大数跨境

ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى ئاددىي داۋالاش ئۇسۇلى

ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى  ئاددىي داۋالاش  ئۇسۇلى dastur
2018-09-04
2
导读:ساغلاملىقىڭىزغا dasturبارماق ئىزىنى بىسىپ تۇر



ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى


بۇ ئادەتتە ھارارىتى يۇقىرى جايلاردا ئۇزاق تۇرۇپ ئىشلەش، ئىسسىقلىق يېمەك-ئىچمەكلەر ۋە دورا-دەرمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، ئىپار، ئەنبەر قاتارلىق ئىسسىقلىق دورىلارنى كۆپ پۇراش، ئۈزمەي يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەش... قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈز بېرىدىغان كېسەللىك بولۇپ، باش چىڭقىلىپ ئاغرىش، زىڭىلداپ ئاغرىش، ئۇيقۇ قېچىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىق ھەم بەدەن تېلىپ ئاغرىش ياكى سىرقىراپ ئاغرىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.


داۋالاش:

1-رېتسېپ:

ئۈزۈم سىركىسىنى باش ۋە پېشانىگە چاپسا، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.


2-رېتسېت:

بىر چىمدىم قىزىلگۈلنى بىر پىيالە قايناق سۇدا دەملەپ ئىچسىمۇ بولىدۇ.

3-رېتسېپ:

ئۆچكە سۈتىگە چىلانغان داكىنى داۋاملىق باشقا قويۇپ بەرسىمۇ ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.

4-رېتسېپ:

سېمىز ئوت شورپىسى تەييارلاپ كاكچا نان بىلەن ئىستېمال قىلسا، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.

5-رېتسېپ:

ئوسۇڭ يوپۇرمىقىنى يۇمشاق سوقۇپ، باشقا زىمات قىلسا شىپا بولىدۇ.

6-رېتسېپ:

خېنىنىڭ چۆپىنى سۇدا ئېزىپ پېشانىگە چېپىپ بەرسە باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

7-رېتسېپ:

پالەكنى چالا سوقۇپ قاينىتىپ، سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

8-رېتسېپ:

پاقىيوپۇرمىقىدىن ئىككى چىمدىم ياكى پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقىدىن بىر چىمدىن ئېلىپ، بىر پىيالە قايناق سۇغا دەملەپ ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ.

9-رېتسېپ:

بىنەپشە يېغىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئىستېمال قىلسا ياكى باشقا سۈرتۈپ بەرسە ۋە ياكى بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە شىپا بولىدۇ.


10-رېتسېپ:

ئاپېلسىننى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا ياكى سىقىپ سۈيىنى كۈندە بىر پىيالىدىن ئىچسە، مەنپەئەت قىلىدۇ.


بارماق ئىزىنى بىسىپ تۇرۇپ سالوننى قۇشۇڭ




【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662