大数跨境

دائىم ئەتىگەنلىك تاماق يىمەيدىغانلا مۇنداق بولىدۇ،تېزكۆرۈڭ

دائىم ئەتىگەنلىك تاماق يىمەيدىغانلا مۇنداق بولىدۇ،تېزكۆرۈڭ dastur
2019-03-13
3



تەملىك ئەتىگەنلىك تاماق بىر كۈننىڭ باشلىنىشىدۇر،ئەتىگەنلىك تاماقنى ياخشى يىمىگەندە ئۆمۈر قىسقىرايدۇ،دائىم ئەتىگەنلىك تاماق يىمەيدىغانلار ئاخىرىدا مۇنداق بولۇپ قالىدۇ.


ئەتىگەنلىك تاماق يىمەسلىكنىڭ خەتىرى

1.سىمىزلىك كېسىلى

نۇرغۇن كىشىلەر ئەتىگەنلىك تاماق يىمىسە ئورۇقلايدۇ دەپ قارايدۇ،لىكىن ئەمىلىيەتتە ئەتىگەنلىك تاماق يىمىگەندە ئەكسىچە سەمىرىپ كېتىدۇ،تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە،ئەتىگەنلىك تاماق يىمىسە بەدەننىڭ مىتابولىزىم ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىشىنى،ئىسسىقلىق ئىنىرگىيىسىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشىنى،ماينىڭ بەدەندە يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.



شۇنىڭ بىلەن بىللە،ئەتىگەنلىك تاماق يىمىگەندە چوقۇم چۈشلۈك ھەم كەچلىك تاماقنى كۆپ يەپ تۇلۇقلاشقا توغرا كېلىدۇدە،ئورگانىزىملار ئاسان ھەزىم قىلالماي ئىسسىقلىق ئېنىرگىيە توپلىنىپ،سىمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


2-ئۆتكە تاش چۈشۈش

ئەتىگەنلىك تاماق يىمىگەندە ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ،ئاشقازان تاماق بولمىغان ئەھۋالدىمۇ ئوخشاشلا لۆمۈلدەيدۇ،ئۆتتىكى ئۆت سۇيۇقلىقىنىڭ چىقىرىلىشىغا پۇرسەت بولمايدۇ،ئۆت سۇيۇقلىقىدىكى خولىستېرىن ئاجىرىلىپ چىقىپ،چۆكمىگە ئايلىنىدۇ،ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تاش پەيدا بولىدۇ.



 

3.ئۈچەي ئاشقازان كېسىلى

بىر دوستۇم ئالدىنقى ئايدا تەكشۈرۈتكىلى بارسا ئۇنىڭغا ئۆتكە مۇنچاق گۆش ئۆسىۋاپتۇ دەپ دىئاگىنوز قۇيۇلۇپتۇ،دوختۇر ئۇنىڭغا بۇ ئەتىگەنلىك تاماق يىمەسلىكتىن ھەم قالايمىقان ئوزۇقلىنىشتىن كىلىپ چىققان دەپتۇ،توغرا،ئەتىگەنلىك تاماق يىمىگەندە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىرىلىشى ھەم ئۆت سۇيۇقلىقىنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىرىلىشىغا تەسىر يېتىپ،ئۈچەي ئاشقازان قاتارلىق ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۋېتىدۇ،ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاشقازان ياللۇغى،ئاشقازان يارىسى،ئاشقازان كېسىلى قاتارلىق ئۈچەي ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



4.يۇقىرى قان بېسىمى،قاندا ماي يۇقىرىلاش

ئەنگىلىيىدىكى بىر تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە،ئەتىگەنلىك تاماق يىمەيدىغانلارنىڭ چوڭ مىڭىسى يۇقىرى ئېنىرگىيىگە ئېھتىياجلىق بولغان سىگنال چىقىرىدىكەندە،چۈشلۈك ھەم كەچلىك تاماقتا «ئەخلەت يىمەكلىكلەر»نى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن،ئۇزۇن مەزگىل موشۇنداق بولىۋەرسە يۇقىرى قان بېسىم،قاندا ماي يۇقىرىلاپ كېتىش،دىئابىت قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى يۇقىرلىتىۋېتىدىكەن.


