大数跨境

ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن

ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن dastur
2019-03-30
1




چىلاننىڭ شىپالىق رولىغا سەل قارىماڭ



سەۋزىنى چىلان بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا، زەھەر قايتۇرۇپ يۆتەلنى داۋالىغىلى بولىدۇ سەۋزە بەدەننىڭ ئېمونىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، چىلاننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، بۇ ئىككىسىگە ئازراق ناۋات قوشۇپ يېگەندە، تالنى كۈچەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ئۆپكىنى ياخشىلاش، يۆتەلنى توختىتىش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق بالىلاردىكى كۆك يۆتەلنىمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ.

قېرىنقۇلاقنى چىلان بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا

قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ قان تولۇقلايدۇ



قېرىنقۇلاق بىلەن چىلاننىڭ قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، قان تولۇقلاش رولى بولغاچقا، ئىككىسىنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا قاننى جانلاندۇرىدۇ. شۇڭا، قان ئازلىق كېسىلى، باش قېيىش كېسىلى سىل كېسىلى، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھەيز كېسىلىش دەۋرى يىغىندى ئالامىتى بىمارلىرى قېرىنقۇلاق بىلەن چىلاننى بىللە ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك.

پەمىدۇر بىلەن چىلاننى بىللە ئىستېمال قىلغاندا

 ئاشقازان، جىگەر ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ


 چىلاننىڭ قان تولۇقلاش رولى بار، پەمىدۇرنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن يۈرەك  تومۇر، نېرۋا ۋە ھەزىم قىلىش سېستىمىلىرىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، ئىككىسىنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئېشىپ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ، جىگەرنى ياخشىلاپ، قان تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ قان ئازلىق، سوزۇلما خارەكتېرلىك جىگەر ياللۇغى قاتارلىق  كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە.


























dastur


【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662