大数跨境

دورىدىن قېلىشمايدىغان بۇ ياۋا كۆكتاتلارنى بىلىۋېلىڭ

دورىدىن قېلىشمايدىغان بۇ ياۋا كۆكتاتلارنى بىلىۋېلىڭ dastur
2020-03-01
0
导读:ساغلاملىق ۋە گۈزەللىكنى مانا بۇ يەردىن ئىزدەڭ








ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

ئەتىياز پەسلىدە ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىش كۈچىيىپ، كۈتۈنۈش، يېمەك-ئىچمەك تېخىمۇ مۇھىم بولىدۇ، بولمىسا ئاسانلا ئاشقازان-ئۈچەي بىئارام بولۇش، جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش، ھۆل ئىسسىق بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەتىياز كەلگەندە نۇرغۇن ياخشى ياۋا كۆكتاتلار كۆپچىلىكنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىدۇ.

ئەتىياز پەسلى ياۋا كۆكتاتلارنى يېيىشنىڭ ياخشى پەيتى، بۇ چاغدا ياۋا كۆكتاتلار يۇمران بولۇپ، ناھايىتى يېيىشلىك بولىدۇ. كۆپچىلىك دائىم ئۇچرايدىغان بۇ ئۈچ خىل ئەتىيازلىق ياۋا كۆكتاتنى سىناپ بېقىڭلار، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى پەسىللىك كۆكتاتلاردىن قېلىشمايدۇ.

1. سېمىز ئوت

بۇ خىل ياۋا كۆكتات بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ يېمەكلىك بىلەن داۋالاش رولى ياخشى بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆكتاتى» دەپ ئاتايدۇ.

سېمىز ئوتنى خام يېيىشكىمۇ، پىشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.

2. چۇپۇرشاڭ

بۇنى ئىستېمال قىلىشتىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى چۇپۇرشاڭ بىلەن تۈگرە قىيمىسى ئېتىش، شوۋىگۈرۈچ قاينىتىش.

چۇپۇرشاڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇپ قاننى توختىتىش، ئاجىزلىقنى تولۇقلاپ تالنى ساغلاملاشتۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، بولۇپمۇ ھەزىم قىلىشى ياخشى بولمىغان، تېنى ئاجىز ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا ماس كېلىدۇ.

3. مامكاپ

«دورا ئۆسۈملۈكلىرى قامۇسى» دا: «مامكاپ زەھەرنى قايتۇرىدۇ، يەلنى، ئىسسىقنى قايتۇرىدۇ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، تۇبېركۇليوزنى يوقىتىدۇ.» دەپ خاتىرىلەنگەن. ئۇ جىگەرگە پايدىلىق بولۇپ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

مامكاپنىڭ يوپۇرمىقىنى شورپا قىلىشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، تەمى كۆكتات شورپىسىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، كۆپرەك ماي سېلىشقا دىققەت قىلىش، ئۇزاققىچە قاينىتىپ ئاچچىق تەمنى يوقىتىش كېرەك.

كۆكتات ئىستېمال ئەسكەرتمىسى

(1) ئەڭ ياخشىسى ھەر كۈنى 300-500 گىرام كۆكتات ئىستېمال قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، قېنىق رەڭلىك كۆكتاتلار بۇنىڭ 2 / 1 قىسمىنى ئىگىلىشى كېرەك؛

(2) كۆكتاتنى قايناق سۇ بىلەن چايقىۋېتىپ ئىستېمال قىلغاندا، گەرچە كۆكتاتنىڭ بىر قىسىم ئوزۇقلۇقىنى يوقاتقان بولسىمۇ، لېكىن %90 تىن ئارتۇق دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ قالدۇقىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ؛

3. كۆكتات تاللىغاندا سۈپىتى ئۆزگەرگەن، چىرىگەن قىسمىنى تاشلىۋېتىش كېرەك، لېكىن ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يېيىشكە بولىدىغان قىسمىنى تاشلىۋېتىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك، مەسىلەن، تۆمۈر، كاروتېن مول بولغان كەرەپشە يوپۇرمىقى، ئوسۇڭ يوپۇرمىقى قاتارلىقلار.

4. كۆكتات پىشۇرغاندا، قازاندىكى سۇ قاينىغاندىن كېيىن، كۆكتاتنى قازانغا سېلىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا قىزىتىش جەريانىدا سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

باھار پەسلى كۈتۈنۈشكە ماس كېلىدىغان پەسىل، يېڭى كۆكتاتلارنى كۆپ يېسە، ئەڭ ساغلام بولىدۇ. سىزنى ھاياجانغا سالىدىغان «باھار سەيلىرى» بارمۇ؟

باشقىلارنىڭمۇ  پايدىلنىشى ئۈچۈن چەمبىرەككە يوللاپ قۇيۇڭ 




























【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662