大数跨境

ھاياتلىقتىكى ئەڭ زور بەخت بۇ 16 جۈملىدە

ھاياتلىقتىكى ئەڭ زور بەخت بۇ 16 جۈملىدە dastur
2019-06-16
2



  

ھاياتلىقتىكى ئەڭ زور بەخت بۇ 16 جۈملىدە


1. ياشلىقتا زىيادە جەلپكار كىشىگە ئۇچراپ قالماڭ، بولمىسا كېيىنكى ئۆمرىڭىز ئەپسۇسلىنارلىقتا ئۆتىدۇ.

2. ئۆمۈر قىسقا، بىر مېھىرگە چىقىش قىلمايدۇ.

3. كۈنلەر ئۇزۇن دەپ ئويلايمىز، ئەمما دائىم تۇيۇقسىز ۋاقىتسىز پۇشايمانغا قالىمىز.

4. بەزى كىشىلەر دەرۋەقە بەك ياخشى، لېكىن تونۇشمىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى.

5. بەختنى ھەرگىز سېلىشتۇرماڭ، ھەممە بەختسىزلىك سېلىشتۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

6. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر زەربە ئاسىيلىق ئەمەس، ياخشى كۆرمەسلىكمۇ ئەمەس، بەلكى قىزغىن سۆيگۈدىن كېيىنكى تەدرىجىي سوغۇققانلىق.

 

7. ھېسسىياتتا دائىم ئايرىلىش ۋە يارىشىشلار بولىدۇ؛ ھاياتتا بېرىش-كېلىشلەر بولىدۇ. سۇسراق ياخشى كۆرۈش، تىنچ سۆيۈش، چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ۋە ئالدىرماي ۋاز كېچىشلەرنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.

8. ئاقكۆڭۈل ئادەملەر باشقىلارنىڭمۇ ئاقكۆڭۈللىكىگە ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يامان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە يامان نىيەتتە بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

9. يېرىم يولدا ئايرىلغانلارغا رەھمەت ئېيتىڭ، چۈنكى ئۇلار يېنىڭىزدا قېلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇتتى.

10. ئەڭ ياخشى مۇھەببەت بىر-بىرىنىڭ ئۆتمۈشىنى قوبۇل قىلىش ۋە بىر-بىرىنىڭ كەلگۈسىگە ئىشىنىشتۇر.

11. سىزنى سۆيىدىغان ئادەم سىزگە ۋاقىت ئاجرىتىدۇ، چۈنكى سىز ئەڭ مۇھىم.

12. دۇنياغا نىسبەتەن سىز بىر ئادەم؛ لېكىن مەلۇم بىر ئادەمگە نىسبەتەن سىز بىر دۇنيا!

13. ياشلىق-ساراڭلىقتىن ئۆتۈپ كەتتۇق، ئەسلىدە ئەڭ چارچىغاندا، سىزنىڭ بىر ئېغىز «مەن بار» دېگىنىڭىزنىڭ ئۆزىلا ئەڭ خاتىرجەم تۇيغۇ بېرەلەيدۇ.

14. ۋاقىت بىزگە تونۇتىدۇكى، ئاددىي ياخشى كۆرۈشلەر ئەڭ ئۇزاققا داۋاملىشىدۇ، ئاددىيلىقتىكى ھەمراھلىق ئەڭ خاتىرجەملىك تۇيغۇ بېغىشلايدۇ، سىزنى چۈشىنىدىغىنى ئەڭ يېقىملىق. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كۆڭۈللەر ئايدىڭلىشىدۇ، ئەڭ ئاخىرىغىچە قالغىنى ئەڭ ياخشىسىدۇر.

 

15. مۇھەببەت دېمەك باھانىسىز كۆيۈنۈش ۋە چىقىش نۇقتىسى بولمىغان كەڭچىلىكتۇر، بىر ئۆمۈر تىرىشچانلىقىڭىز بەدىلىگە ئۆمۈرلۈك سۆيۈلۈشكە ئېرىشكەيسىز، مۇرادىڭىز ھاسىل بولۇپ، ئېرىشەلمىگەنگە سالىۋات قىلىشنى بىلگەيسىز.

16. قىشلار ئىللىق، باھارلار مەيىن بولسا؛ تۈندە يورۇق، يامغۇردا كۈنلۈك بولسا؛ يولدا ھەمراھ، ياندا سىرداش بولسا.











新疆代斯图尔国际贸易有限公司




【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662