大数跨境

ئانا سىزمۇ ئانىڭىزنى سېغىنغانسىز ھە -بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن

ئانا سىزمۇ ئانىڭىزنى سېغىنغانسىز ھە -بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن dastur
2019-05-12
5




دۇنيادا بىر خىل مۇھەببەت بار، ئۇ ئەڭ شەخسىيەتسىز مۇھەببەت.

بۇ خىل مۇھەببەتنى بېرەلەيدىغان ئادەم كىم؟

بۇ ئادەم دەل-ئانا.

بۇ خىل مۇھەببەت ئانا مېھرىدىن كېلىدۇ.

ئانا مېھرى بىر ئوت، ئۆچكەن چىراغنى ياندۇرىدۇ.

ئانا مېھرى بىر چىراغ، پەرزەنتلىرىنىڭ كېچىدە ماڭىدىغان يولىنى يورۇتىدۇ.

ئانا مېھرى ئىللىق قۇياش، ھەر دائىم ھارارىتى بىلەن ھۇجۇدىمىزنى ئىللىتىدۇ.

 ئانا مېھرى دۇنيادىكى ئەڭ شەخسىيەتسىز مۇھەببەت. 

بۇ خىل مۇھەببەت بىزنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرىدۇ.


ئانىلار بايرىمى جاپاكەش ئانامنىڭ بايرىمى، دۇنيادىكى بارلىق جاپاكەش، مىھرىبان ئانىلارنىڭ بايرىمى. 

مەن سىزنى سۆيىمەن ئانا! جاپا چەكتىڭىز! 

بالام، ئائىلەم دەپ كۆيىۋاتقان يۈرىكىڭىز، ئېقىۋاتقان يېشىڭىز، ئاقىرىۋاتقان چېچىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن. 

رەھىمسىز يىللار ياشلىقىڭىزنى، گۈزەللىكىڭىزنى ئېلىپ كىتىپ، خىرەلەشكەن كۆزلەرنى، ئاقارغان چاچلارنى، مۈكچەيگەن بەللەرنى سىزگە ھەدىيە قىلماقتا.

جاپايىڭىزنى ئازلىتالمايۋاتقانلىقىمغا، سىزگە كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ ھەمراھ بولالمايۋاتقانلىقىمدىن ئۆزۈمنى توختىماي ئەيىپلەۋاتىمەن ئانا..

پەرزەنتلىك بۇرچىمنى قانچىلىك ئۆتىگەنلىكىم ئۆزۈمگە ئايان..



ئانا جاپا چەكتىڭىز، بىز سىزنى ياخشى كۆرىمىز، سىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە سالامەتلىك تىلەيمىز! 

 دۇنيادىكى بارلىق ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن! بەختىمىزگە ئامان بولسۇن! 



ياشلىقىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئامالسىزمەن، ئەمما

گۈزەللىكىڭىزنى ساقلاپ قېلىش قولۇمدىن كېلىشى مۇمكىن.  














【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读1.3k
粉丝0
内容662