گۈلى رەنا سالونىمىزنى قېتىۋېلىپ ، سەل خىل مەزمۇنلاردىن ھوزۇرلىنىڭ .


1

قانداقمۇ قىلىمەن ھە! قۇربان ھېيت كەلدى دەيدۇ! يا قېچىپ كېتەلمىسەم مەن، بالدۇر بىلسەم بۇنچە سەمرىپ كەتمەستىم، يەنە بىرەر يىل بولسىمۇ ياشىۋالار ئىدىم دېسە!… ۋاي تولا قاراۋەرمەڭە ئىچىمنى پىشۇرۇپ.
1

ئۆزۈمنى بىر قەپەس تارتىپ، گۈزەل ياشلىقىمدىن بىر ئەسلىمە قالدۇرۇۋالاي، ئەتە مەن نەدە كىم بىلىدۇ، كۆڭلۈم بەكلا يېرىم، قالتىس يېرىم جۇمۇ! مېنىڭمۇ تاقلاپ ئويناپ يۈرگەن شاش كۈنلىرىم بولغانىدى ئەمەسما.

ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىپ، ماۋۇ نوچى ئايىغىمنى بىر كۆز-كۆز قىلىۋالاي، پەقەتلا كەتكۈم يوق مېنىڭ، چىدىمايمەنغۇ سىلەرگە، ئوماق دوستلىرىم…

خوش! ئوماق ئاچا-سىڭىللار، ئەتە كەلسە، بىز ئەمدى يايلاقلاردا سەيلى-ساياھەت قىلالمايمىز، ئەڭ يۇمران، يۇمشاق چۆپلەرنى بىللە يىيەلمەيمىز، يەنە دەريا بويىدا چۇرقىرىشىپ چۆمۈلەلمەيمىز…
2019/
06/01

ئۆتكەن يىلقى توي رەسىمى تۇيۇقسىز قولۇمغا چىقىپ قالدى قاراڭ، شۇ چاغدىكى چىرايىمىز تولىمۇ سۆيۈملۈك، تولىمۇ گۈزەل ئىكەنتۇق، شۇ ئايرىلىشنى ئويلىسام، دېمىم كېسىلىپ غىققىدە بولۇپ قالىمەن، ئەمما، سىزنى سۆيىمەن، ئۇزۇنقۇلاق، مەڭگۈ سىزنى سۆيىمەن!…
2019/
06/01

ئوخخو ھەي، قاراڭلار، مانا مېنىڭ قالتىس كېلىشكەن قوچقىرىم، بۈگۈن، قانچە رەسۋالاشساممۇ مەيلى، سىزگە يۈرەك سۆزۈمنى بىر ئېيتىۋالاي، سىزنىڭ ئوتىڭىزدا كۆيۈپ، سۈيىڭىزدە ئاقىمەن جېنىم، سىز بولمىسىڭىز، گېلىمدىن بىر تال چۆپمۇ ئۆتمەيدۇ قاراڭ!، ئەمما-زە، بۈگۈن ئۆتسە، قانچە قىلساممۇ ئەمدى سىزنى كۆرەلمەيمەن!
ئۆتكەن يىلى، ناراتنىڭ يايلاقلىرىدا ئۇچراتقان ئىدىم سىزنى، شۇ چاغلاردا، تولىمۇ سۆيۈملۈك، كېلىشكەن ئىدىڭىز، يۇڭلىرىڭىز خۇددى دېڭىز سۈيىدەك دولقۇنلىنىپ تۇراتتى، قاراشلىرىڭىزغا چىدىمايلا قالاتتىم! ئەمما بۈگۈن، نەلەردە يۈرىدىغانسىز؟ كۆزۈمدىن ئۇچتىڭىزغۇ سىز؟
قوزام، بۈگۈن يېزىقچىلىق تاپشۇرۇقىدا تولۇق نومۇر ئاپسىز، ئاپىڭىز سىزدىن پەخىرلىنىدۇ قوزام، يەنىمۇ تىرىشىڭ، ئاپىڭىز سىزنى قوللايدۇ! ناۋادا مەن كېتىپ قالسام، سىز چوقۇم باتۇرلارچە ياشاڭ!!!

گەپكە رەسىم قوشۇپ مۇنداق قىلىمىز، قاراڭلار: قۇربان ھېيت كەلدى، دەرھال مەن تونۇشتۇرغان بۇ ئورۇقلىتىش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىڭ، ئىشلەتسىڭىز بىلىسىز، بىر كۈن ئىچىدە چاقماق تېزلىكىدە ئۇرۇقلايسىز، ئىنتايىن بىخەتەر، زەھىرى يوق، قۇربانلىق بولمايدىغانلىقىڭىزغا مانا ئۆزۈم كاپالەتلىك قىلىمەن! تېخىمۇ ئۇزاق ياشايسىز!
♥

ماۋۇ ئىككى لاۋزا تۈنۈگۈندىن بىرى بىزنى دوراپ ياسىنىپ يۈرۈپتىكەن، ئاچچىقىمدا بىرنى دەسسەپلا، بىر تىپىك بىلەن ئېغىلغا كىرگۈزۈۋەتكەنتىم، ئاغىنە-بۇرادەرلەر دىققەت قىلىڭلار! ھېلى ھەممىمىز ئېغىلغا ئوبدان يوشۇرۇنۇۋېلىپ، بۇ ئىككىسىنى چىقىرىپ قويايلى، بۇ ئىككى لاۋزا بىزنى دورىغانغا تويسۇن!
نوچى بولساڭ كېلە قېنى، جاننى تىكتىم مانا! قېنى قايسىڭ مىدىراشقا پېتىنالايسەنكى، بىر كۆرەي!

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئارىلىق ھايات بىلەن مامات ئەمەس، بەلكى مۇنداق، باشقىلار «مانا پاچاق كاۋاپ، كېلىڭلار كېلىڭلار! مانا زىخ كاۋاپ، ئېلىڭلار! مانا ئاچچىق-چۈچۈك قوي پاچىقى قورۇمىسى، ئېلىڭلار ئېلىڭلار!» دەپ ۋارقىرايدۇ، ئەمما مەن ھېچنېمە قىلالماي قاراپ تۇرىمەن دېسە.

ھېيت خۇشاللىقىڭىزغا كۈلكە قوشۇش ئۈچۈن سۇندۇق، ئارتۇقچە ئويلىۋالماڭ!
● ● ●

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

