大数跨境

...مايمۇن شاپتۇلنىڭ دىئابىت كېسىلىگە

...مايمۇن شاپتۇلنىڭ دىئابىت كېسىلىگە dastur
2019-04-01
1




 

مايمۇن شاپتۇلى شەكلى ئىللىپىس شەكىلدە، رەڭگى يىشىل قوڭۇر رەڭدە كىلىدۇ؛ ئۇنىڭ پوستىنى بىر قەۋەت تۈكچىلەر قاپلىغان بولۇپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.
    مايمۇن شاپتۇلىنىڭ ئەسلى تارقالغان يىرى، دۆلىتىمىزنىڭ خۇبىي ئۆلكىسى يىچاڭ شەھىرى يىلىڭ رايونى ۋۇدۇخې بازىرى بولۇپ، ئادەتتە تەم جەھەتتە بانان، بۆلجۈرگەن، ئاناناس ئۈچ خىل مىۋىنىڭ بىرىكمىسى دەپ تەسۋىرلىنىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى
   مايمۇن شاپتۇلىنىڭ ۋىيتامىنلىق ماددىلار تەركىبى، ھەر 100گىرامدا 200-100 مىللىگىرامغا يىتىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا 400 مىللىگىرامغا يىتىدۇ؛ مايمۇن شاپتۇلىنىڭ تەركىبىدىكى ساخارىد تۈرى %14-8 ، كىسلاتا تۈرى %2-1.4 كىلىدىغان بولۇپ، تەركىبىدە يەنە تېروسىن قاتارلىق 12 خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار. بۇلاردىن باشقا، مايمۇن شاپتۇلىنىڭ تەركبىدە يەنە، فولىن كىسلاتا، پانتوتېنىك كىسلاتا، لىمون كىسلاتاسى، ئالما كىسلاتاسى، ئۈزۈم كىسلاتاسى، ئاقسىلنى سۇدا پارچىلىغۇچى ئىنىزىم، دەننىڭ مىۋە كىسلاتاسى ۋە مايمۇن شاپتۇلى ئىشقارى قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار ۋە كالتسىي، مىس، تۆمۈر، كالى، سېلىن، سىنىك قاتارلىق مىنرالنى ئىلمىنىتلار بار.

ئىستىمال قىممىتى

    مايمۇن شاپتۇلىنى قان بۇزۇلۇشنى داۋالايدىغان بىر خىل ئىچىملىك قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ؛ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىيتامىن C، قان تەركىبىدىكى خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، قان تۇمۇرلىرىنى كېڭەيتىش ۋە قان بېسىمنى چۈشۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ ھەمدە يۈرەك مۇسكۇللىرىنى كۈچەيتىدۇ.
   مايمۇن شاپتۇلىنىڭ دىئابىتقا قارشى تۇرۇش يۇشۇرۇن كۈچى بار؛ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى خروم ماددىسىنىڭ ئايرىلىپ قالغان ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىش ئۈنۈمى بار بولۇۇپ، دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ قېنىدىكى قەنتنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ.
   يۇقىرقىلاردىن باشقا، مايمۇن شاپتۇلىنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جىگەر كىسەللىكلىرى، ھەزىم قىلىش ناچار بولۇش، قان ئازلىق كىسىلىنى، سۈيدۈك ئاجرىتىش سېستىمىسىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر، نەپەسلىنىش سېستىمىسىدا كۆرۈلگەن كىسەللىكلەر، مىڭە كىسەللىكلىرى قاتارلىقلارغا قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشىلاش ئۈنۈمى بار.

مەنبە : ئاشپەز تورى














dastur

【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662