 

5.يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى

ئەگەر ئەتىگىنى ئۈچەي ئاشقازاندا يىمەكلىك بولمىسا ئادەم بەدىنىدىكى قان سۇيۇقلىقىدا تېخىمۇ كۆپ بوB تىپتىكى قان نوكچىسى گلوبۇلىننى شەكىللەندۇرىدۇ،بۇ خىل ئېلمىنىت قان سۇيۇقلىقىنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇدە،ئادەم ئاسانلا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولىدۇ.



6.ئارتىرىيە قېتىش

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە،دائىم ئەتىگەنلىك تاماق يىمەيدىغانلاردا خولىستېرىن ئەتىگەنلىك تاماق يەيدىغانلارغا قارىغاندا %33يۇقىرى بولىدىكەن،بۇ ئارتىرىيە قېتىشىشىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتىدۇر،ئۇزۇن مەزگىل ئەتىگەنلىك تاماق يىمىگەندە ئارتىرىيە قېتىش،مىڭە تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللكىلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى نورمال ئادەملەرگە سېلىشۇرغاندا يۇقىرى بولىدىكەن.




7.جىگەرنى ماي قاپلاش

ئەتىگەنلىك تاماق شۇ كۈندىكى بىرىنچى ۋاق تاماق،ئۇنىڭ ئالدىنقى كۈندىكى كەچلىك تاماق بىلەن بولغان ئارلىقى ئۇزۇن،ئەگەر بۇ بىر ۋاق تاماقنى دائىم يىمىگەندە ئىنىرگىيىنىڭ خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،قان شېكىرى چۈشۈپ كېتىدۇ،موشۇنداق بولىۋەرسە،ماي«ئىگەللىۋېلىپ»،ئاخىرى جىگەرنى ماي قاپلايدۇ.


ئەتىگەنلىك تاماقنى مۇنداق يىمەڭ

1.بەك كۆپ يىيىش

كونىلار«ئەتىگەندە پادىشاھتەك يە»دىگەن،بۇ ھەرگىزمۇ قانچە كۆپ يىسەڭ شۇنچە ياخشى دىگەنلىك ئەمەس،ئەتىگەندە بەك تۇيۇنۇپ يىگەندە تاماقتىن كىيىن قاندىكى شىكەر ئۆرلەپ كېتىپ ئاسانلا ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ،ئەمىلىيەتتە ئەتىگەنلىك تاماقتا قوساقنى 7 ئۈلۈش تويغۇزۇش ئەڭ مۇۋاپىق.


2.بەك بالدۇر يىيىش

بىرەيلەن سائەت بەش ئالتىلەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتىگەنلىك تاماق يىيىشكە ئادەتلەنگەن ئىكەن،لىكىن ئەتىگەنلىك تاماقنى بەك بالدۇر يىگەندە بەدەندىكى ئەزالار يەنىلا دەم ئېلىش ھالىتىدە بولغاچقا،بۇ چاغدا ساغلاملىققا تەسىر يىتىپلا قالماي،ئۈچەي ئاشقازاننى زىيانغا ئۇچىرىتىدۇ.


ئەگەر ئەتىگىنى يەتتىدە ئورنىڭىزدىن تۇرسىڭىز،چىشىڭىزنى چوتكىلاپ بولغاندىن كىيىن ئاۋۋال بىر ئىستاكان ئىلىمان قايناقسۇ ئىچسىڭىز،ئۈچەي ئاشقازىنىڭىز ئىنتايىن راھەتلىنىدۇ،ئاندىن يېرىم سائەت ئەتراپىدا ھەركەت قىلغاندىن كىيىن ئەتىگەنلىك تاماق يىسىڭىز ئىنتايىن مۇۋاپىق بولىدۇ.


