كۆڭۈلنىڭ كۆڭۈلدىن كۈتىدىغىنى مال دۇنيا ۋە باشقا نەرسە ئەمەس، بەلكى مېھىر-مۇھەببەت ، كۆيۈنۈش، سەمىمىيلىك، ساداقەت، ۋاپادارلىق. ئەڭ مۇھىمى: راسىتچىللىق ...
سېنى ياخشى كۆرگەن ئادەم سېنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ باشقىلارنىڭ ساڭا ناچارلىق قىلىشىنى خالىمايدۇ، بىلسەڭ بۇمۇ بىر بەخىت …
سۆز زىننەتتۇر، سۈكۈت بولسا خاتىرجەملىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ سۆزلىمە. مەن سۈكۈت قىلغىنىمغا بىر قېتىممۇ پۇشايمان يېمىدىم. ئەمما سۆزلىگىنىمگە كۆپ قېتىم پۇشايمان يىدىم ...
ھەر بىر ئادەمنىڭ خارەكتىرىنى ئاستا ئاستا چۈشۈنۈپ قالىسەن، شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنى بەك ۋاي دەپ ئۆزەڭنى ئاۋارە قىلما، قانداق مۇئامىلە قىلىشنى شۇ ئادەمنىڭ ئۆزى ئۈگىتىدۇ .
ھاياتلىق مۇساپىمىزدە ھەرقانداق ئادەمنىڭ چوقۇم ئالتۇنغا تېگەشكۈسىز كىشلىرى بولىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ بىراۋنىڭ تەرقى-تۇرقى، مەدەنىيەت سەۋىيسى، بايلىقى، خىزمەت ئورنى ۋە ياكى ئوتتۇردىكى پايدا-مەنپەئەت بولماستىن بەلكى پۈتۈن ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كەتكەن سەمىمىيەت ۋە ئاق كۆڭۈللۈك. ھاياتىمدىكى ئەنە شۇ كىشلىرىمگە ئەڭ ياخشى تىلەكلەر بولسۇن... ئامان بولسۇن دىلىمدىكىلەر …
تۇرمۇشتا كۆڭۈل ئاغرىقىڭىزنى قۇمغا يېزىڭ، ئۇنى بوران-چاپقۇن ئۆچۈرۈۋەتسۇن. مىھىر-مۇھەببەتنى بولسا تاشقا ئويۇڭ، ئۇ مەڭگۈ قەلىبلەرنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا ساقلانسۇن ...
باشقىلارنىڭ ھېكايىسىنى بەك ئۈنلۈك ئوقۇپ كەتمەڭ، سىزنىڭ ھېكايىڭىزنى تېخىمۇ جانلىق ئوقۇيدىغانلار چىقىدۇ، ھىكايىسىز ھېچكىم يوق سىزمۇ شۇ...

