

جىگەر ئادەمنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئادەتتە بەدەندىكى زىيانلىق ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىشكە ۋە باشقا ئەزالارنى يېڭى قان بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل، چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا بەدەندىكى ماددىلارنىڭ ئايلىنىشىنى تېخىمۇ تېزلەتكىلى بولىدۇ. جىگەر ياخشى بولمىسا سالامەتلىكنىڭ قانداق زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس، ئۇ چاغدا سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرا بارغانسېرى ئۆرلەيدۇ، ئادەم ئۇزۇن ۋاقىت ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە تۇرۇپ، سىرتقى پائالىيەتلىرى ئازلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭغا تەرتىپسىز ئارام ئېلىش ئادىتى قوشۇلۇپ، جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى تېزلىشىدۇ، بۇنداق چاغدا جىگەرنى تېخىمۇ ياخشى ئاسراش كېرەك.
جىگەرنى ئاسراش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن جىگەر ياخشى بولمىغاندا بەدەندە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك.

1. چىرايىغا قاراش
جىگەر زەھەر تازىلايدىغان ئەزا، ئۇ ساغلام بولغاندىلا بەدەن تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ. ئەگەر جىگەر ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە باشلىسا، بەدەندە ئاسانلا زەھەر يىغىلىپ قالىدۇ، بۇنداق چاغدا يۈزگە ئاسانلا دانىخورەك چىقىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەر تۆشۈكچىلىرىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ.

2. كۆزگە قاراش
جىگەرنىىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىنى كۆزگە قاراش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ، ئەگەر ئۇيقۇ يېتەرلىك بولغان ئەھۋال ئاستىدا كۆز دائىم قۇرغاقلىشىپ، كۆزدە قان كەمچىل بولۇپ، كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلاپ كەتسە، بەلكىم جىگەرنىڭ قان ساقلاش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن.

3. ئالقانغا قاراش
جىگەردە مەسىلە كۆرۈلگەندە ئالقاندىمۇ بىر قەدەر روشەن ئۆزگىرىش بولىدۇ. نورمال، ساغلام كىشىلەرنىڭ ئالقىنىنىڭ رەڭگى بىر قەدەر نورمال بولىدۇ. ئەگەر جىگەر ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلسە، ئالقىنىنىڭ قىل قان تومۇرلىرى ئاسانلا كېڭىيىپ كېتىدۇ، ھەمدە ئالقىنىنىڭ رەڭگى ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىگە ئوخشىمايدىغان قىزىل رەڭدە بولۇپ قالىدۇ.
يۇقىرىدىكى بىر قانچە خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر روشەن بولىدۇ، ئەگەر بۇنداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولسا چوقۇم دىققەت قىلىڭ، ئەمدى جىگىرىڭىزنى ئاسرىمىسىڭىز، جىگەر ئىقتىدارىڭىز بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، سالامەتلىكىڭىزگە بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن.

ئەگەر ياز پەسلىدە جىگەرنى ياخشى ئاسراشنى ئويلىسىڭىز، ئاسراش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىپ، «قىلىش ۋە قىلماسلىق» مىزانىنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندىلا، جىگەرنى ياخشى ئاسىرغىلى بولىدۇ.
ئۇنداقتا، زادى نېمىلەرنى قىلىش، نېمىلەرنى قىلماسلىق كېرەك؟

1.دورىنى ئاز ئىستېمال قىلىش
ياز كەلگەن تەقدىردىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر كېسەلدىن تىز ساقىيىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال دورا يېيىشنى تاللايدۇ. ئەمما دورىلارنىڭمۇ بەلگىلىك مىقداردا زەھىرى بار. ياز كۈنلىرى جىگەرنىڭ ئىقتىدارى ئەسلىدىنلا دېگۈدەك ياخشى بولمىغاچقا، بەزى دورىلارنىڭ زەھىرىنى ۋاقتىدا قايتۇرالمايدۇ، شۇڭا ئامال بار دورىنى ئاز يېيىش كېرەك.

2.تەيچۇڭ پەللىسىنى كۆپرەك بېسىش كېرەك
بەدىنىمىزدە نۇرغۇن پەللە بار، ھەر بىر پەللە بىر قىسىم ئەزالارغا تۇتاشغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جىگەر بىلەن مۇناسىۋىتى بىر قەدەر زىچ بولغىنى تەيچۇڭ پەللىسىدۇر، بۇ پەللە پۇت دۈمبىسىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تاپان سۆڭىكى ئارىسىغا جايلاشغان. ئادەتتە قول بىلەن ئۇۋۇلاپ بەرسە، پەللىنى غىدىقلاپ، جىگەردىكى يەلنى راۋانلاشتۇرۇپ، قان تولۇقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

3. بەك ئۇزاق يۇيۇنماسلىق
كىشىلەرنىڭ ئائىلە شارائىتى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيىدە ۋاننا ئورنىتىدىغان بولدى، ئادەم چارچىغاندا ۋاننىغا چۈشۈۋالسا ھەقىقەتەن ھاردۇقى چىقىدۇ. بىراق ياز كۈنلىرى ئامال بار ۋاننىغا چۈشمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت ۋاننىغا چۈشسە بەدەندىكى ئوكسىگېن تېز سۈرئەتتە ئېقىپ كېتىدۇ، بۇ ئەھۋالنىڭ جىگەرگە بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ.

4.دائىم ئاچچىقلانماسلىق كېرەك
بۇ پەسىلدە تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىدىن ئادەمنىڭ كەيپىياتىمۇ تۇراقسىزلىشىپ كېتىدۇ، بەزى ئىشلاردا ئاچچىقلىنىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بىراق بۇنداق بولسا جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئاسانلا ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇنداق چاغدا كەيپىياتىڭىزنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، ئاچچىقلانماي، ياخشى كەيپىياتنى ساقلىغاندا جىگەر تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ.
گەرچە جىگەر ئادەتتە بەدىنىمىزدە ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلسىمۇ، ئەمما پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭدا ھەر خىل مەسىلىلەر پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە ئۇنى ياخشى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، جىگەرنى ياخشى ئاسرىغاندىلا تېخىمۇ ساغلام بولغىلى بولىدۇ.






