
مېنىڭ باشقىلارغا ئوڭاي ئىشىنىپ كېتىشىم دۆتلىكىمدىن ئەمەس، بەلكى بۇ ھاياتنىڭ قىسمەتلىرى كۆپ بولغاچقا باشقىلارنى يەرگە قارىتىشنى خالىمىدىم
باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ياخشى كۆرىشىم، قىلىدىغانغا ئىشىم يوق بېشىم ئىششىپ قالغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭمۇ بېىشىغا كېلىدۇ، شۇڭا ئامەتلىرىڭىزدىن كۆرەڭلىمەڭ، ئۆزىڭىزدىن ئاجىزلارنى بوزەك قىلماڭ دىگەن ھەقىقەتكە ئىشەنگىنىم .
باشقىلارنى كەچۈرۈشىم مېنىڭ قانداقتۇر ئۇلۇغ مۆتىۋەر كىشىلەردىن بولغانلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى ئارقىلىق ئۆزەمنى جازالاشنى خالىمىغانلىقىمدىن
باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىشىم، مېنىڭ بىرەر نەرسىنىڭ تەمەيىدا يۈرگەنلىكىمدىن ئەمەس، بەلكى "سىز باشقىلارغا قانچىلىك قىلسىڭىز، باشقىلاردىن شۇنچىلىك يانىدۇ " دېگەن سۆزگە ئىشەنگەنلىكىمدىن
ئەزەلدىن ھەممە ئادەم ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلسىكەن دېگەننى خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقمىدىم، ئەمما باشتىن ئاخىرى باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلىدە بولدۇم
ياخشى ئادەم بولۇش ئوڭاي ئەمەس، بىراق ئادەم بولۇپ ياشىغان ئىكەنسىز ئۆزىڭىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ
بۇ ھاياتنى ئاستا - ئاستا چۈشىنىشكە باشلىدىم، ھازىر قورسىقىمغا دېڭىز ئوكيان سىغىدۇ، شۇڭا باشقىلار مېنى چۈشەنمىسە ھەرگىز ئۇلاردىن ئاغرىنمايمەن




