大数跨境

قۇلاق كېسەللىكلىرى ئۈچۈن ئاددىي رېتسىپلار

قۇلاق كېسەللىكلىرى ئۈچۈن ئاددىي رېتسىپلار 古丽热纳
2019-09-15
0
导读:قۇلاق كېسەللىكلىرى ئۈچۈن ئاددىي رېتسىپلارساغلاملىقىڭىز



قۇلاق كېسەللىكلىرى ئۈچۈن ئاددىي رېتسىپلار

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

1.كېۋەز يوپۇرمىقىنڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىگە ئېرىتىلگەن ئوغلاق يېغىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئارلاشتۇرۇپ ئىلمان ھالەتتە قۇلاققا تېمىتسا، ھەرخىل سەۋەبتىن بۇلغان قۇلاق ئاغرىقلىرىنى توختىتىدۇ.

2. 600 مىللىلتىر سىركىگە ئۆلچەملىك تەييارلانغان پۇلات تالقىنىدىن 100گرامنى 1ئاي چىلاپ، سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قۇلاق جاراھەتلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

3.سىركىدىن 30مىللىلىتىر، گۈل يېغى، تاتلىق بادام يېغى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 15مىللىلىتىردىن ئېلىپ ئارلاشتۇرۇپ، سۇس ئوت بىلەن خاس ياغ قىسمى قالغۇچە قاينىتىپ، كۈندە قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، ئىسىسقتىن بۇلغان قۇلاق ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.

4.ئاچچىق ئانار سۈيىنى ھەسەل بىلەن قاينىتىپ قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق جاراھەتلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

5.كۆك رەيھانىڭ سىقىلغان سۈيىنى قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئاغرىقىنى يوقىتىدۇ.


6.بالىلار ياكى چوڭلارنىڭ قۇلىقىدىن يىرىڭ ياكى سۇ ئاقىدىغان بۇلۇپ قالسا، قوينىڭ پاچىقىنى ئوتتا قىزىتىپ، تۇيىقىنى چىقىرىپ، تۇياقتىن چىققان ھورنى قۇلاققا تۇتۇپ ھورداپ بەرسە، ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

7.تۇرۇپنىڭ ئىچىنى ئۇيۇپ ئېلىۋېتىپ، گۇل يېغى قۇيۇپ،ئۇتتا قۇيۇپ، قاينىغاندا ئېلىپ،ئىلمان ھالدا قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق  ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

8.تۇرۇپنىڭ سۈيىنى گۈل يېغى بىلەن قاينىتىپ ئىلمان ھالدا قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

9.پىيازنىڭ ئىلمان سۈيىنى قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئېغىرلىقى، قۇلاق ئاغرىقى،قۇلاققا گۆش ئۈنۈپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بۇلىدۇ.

10.پىيازنىڭ سۈيىدىن پاختىغا تېمىتىپ قۇلاققا تىقىپ قويسا، قۇلاق غۇڭۇلداش ۋە قۇلاق ئېغىرلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ

【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读2
粉丝0
内容212