
يوقۇرى سۈپەتلىك ھۆسۈن تۈزەشنى ھاسىل قىلالايدىغان ئۇخلاشنى خالىسىڭىز، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياخشى بولغان يىمەكلىكلەرنى تاللاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
بەزى يېمەكلىكلەر تەبىئىي « ئۇيقۇ دورىسى» دۇر، سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلاپ، تىنچ ئۇخلىشىڭىزغا ياردىمى بار، يەنە بەزى يېمەكلىكلەر بولسا « ئۇيقۇ قاتىلى» دۇر، ياخشى ئۇيقۇنى بۇزۇپلا قالماستىن، يەنە تەننىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
زادى قانداق يېمەكلىكلەرنى يىيىش قانداق يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك كېرەك؟ تۆۋەندە كۆپچىلىككە ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى قىزىل قارا يىمەكلىك تىزىملىكى تەييارلىدۇق.

ئىچىملىك قىزىل تاختىسى
1. سۈت
ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈت ئىچىدۇ، چۈنكى سۈت تەركىبىدە بەدەنگە ھارغىنلىق يەتكۈزۈپ ئۇيقۇ كەلتۈردىغان ئۇيقۇ ماددىسى بار بولۇپ، ئادەمنى تېز سۈرئەتتە ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرگۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈت ئىچسە قاندىكى كالتىسىينى تولۇقلايدۇ.
2. ھەسەل سۈيى
ھەسەل تەركىبىدە ماگنىي بار بولۇپ، چوڭ مېڭە مەركىزىي نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، جىددىي روھىي ھالەتنى تۈگىتىپ، بېسىمنى يىنىكلىتىدۇ. شۇنداقلا ھەسەلدە كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنىتلار بار بولۇپ، يەنە تېخى ھۆسۈن تۈزەيدۇ.

3. ئۆرۈك مېغىزى شىرنىسى
ئۆرۈك مېغىزىدا مول بولغان ئاقسىل، ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھەسەلگە ئوخشاش تەركىبىدە ماگنىي بار بولۇپ، دائىم يەپ بەرگەندە تەشۋىشلىنىشنى تۈگىتىپ، كەيپىياتنى پەسەيتىپ، ئۇيقۇغا پايدىلىق.
4. ئاچچىقسۇ
ئەگەر ئادەم ئۇزۇن مۇددەت جىددىيلىشىش ھالىتىدە تۇرغاندا، بەدەن كۆپ مىقداردا سۈت كىسلاتاسى ھاسىل قىلىپ، جىددىيلىشىش خاراكتېرلىك چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ. سىركە كىسلاتاسى سۈت كىسلاتاسىنىڭ ھاسىل بولىشىنى تىزگىنلەپلا قالماستىن، يەنە تېز سۈرئەتتە سۈت كىسلاتاسىنى ئوكسىدلاپ، جىددىيلىشىش خاراكتېرلىك چارچاش تۇيغۇسىنى تۈگىتىپ ياكى يىنىكلىتىپ، ئادەمنى ئىنتايىن ئەركىن ھالەتتە ئۇيقۇغا كىرگۈزىدۇ.
5. قېتىق
قېتىق بولسا ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەك ياخشى كۆرۈپ ئىستىمال قىلىندىغان ئىچىملىك بولۇپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ، ئېچىغاندىن كېيىنكى قېتىق ناھايىتتى ئاسانلا قوبۇل قىلىنىپ، يەنە ئاشقازان ئۈچەينى تازلاشقا پايدىلىق.

ئىچىملىك قارا تاختىسى
1. قەھۋە
قەھۋەنىڭ روھلاندۇرۇش ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئويلاپ باقساقمۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچىشكە ماس كەلمەيدۇ.
2. قېنىق چاي
قېنىق چايمۇ ئوخشاشلا روھى كەيپىياتنى يوقۇرى كۆتۈرگەچكە، بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە ئۇخلاتمايدۇ.

3. ھاراق
ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھاراق ئىچىش ئۇخلاش ۋاقتىنى قىسقارتقىنى بىلەن، لېكىن ئۇيقۇنى يەڭگىللەشتۈرۈپ، يەڭگىل ئۇخلاش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئارلىقتا ئېغىز-تىل قۇرغاقلىشىپ، « ئاشقازان كېلىشەلمەسلىك» قاتارلىق سەۋەپتىن كۆپ قېتىم ئويغىنىپ، ئۇيقۇنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. ئىچىملىك
كۆپىنچە ئىچىملىكلەردە چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى روھلاندۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلار بار بولۇپ، بۇ ماددىلار مەركىزىي نېرۋېنى غىدىقلايدۇ، شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

