۈنكى كۈتۈلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلسە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىدىغانغا ۋاقىت كېرەك، شۇڭا ھەرئىشتا ئىنتايىن جىددى ھالەتتە تۇرىۋالماڭ.
10 مىنۇت بۇرۇن بالدۇر تۇرۇڭ، 10 مىنۇت بۇرۇن يولغا چىقىڭ، شۇ چاغدا بىر كۈنىڭ ئىنتايىن يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.

4. ئىشلارنىڭ مۇھىم ياكى ئەمەسلىكىنى ئايرىڭ
ھەركۈنى خىزمەت قىلشتىن بۇرۇن ئىشلارنىڭ مۇھىملىق تەرتىپىنى ئويلىشىپ، ئالدىراپ نېمە تۇتسا شۇنى قىلىدىغان ئادەتنى تاشلاڭ، ئۆزىڭىزنى بېسۋېللىپ ئويلىنىڭ. ئاۋۋال جىددىي ۋە موھىم ئىشنى قىلىڭ، ئاندىن موھىم بولمغان، لېكىن قىلشقا تېگشلىك ئىشلارنى قىلىڭ.
بۈگۈنكى ئىشنى بۈگۈن قىلىڭ. بۇنداق قىلغاندا ئىشنىڭ سۈپتگە كاپالەتلىك قىلغلى، ھەم ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغلى بولىدۇ.

5. رەت قىلشنى ئۆگىنىۋېلىڭ
مۇنداق بىر جۈملە كلاسسىك سۆز بار: سىز ھەر قېتىم مېنى ئىزدەپ ياردەم سورىغاندا خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ ياردەم قىلمەن، ئەگەر بىر قېتىم ياردەم قىلالمسام چوقۇم ماڭا يىرگىنىسىز.
مۇۋاپىىق ۋاقىتتا رەت قىلشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، شۇنداق قىلغاندا قارشى تەرەپ سىزنى تېخمۇ قەدىرلەيدۇ، ۋاقتىڭىزنى تېخمۇ موھىم ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ قىلىڭ.

6. باشقىلارنىڭ نۇقتسدا تۇرۇپ ئويلنىڭ
ئالاھىدە ئەھۋال بولمسا، ئامال بار باشقىلاردىن ياردەم سورىماڭ.
ئېغىز ئېچشتىن ئاۋال باشقلارنىڭ ئورندا تۇرۇپ سىناپ بېقىڭ، ئەگەر ئۆزىڭىز مۇشۇنداق ياردەمگە مۇھىتاج بولسڭىز ياردەم قىلالامتىڭىز. جاۋابى «ياق» بولسا، ئەمىسە ئۆزىڭىز باشقا ئامال قىلىڭ.
مەسىىلىلەرنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلىنىڭ، شۇنداق قىلغاندا كىشلىك مۇناسۋىتىڭىزنىڭ باغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتكىنىنى ھېس قىلسىز.

7. باشقىلارنىڭ گېپنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ
باشقىلارنىڭ گېپنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاش قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمەت، كىشلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتكى ئەڭ ئاساسىي ئەدەپ-قائىدىدۇر.
ئۈچەيلەننىڭ ئارىسىدا بىر ئۇستاز تېپىلىدۇ. بىزدە ئىرادە بولسلا، ھامان ئېرىشمەكچى بولغان نەرسگە ئېرشمىز.
باشقىلارنىڭ گېپىنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاش، ئەقىل-پاراسەت قۇبۇل قىلشتىكى مۇھىم يولدۇر.

8. چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ
ھاياتلىق ھەرىكەتتە، شۇڭا چېنىقىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ.
بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورنىغا بېرىڭ ياكى قورودا يۈگۈرۈڭ، ئۆيدە گىمناستىكا ئويناڭ، ئۇنىڭدىن باشىقا، ئىشقا بېرىپ-كېلشتە موتوسېكلىت، ۋەلىسپىت مىنسىڭىزمۇ ياكى پىيادە ماڭسىڭىزمۇ بولىدۇ.

9. پۇل باشقۇرۇشنى ئۆگىنىڭ
پۇلنى جىق تاپىدىغان ئەمما يەنىلا ئۇ ئايدىن بۇ ئايغا ئاران يەتكۈزىدىغان ئادەمنى تولا ئۇچرىتىمىز، كۆپچلكنىك ئورتاق بىر كەمچلىكى بار، ئۇ بولسمۇ ئۆزىمۇ پۇلنى نەگە ئىشلتىپ تۈگەتكىنى بىلمەيدۇ، پۇلنى خالغانچە ئىشلتىدۇ، ئىقتساد باشقۇرۇش ئېڭى يوق. مۇنداق بىر ئېغىز گەپ بار: سىز ئىقتساد باشقۇرمسڭىز، ئىقتساد سىزنى باشقۇرىدۇ.
ئىقتساد باشقۇرۇش ھاياتلىقتىكى چوڭ بىر ئىش، ئۇنى بىلسە باي بولغىلى، كۈتلمگەن ئىشقا يولۇققاندا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.

10. ئاغرىنماڭ، ئۆزىڭىزنى بىلىڭ.
مەسىلىگە يولۇققاندا ئاغرىنشقا ئالدىرىماڭ، ئاغرىنىش مەغلۇبىيەتنىڭ ئانىسى، ئۇ ئاسانلا ھېسياتقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئۆزىڭىزدىكى مەسلە ئۈستىدە كۆپرەك ئويلنىڭ، ئۆزىڭىزدىن يەنە نېمە يېتەرسىزلىك بارلقى توغرىسىدا سوراپ كۆرۈڭ، يېتەرسىزلىك بولسا تۈزىتىڭ، بولمسا ساقلىنىڭ، شۇندىلا ئىشلار تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

11. كەيپىياتنى كونترول قىلىڭ، مۇلايىم ئادەم بولۇڭ
ئاچچىق ھەممە ئادەمدە بولىدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلشنى ئۈگۈنۈۋېلىش، ئاچچىقىنى باشىقلاردىن چىقارماسلىق كېرەك. ئاچچىقلىنىش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، بەلكىم ئاددىي ئىشنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىش مۇمكىن.
مۇلايىم پىشقان ھالەتكە ئۆزگەرگىنڭىزدە بۇ دۇنيانىڭ شۇنچىلىڭ گۈزەل ۋە ئاقكۈڭۈل ئىكەنلىكنى ھېس قىلسىز.
新疆代斯图尔国际贸易有限公司 شىنجاڭ دەستۇر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى .
dastur

