«ھاياتلىق مېۋىسى» ئەنجۈرنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى بىلەمسىز؟
dastur 

ئەنجۈر «ھاياتلىق مېۋىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ كالىي ۋە كالتسىي تولۇقلايدۇ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۈچەينى سىلىقلايدۇ، شۇڭا 8-ئايدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپرەك يەۋېلىڭ.
پەسىلسىز مېۋە-چېۋە، كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ھەر خىل يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى يېگىلى بولۇۋاتىدۇ، لېكىن ئاز ساندىكى سورتلار يەنىلا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، مەلۇم بىر ۋاقىتتا پىشىۋاتىدۇ.
مەسىلەن، ئەنجۈر مانا مۇشۇنداق بىر خىل مېۋە بولۇپ، ھەر يىلى 8-، 9-ئايلاردا پىشىدۇ، پىشقاندىن كېيىن ساقلاش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، ئەگەر ۋاقتىدا يېمىسە سېسىپ قالىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر نەچچە ئون يىل ياشىسىمۇ، يېڭى ئەنجۈر يېيەلمەي، ئەنجۈر قېقى ياكى مېۋە مۇرابباسىنىلا يېيەلەيدۇ.
ئەنجۈرنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى ئەمەس، ئوزۇقلۇق قىممىتى بىرقەدەر مول، ئۇنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلاردىن باشقا يەنە كۆپ خىل ئۆسۈملۈك خىمىيەلىك ماددىلىرىمۇ بار، شۇڭا ئۇنىڭ ئەل ئارىسىدىمۇ «ھاياتلىق مېۋىسى» دېگەن نامى بار.
ئەنجۈرنىڭ يەنە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولى بار بولۇپ، بۈگۈن مەلۇم بىر ئوزۇقلۇق دەرسخانىسىدىكى ئۇزۇقشۇناس ئۇستاز كۆپچىلىك بىلەن ئەنجۈرنىڭ «ھاياتلىق مېۋىسى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ كالىي، كالتسىي تولۇقلاش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۈچەينى سىلىقلاش رولى بارلىقى، شۇنداقلا 8- ئاينىڭ ئۇنى كۆپرەك يېيىشكە ئەڭ ماس كېلىدىغان ياخشى پەيت ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتمەكچى.
ئاۋۋال ئەنجۈرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى كۆرۈپ باقايلى:
ھەر 100 گىرام ئەنجۈر تەركىبىدە 65 كالورىيە ئىسسىقلىق، 1.5 گىرام ئاقسىل ۋە 3 گىرام يېمەكلىك تالاسى ھەمدە 212 مىللىگىرام كالىي ئېلېمېنتى، 67 مىللىگرام كالتسىي ئېلېمېنتى، كاروتىن، ۋىتامىن A، ۋىتامىن C قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار.
گەرچە 8-ئايدىن كېيىن تېمپېراتۇرا ئىزچىل 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ئىسسىق بولمىسىمۇ، لېكىن بەدەن يەنىلا كۆپ مىقداردا تەرلەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا تەر بىلەن ئېقىپ كەتكەن كالىي ئېلېمېنتلىرىنى ۋاقتىدا تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك تەركىبىدە كالىي ئېلېمېنتى قانچە كۆپ بولسا، قان بېسىمى شۇنچە كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. يۇقىرى كالىيلىق، تۆۋەن ناترىيلىق ئەنجۈرنى كۆپ يېيىش قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرلارنى ئاسراشقا پايدىلىق.
ئەنجۈرنىڭ كالتىسىي تەركىبى تۇخۇم بىلەن يېقىن بولۇپ، قۇرۇتۇلغان ئەنجۈر قېقىنىڭ كالتىسىي تەركىبى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كىچىك بالىلارغا تەبىئىي كالتىسىي تولۇقلايدىغان ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى تەييارلىغىلى بولىدۇ.
ئەنجۈرنىڭ يەنە «دەرەختە ئۆسكەن شېكەر خالتىسى» دەيدىغان بىر نامى بار بولۇپ، بۇنىڭدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ قەنت تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى، يەنى پىشقاندىن كېيىن %20 كە يېتىدۇ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى فىرۇكتوزا ۋە گىلۇكوزا، شۇڭا دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كۆپ يېيىشىگە ماس كەلمەيدۇ.
ئەنجۈر تەركىبىدە 18 خىل ئامىنو كىسسلاتاسى، كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بار، بولۇپمۇ فلاۋون، پولىساخارىد قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا پايدىلىق فىزىئولوگىيىلىك ئاكتىپ ماددىلار بار.
بايا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك ھەر 100 گرام ئەنجۈر تەركىبىدە ئۈچ گىرام يېمەكلىك تالاسى بولىدۇ، بۇ تالالار سۇ سۈمۈرۈپ كۆپكەندىن كېيىن ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە ياردەم بېرىپ، ھەر خىل ماددىلارنى يىغىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىپ، قەۋزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ناھايىتى ياخشى ياردەم بېرىدۇ.
ئاخىرىدا بۇ ئوزۇقلۇق دەرسخانىسىدىكى ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى كۆپچىلىككە ئەنجۈرنى قانداق تاللاشنى ئۆگىتىپ ئۆتىدۇ:
پىشقاندىن كېيىن ئەنجۈرنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا، باھاسى بىر قەدەر قىممەت، شۇڭا ئەلا سۈپەتلىك ئەنجۈرنى تاللاپ سېتىۋېلىشقا تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. تاللىغاندا تولۇپ پىشقان، سىرتقى يۈزىدە داغ بولمىغان چوڭ-چوڭلىرىنى تاللاش كېرەك، بولۇپمۇ مېۋە كىندىكى قىزارغان ھەم سەل-پەل يېرىلغانلىرى ياخشىراق بولىدۇ.
ئەنجۈرنىڭ رەڭگى قانچە قىزىل بولسا، سىئانىدىن مىقدارى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، شۇنداقلا ساقلىقىنى ساقلاش ۋە قېرىشنى كىچىكتۈرۈش رولىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
دوستلار، سىلەر ئەنجۈر يېيىشنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟ سىز يەنە ئەنجۈرنىڭ بۇلاردىن باشقا قانداق پايدىسى بارلىقىنى بىلىسىز؟ ئۇنداقتا سۆز قالدۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىڭىزدىن بىزلەرنىمۇ بەھىرلەندۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ








dastur新疆代斯图尔国际贸易有限公司