مىۋە-چىۋە قىزىل تاختىسى
1. بانان
بانان ئەمەلىيەتتە مېۋە پوستى بىلەن ئورالغان « ئۇيقۇ دورىسى»دۇر، تەركىبىدە مول بولغان مۇسكۇلنى ئەركىن قويۋېتىش ماگنىي بار.
2. ئۈزۈم
ئۈزۈم تەركىبىدە ئۇيقۇغا ياردىمى بولغان مېلاتونىن بار بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن نورمالسىز ئۇيقۇ ئەھۋالى ياخشىلىندۇ.
3. غەيرىي مېۋە
كۈندە ئىككى تال غەيرىي مېۋىنى ئىستىمال قىلغاندا، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى 40% كە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ! غەيرىي مېۋە تەركىبىدە مول بولغان كالتسىي، ماگنىي ۋە ۋىتامىن C بار بولۇپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش ۋە سىمپاتىك نېرۋىنى تىزگىنلەش رولى بار.

4. ئالما
ئالما تەركىبىدە مېۋە يىلىمى، ئاقسىل، ۋىتامىن B، ۋىتامىن C، كالىي، سىنىك قاتارلىق كۆپ خىل ئادەمنىڭ نېرۋىسىنى تىنچلاندۇردىغان ئېلېمېنتلار بار بولۇپ، ئۇ يەنە خۇشپۇراق تەركىبى بىلەن ئادەمنىڭ نېرۋىسىنى تىنچلاندۇرۇش رولى ناھايىتتى كۈچلۈك بولۇپ، ئىتتىك ئۇخلاشقا پايدىسى بار.
5. ئاناناس
ئاناناسنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تۇخۇم، سەۋزە، پەمىدۇر قاتارلىق يىمەكلىكلەرنىڭ يىغىندىسى بولۇپ. ئاناناسنىڭ قىزىل يىلتىزى تەركىبىدە يەنە ئادەتتىكى كۆكتاتلاردا كەمچىل بولغان ۋىتامىن K بار، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش، نېرۋا ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق روللىرى بار.

كۆكتات قارا تاختىسى
1. كەرەپشە
كەرەپشە بولسا بىرخىل سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورا بولۇپ، سۈيدۈكنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. ئەگەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەك كۆپ كەرەپشە ئىستېمال قىلۋەتكەندە، سۈيدۈك توختىماي كېلىپ نورمال ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
2. سامساق
كەچتە سامساق يىگەندە، ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپلا چىقارماستىن، يەنە ئاشقازان ئېچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارى ناچار بولسا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوقۇم سامساق قاتارلىق ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك كېرەك.

3. تاۋۇز
تاۋۇزنىڭمۇ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ، ئوخشاشلا تاۋۇزدىمۇ مول بولغان قەنت تەركىبى بار، ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆپ يەۋالغاندا ئىنسۇلىننى ئۆرلىتىپ، ياغنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرىۋېتىدۇ.
4. پۇرچاق
پۇرچاق بىرقەدەر تويغۇزۇش رولى كۈچلۈك بولۇپ، ھەزىم قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن گازنى پەيدا قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن قورساق كۆپۈۋېلىش تۇيغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نورمال ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

كۆكتات قىزىل تاختىسى
1. ئۆرۈك مېغىزى
ئۆرۈك مېغىزىمۇ ئۆرۈك مېغىزى شىرنىسىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە مول بولغان نېرۋىنى تىنىچلاندۇردىغان ۋە مېنىرال ماددا ماگنىي قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق.
2. چوڭ چىلان
چوڭ چىلاننىڭ تەمى تاتلىق بولۇپ، تەركىبىدە قەنت، ئاقسىل، ۋىتامىنC، ئورگانىك كىسلاتا، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار بار بولۇپ، تالنى قۇۋۋەتلەپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە.
3. گازىر
كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئازراق گازىر چاققاندا، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىمنى ياخشىلاپ توسالغۇلارنى ماڭغۇزۇپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە پايدىلىق.

ئۇششاق يېمەكلىك قارا تاختىسى
1. ماروژنا
ماروژنا تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ياغ بار بولۇپ، يەپ بولۇپلا ئۇخلىغاندا سەمرىتىۋېتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇخلاشتىن بۇرۇن تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يىگەندە ئاسانلا يامان چۈشلەرنى كۆرۈپ قالىدۇ.
2. شاكىلات
كۆپىنچە شاكىلاتلار تەركىبىدە كوففېئىن بار بولۇپ، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەركبىدىكى كاكائو ئىشقارى ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تېزلەشتۈرىۋېتىدۇ.
3. ھامبۇرگ بولكىسى ۋە ياڭيۇ قەلەمچىسى
داۋاملىق يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۋېتىدۇ، يۇقىرى ئېنىرگىيىلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق كىشىلەرنىڭ ھەركۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتىنى تېخىمۇ قىسقارتىۋېتىدۇ.

● ● ●
新疆代斯图尔国际贸易有限公司










