大数跨境

ئەرلەرنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈپ، ئاياللارنى گۈزەل قىلىدىغان رېستىپ

ئەرلەرنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈپ، ئاياللارنى گۈزەل قىلىدىغان رېستىپ dastur
2018-12-07
0
导读:ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھdastur网بارماق ئىزىنى بىسىپ تۇر



ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

ئەرلەرنى تېخىمۇ كۈچتۈڭگۈر قىلىدىغان، ئاياللارنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردىغان بىر خىل تائام بار، سىز ئاڭلاپ باققانمۇ؟
    گۈللۈك پۇرچاق (花豆)، ئادەتتە سەككىز گۆھەر ئومىچىدا كۆپ كۈرلىدىغان بولۇپ، تاشقى شەكلى بۆرەككە ئوخشاپ قالغانلىقتىن، بەزىدە بۆرەك پۇرچىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گۈللۈك پۇرچاقنىڭ ئاقسىل تەركىنى %18گە يىتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە 17 خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار؛ ئۇنىڭ بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ئىنىرگىيە تولۇقلاش ئۈنۈمى كۆرنەرلىك بولۇپ، بۇ خىل جىنسىي باھنى قۇۋۋەتلەش رولى بار بولغانلىق سەۋەبىدىن، سىھىرلىك پۇرچاق دەپ نام ئالغان. گۈللۈك پۇرچاقنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول، ئۆزى ئەرزان ھەم يىيىشلىك بولۇپ، قوي گۆش بىلەن بىللە پىشۇرۇلسا، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان ھەم تەملىك بىر خىل تائام بولىدۇ.


كىتەرلىك ماتىريال:

     گۈللۈك پۇرچاق 300گىرام، پىياز، قوي گۆشى 120 گىرام، سامساق، سوقۇلغان قىزىلمۇچ ، پەمىدۇر قىيامى ئۈچ قوشۇق، ئاق ئاچچىقسۇ بىر قوشۇق، لائور(月桂)، تۇز، قارىمۇچ، شىكەر

-Step 1-

     گۈللۈك پۇرچاقنى بىر كىچە سۇغا چىلاپ قويىمىز. ئەگەر قۇرۇق پۇرچاق بولسا، ئەڭ ياخشىسى 8سائەتتىن ئارتۇق چىلاش كىرەك؛ يىڭى پۇرچاقنى 3-2سائەت چىلاپ قويساقلا بولىدۇ.



-Step 2-

     پۇرچاقنى سۈزۈپ ئېلىپ، دۈملەش قازىنىغا سېلىپ، پۇرچاقنى يۆگەپ 2سانتىمىتىر ئاشقۇچىلىك سۇ قۇيىمىز؛ كەينىدىن پىياز، لائور، گۆش، پەمىدۇر قىيامى، سامساق قاتارلىقلارنى سالىمىز.


-Step 3-

 چوڭ ئوتتا قايناتقاندىن كىيىن، تۇۋاقنى يېپىپ بىرسائەت دۈملەپ پىشۇرۇمىز.


-Step 4-

      بىر سائەتتىن كىيىن، سوقۇلغان قىزىلمۇچ، تۇز، شىكەر، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلارنى سېلىپ، يەنە بىر سائەت قاينىتىمىز، بۇ قەدەمدە تۇۋاقنىڭ يان تەرپىدىن ئازراق يۇچۇق قالدۇرىمىز.


-Step 5-

 قاينىتىپ بولغاندىن كىيىن، پۇرچاق يۇمشاپ شورپىسى قويىلىدۇ،گۆشمۇ يۇمشاق پىشىدۇ.


-Step 6-


 ئاخىرىدا، تاماقنى ئۇسۇشنىڭ ئالدىدا قارىمۇچنى سېلىپ قاچىغا ئۇسساق، شۆلگەيلىرىڭىزنى ئېقىتىۋىتىدىغان تائام تەييار بولغان بولىدۇ.

维语健康网

بارماق ئىزىنى بىسىپ تۇرۇپ سالوننى قۇشۇڭ




【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662