大数跨境

راك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان ئېلىمىزنىڭ 22 چولپىنى

راك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان ئېلىمىزنىڭ 22 چولپىنى dastur
2019-07-17
1



توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1. گاۋ لىڭفېڭ

«سۇمرۇغ»(火鸟) ناملىق ناخشىسى بىلەن ھەممىلا يەرگە داڭقى تارالغان، 63 ياشلىق روك ناخشىچىسى، ئارتىس، رىياسەتچى گاۋ لىڭفېڭ قان راكى بىلەن 2-ئاينىڭ 17-كۈنى تەيبېيدا ۋاپات بولدى.

2. ۋۇ ما

ۋۇ ما ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق شياڭگاڭ ئارتىسى، بۇ ئوماق ھەم كەپسىز بوۋاي نۇرغۇن كىلاسسىك ئوبرازلارنى ياراتقان، ئەمما بۇ بوۋاي 71 يېشىدا ئۆپكە راكى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن، ئىگلىنىشىچە ئۇ ئاخىرقى كۈنلىرىدىمۇ روھىي ھالىتىنى ناھايىتى ياخشى تۇتقان.

3. مېي يەنفاڭ

2003-يىلى 8-ئايدا مېي يەنفاڭنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكى بولۇپ قالغانلىق خەۋىرى تارالغان، ئەمما ئۇ باشتىن-ئاخىر ئۈمىدۋارلىق بىلەن كېسەل بىلەن ئېلىشقان، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە ياشاشتىن ۋاز كەچمىگەن، ئەمما كېسەلدىن يەنىلا غالىب كېلەلمىگەن.

4. شېن ديەنشيا

ھەممەيلەنگە كۈلكە ئاتا قىلغان بۇ بودەك ئاچاش 2008-يىلى ئۆت نەيچىسى راكى بىلەن 61 يېشىدا ۋاپات بولغان.

5. چېن شياۋشۈ

ھاياتى داۋامىدا بىرلا رولنى ۋايىغا يەتكۈزگەن ئارتىس دېيىلسە، ئۇ دەل چېن شياۋشۈ، ئۇ لىن دەييۈنىڭ رولىنى بەك كىرىشىپ ئالغان، ئۇ كېيىن سۈت بېزى راكى بىلەن ۋاپات بولغان.

6. لو جىڭ

جۇشقۇن ئاۋازى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە 20 يىل ھەمراھ بولغان لو جىڭ 48 يېشىدا لىمفا راكىنىڭ تېز سۈرئەتتە بەدەنگە تاراپ كېتىشى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.

7. فۇ بياۋ

2005-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 42 ياشقا كىرگەن فۇ بياۋ جىگەر راكى بىلەن بېيجىڭ قوراللىق ساقچى قىسمى قورۇسىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

8. ۋېن شىڭيۈ

داڭلىق ئارتىس، سەنئەتكار ۋېن شىڭيۈ 2007-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۆپكە راكى بىلەن 66 يېشىدا ۋاپات بولغان.

9. لو ۋېن

مەردانە ناخشىلارنى ئېيتىپ تونۇلغان ناخشىچى لو ۋېن 2002-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى جىگەر راكى بىلەن 57 يېشىدا ۋاپات بولغان.

10. چېڭ كۇيئەن

«ھاماقەت» تەسىر بېرىدىغان شياڭگاڭنىڭ داڭلىق يانداش ئارتىسى چېڭ كۇيئەن 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى يۇتقۇنچاق راكىنىڭ بەدەنگە تاراپ كېتىشى بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 54 يېشىدا ۋاپات بولغان.

11. پەن ئەنباڭ

«خەلق ناخشىلىرى شاھزادىسى» دەپ ئاتالغان پەن ئەنباڭ راك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىلەن 51 يېشىدا ۋاپات بولغان، ئۇنىڭ ناخشىلىرى ھېلىغىچە ئېيتىلىپ كەلمەكتە.

12. ئاساڭ

ناخشىلىرى بىلەن داڭق چىقارغان ئاساڭ سۈت بېزى راكى بىلەن 34 يېشىدا ۋاپات بولغان، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ناخشىلىرى قايتىدىن داڭلانغان.

13. لى يۈ

«سىم-سىم يامغۇر» دىكى گۈزەل ھەم كەڭ قورساق فاڭ يۈ ئوبرازىنى ياراتقان لى يۈ ئادەمگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، لى يۈ لىمفا راكىغا قارىتا داۋالىنىش ئۈنۈم بەرمەي 33 يېشىدىلا ئالەمدىن ئۆتكەن.

14. فېڭ فېيفېي

كىلاسسىك ناخشىلارنى ئېيتقان فېڭ فېيفېي ئۆپكە راكى بىلەن 60 يېشىدا شياڭگاڭدا ۋاپات بولغان.

15. ياۋ بېينا

«ياخشى ئاۋاز» پىروگراممىسىدا داڭق چىقارغان ناخشىچى ياۋ بېينا «جېنخۇەن قىسسىسى»نىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتقان، ئاۋازى ناھايىتى يېقىملىق بۇ ناخشىچى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى سۈت بېزى راكى بىلەن 33 يېشىدىلا ۋاپات بولغان.

16. كۇاڭ زوخۇي

پېشقەدەم ئارتىس كۇاڭ زوخۇي نۇرغۇن كىلاسسىك  ئوبرازلارنى ياراتقان، ئەڭ كىلاسسىك بولغىنى ليۇ دېخۇا نۇسخىسىدىكى «خىسلەتلىك بۈركۈت ھەمراھلىرى» دىكى ئوبرازى. ئەمما 2014-يىلى ئۇ ئۈچەي راكى بولۇپ قېلىپ، 2015-يىلى ۋاپات بولغان.

17. لىن جېڭيىڭ

لىن جېڭيىڭ شياڭگاڭنىڭ نۇرغۇن قورقۇنچلۇق كىنولىرىدا رول ئېلىپ تونۇلغان، لېكىن 1997-يىلى ئۇ جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىپ 45 يېشىدىلا دۇنيادىن ئايرىلغان.

18. جاۋ لىروڭ

داڭلىق ئارتىس، سەنئەتكار جاۋ لىروڭ كېسەل بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرىدىمۇ يەنىلا رېپىتسىيەگە قاتناشقان، 73 يېشىدا ئۆپكە راكى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

19. زاڭ تيەنشو

2018-يىلى 9-ئايدا ناخشىچى زاڭ تيەنشو جىگەر راكى بىلەن بېيجىڭدا 45 يېشىدا ۋاپات بولدى.

20. ما سەنلى

داڭلىق ئېيتىشىش ئارتىسى، سەنئەتكار ما سەنلى 2003-يىلى ئۆپكە راكى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

21. لى دىڭ

نۇرغۇن ئۇنتۇلغۇسىز روللارنى ئالغان داڭلىق ئارتىس، سەنئەتكار لى دىڭ تۈز ئۈچەي راكى بىلەن 82 يېشىدا ۋاپات بولغان.

22. شيوڭ دۇن

بەي بەيخې رول ئالغان «يوقال ئۆسمە»(滚蛋吧,肿瘤君)دىكى ئەسلى ئوبراز شيوڭ دۇن 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى غەيرىي خاراكتېرىلىك لىمفا ئۆسمىسى بىلەن 30 يېشىدىلا دۇنيادىن ئايرىلغان، بۇ قىز ھاياتى داۋامىدا نېمىنىڭ ئۈمىد ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويغان.

















【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662