

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
بۇ مىۋىنىڭ بىر دانىسى بەش خىل دورىنىڭ ئۈنۈمىگە باراۋەر

مىۋە يىيىشنى ھەممەيلەن ياخشى كۆرىمىز، ئەمما قايسى مىۋىنىڭ قانداق پايدىسى بارلىقىنى بىلىپ كەتمەيمىز، بۈگۈن ئاپلىسىنىڭ ئالاھىدە پايدىلىق رولىنى تۇنۇشتۇرىمىز
ئاپلىسىن ئاچچىق- چۈچۈك تەمى بىلەن يىيىشلىكلا بولۇپ قالماي، بىر تال ئاپلىسىن بەش خىل دورىغا باراۋەر بولغان داۋالاش ئۈنۈمگە ئىگە
1. ئۈچەينى سىلىقلاپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ
ئاپلىسىن تەركىبىدە سۇ، ۋىتامىن ۋە تالالىق ماددىلار بولغاچقا كۈندە نەچچە تال ئىستىمال قىلسىڭىز ئۈچەينىڭ ھەركىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
2. چىراي گۈزەللەشتۈرىدۇ
كۈندە ئۈچ تال ئاپلىسىن ئىستىمال بىر كۈنلۈك ۋىتامىنغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرالايدۇ، چىرايىڭىزنى نۇرلاندۇرۇپ، قارا پىگمىنىتنىڭ كۆپىيىشىنى توسۇيدۇ.
3. ئىشتىھانى ئېچىپ، مىڭىنى جانلاندۇرىدۇ
ئاپلىسىن تەركىبىدىكى لىمون كىسلاتاسى ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، مېتابولىزىمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەركىتىنى ياخشىلاپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ.
4. قاندىكى خولىستىرىننى تۈۋەنلىتىدۇ
ئىسپاتلىنىشچە، ئاپلىسىن يەپ بەرگەندە قاندىكى خولىستىرىننى تۈۋەنلىتىپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنى ياخشىلايدۇ.
5. يۈرەك قان - تۇمۇرنى ئاسرايدۇ
ئاستا خاراكتىرلىك جىگەر ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىم بولغانلار كۈندە ئاپلىسىن يەپ بەرگەندە جىگەرنىڭ تازلاش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، خولىستىرىننىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلايدۇ.
پايدىلىق دەپلا ئاپلىسىننى بىراقلا كۆپ ئىستىمال قىلۋېلىشقا بولمايدۇ
بىر قېتىمدا كۆپ ئىستىمال قىلىش بەدەندىكى ماددىلارنىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتۋېتىپ ئاسانلا بۆرەكتە ياكى سۈيدۈك يولىدا تەش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىز بوشلىقىنى زىيانغا ئۇچۇرتىدۇ
ئاپلىسىننىڭ ئۆزى دورا بولۇپلا قالماي يەنە شۆپىكىمۇ تېپىلغۇسىز ياخشى دورا
1. باش قېيىشنى داۋالايدۇ
ماشىنىغا ئولتۇرغاندا ياكى پاراخوتتا ئولتۇرغاندا نېشى قېيىدىغانلا ئاپلىسىن شۆپىكىنى قاتلاپ بۇرنىغا ئازراق تىقىپ تۇرسا باش قېيىشنى ياخشىلايدۇ.
2. يۆتەلنى ياخشىلايدۇ
ئاپلىسىننىڭ شۆپىكىنى ئۇششاق پارچىلاپ قايناقسۇغا دەملەپ، ئۈستىگە ئازراق قارا شىكەر، زەنجىۋىل قوشۇپ ئىستىمال قىلسا يۆتەلنى توختىتىپ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ.
3. كاناينى سىلىقلاپ، ئاشقازاندىكى يەلنى ھەيدەيدۇ
ئاپلىسىن شۆپىكىنى قايناقسۇغا دەملەپ، ئازراق ئاق شىكەر قوشۇپ ئىستىمال قىلسا كاناينى سىلىقلاپ، ئاشقازان - ئۈچەي ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇپ، ئاشقازاندىكى يەلنى ھەيدەيدۇ.

4. قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ
ئاپلىسىن شۆپىكىنى تازلاپ، ئاق شىكەر، ھەسەل قوشۇپ قاينىتىپ سوۋۇغاندا كۈندە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا بىر قۇشۇق ئىستىمال قىلسا قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ.
ئاپلىسىننىڭ ئۆزى يىيىشلىك، دورا بولۇپلا قالماي، شۆپىكىمۇ ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىكەن ئەمەسمۇ، شۇڭا ئەمدى ئاپلىسىن ئىستىمال قىلغاندا شۆپىكىنى تاشلىۋەتمەڭ
بارماق ئىزىنى بىسىپ تۇرۇپ سالوننى قۇشۇڭ



