大数跨境

مانا بۇ ھايات

مانا بۇ ھايات dastur
2019-03-27
2



بىر دانىشمەن يەرگە مۇنداق تۆت سۇئالنى يېزىپتۇ:

2+2=4

 4+4=8

 8+8=16

 9+9=19

شاگىرىتلىرى كۆرۈپلا: ئۇستاز، بىر سۇئالنى خاتا ھېساپلاپ قويدىڭىز دەپتۇ.

ئۇستاز بېشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ: «شۇنداق، ئاخىرقى سۇئالنى خاتا ھېساپلاپ قويدۇم. لىكىن مەن ئادىنقى ئۈچ سۇئالنى توغرا ھېساپلىغاندا، نىمىشقا مېنىڭ توغرا ھېساپلىغان سۇئالىم بىلەن كارىڭلا بولماي، خاتا ھېساپلىغان بىرلا سۇئالىمنى كۆرىسىلەر؟

ئادەم بولۇشمۇ شۇنداق، سىز ئۇنىڭغا ئون قېتىم ياخشىلىق قىلشىڭىز، بەلكىم ئۇنۇتۇپ قېلىشى مۇمكىن، بىراق بىر قېتىم كۆڭۈلسىزلىكنى دەپ ھەممىنى يوق قىلىۋېتىشى مۇمكىن.

100-1=0مانا بۇ ئادىمىيلىك قائىدىسى

كونىلار توغرا دەپتىكەن:

بەزىلەر باشقىلاردىن ئېرىشىشكىلا كۆنۈپ قېلىپ، مىننەتدار بىلدۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ھەممە ئادمنىڭ «ۋىجدان» دېگەن سۆزنى بىلىشى ناتايىن.

بۇرۇن سىز مەيلى قانچە ياخشى بولماڭ، پەقەت بىر قېتىم سەۋەنلىك ئۆتكۈزسىڭىزلا، مۇشۇ سەۋەنلىكىڭىز سىزنىڭ پۈتۈن ياخشىلىقىڭىزنى يوققا چىقىرىۋېتىدۇ. مەيلى سىز ھەرقانچە ياخشىلىق قىلماڭ، پەقەت بىرلا خاتا بولسا، خاتالىقىڭىزنىڭ ئۈستىگە خاتالىق قوشۇپ، سىزنى ۋاپاسىزلار قاتارىغا چىقىرىۋېتىدۇ.  رېئاللىقتىمۇ بەزى كىشىلەر، سىز ئۇنىڭغا قانچە  كۆپ  ياردەم قىلسىڭىزمۇ، بىر قېتىم ياردەم قىلمغىنىڭىز ئۈچۈن ، سىزگە ئۆچ ئاداۋەت ساقلايدۇ.

باشقىلارنىڭ قىلغىنى سىزگە ساۋاق بولغاندىلا سىز ئاندىن شۇنى بىلىپ يېتىسىزكى: پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن بەرگەنلىكىڭىز، سەمىمىيلىكنى قولغا كەلتۈرۈش بولماستىن بەلكى، بىر قېتىملىق سىناقنى باشتىن كەچۈرۈش.

 باشقىلارنىڭ قىلغىنى سىزگە زەربە بولغاندىلا ئاندىن شۇنى بىلىپ يېتىسىزكى، باشقىلارغا قىلغان ياردەملىرىڭىز، باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش بولماستىن، بەلكى بىر قېتىملىق تەجرىبە توپلاش ئۈچۈندۇر.

مەرد بولسىڭىز بولىدۇ لېكىن، چوقۇم ئاشۇ قىلغانلىرىڭىزنى بىلىدىغان ئادەمگە يولۇققاندا ئاندىن قىلىشىڭىزكېرەك. بولمىسا سىزنىڭ ياخشى كۆڭلىڭىز بىكارغا زايە بولۇپ كېتىدۇ.

ئاقكۆڭۈل بولسىڭىز بولىدۇ، بىراق چوقۇم غەرەز ئۇقىدىغان، قائىدە ئۇقىدىغان ئادەمگە يولۇققاندا قىلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا سىزنىڭ سەمىمىي كۆڭلىڭىز ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ.

كەڭ قورساق بولسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ۋىجدانى بار ئادەملەرگە يولۇققاندا قىلىشىڭىز كېرەك. بولمىسا ھەممىسى بىكار بولۇپ كېتىدۇ.















dastur

【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662