3.بەك مايلىق يىيىش

نۇرغۇن كىشىلەر ئەتىگىنى پىلتە قۇيماق،پوشكال،ھابوروگ بولكىسى قاتارلىق مايدا پىشۇرۇلغان يىمەكلىكلەرنى يىيىشكە ئامراق،بۇ يىمەكلىكلەرنىڭ ماي تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى،ئەگەر ئەتىگىنى بەدەنگە بەك كۆپ قوبۇل قىلىنىپ كەتسە ئۈچەي ئاشقازان ئاسان سۈمۈرەلمەي،ئۆتكە تاش چۈشۈش،قاندا ماي يۇقىرى بولۇش قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


4.ماڭغاچ تاماق يىيىش

ۋاقىت قوغلىشىپ ماڭغاچ تاماق يىگەندە ئۈچەي ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىغا تەسىر يېتىدۇ،يول ماڭغاچ تاماق يىگەندە ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ دە ئاسانلا ئاشقازان ساڭگىلاپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ئوخشىغان ئەتىگەنلىك تاماق سىزنىڭ بىر كۈنلۈك كەيپىياتىڭىزنىمۇ ياخشىلايدۇ،شۇڭا ئىمكان بار ئولتۇرۇپ يەپ ئوبدان ھوزۇرلىنىڭ.



5.بەك تېز يىيىش

ئەتىگەنلىك تاماقنى بەك تېز يىگەندە ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ،ئەگەر تاماقنى چاينىمايلا يۈتكەندە ئۈچەي ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇدە،ئاسانلا سىمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


 

ئەتىگەنلىك تاماقنى مۇنداق يەڭ

1.قارا ئاشلىق تاللاڭ

ئەتىگەنلىك تاماقنى زادى قانداق يىگەندە ساغلام بولىدۇ؟ئاۋۋال قارا ئاشلىقنى تاللاش تەكلىۋىنى بىرىمىز،قارا ئاشلىق تەركىبىدە يىمەكلىك تالاسى ئىنتايىن مول بولۇپ،بەدەندىكى ئارتۇق توكسىننى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ،ئۇ ئىنتايىن ياخشى بولغان زەھەر تازلاش دورىسىدۇر.


2.ئاقسىل تاللاش

ئەتىگەنلىك تاماقتا قارا ئاشلىقتىن باشقا ئاقسىلمۇ كام بولماسلىقى كېرەك،يۇقىرى ئاقسىللىق تۆۋەن مايلىق يىمەكلىكنى تاللاش تەكلىۋىنى بېرىمىز،مەسلەن تۇخۇم،قېتىق،پۇرچاق سۈتى قاتارلىق.


3.كۆكتات مىۋە تاللاش

مىۋىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى،ئادەم بەدىنىگە كۆپ خىل مېنىرال ماددا ھەم ۋىتامىن تەمىنلەيدۇ،ئەتىگەنلىك تاماقتا مۇۋاپىق مىقداردا مىۋە يىگەندە ئادەم بەدىنىدىكى ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىشىدۇ،ئىنىرگىيە تۇلۇقلاش ھەم بەدەن سۈپىتىنى ئاشۇرۇشتا ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.


4.قاتتىق پوستىلىق مىۋە ھەم مايلىق مېغىز يىيىش

قاتتىق پوستلىق مىۋە ھەم مايلىق مېغىز تەركىبىدە ئىنتايىن مول بولغان ۋىتامىن ي ھەم كۆپ خىل مېنىرال ماددىلار بار،مەسلەن ئۈرۈك مېغىزى،خاسىڭ قاتارلىقلاردا،ئەتىگەنلىك تاماقتا ئازراق يىگەندە ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىپلا قالماي،سەمىرىپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ،يۈرەكنىڭ ساغلام بولىشىغا پايدىلىق.


 

ئەتىگەنلىك تاماقنى ياخشى يىسىڭىز ئۇششاق كېسەل سىزنى ئاۋارە قىلالمايدۇ،قېنى دەپ بېقىڭلارچۇ،سىلەر ئەتىگەنلىك تاماقتا نىمە يىيىشنى ياخشى كۆرىسىلەر؟


 dastur

يۈرەك سۆزىڭىزنى ئىنكاس يېزىپ قالدۇرۇپ قۇيۇڭ





新疆代斯图尔国际贸易有限公司





【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读2.3k
粉丝0
内容662