


قانچە ياشتا ئۆلۈپ كېتىسىز؟ ئەتىگەندە قىلغان ناشتىڭىزغا باغلىق
ئەتىگەنلىك تاماق يىمىگەندە ، ئۆمرى ئۇزۇن بولمايدۇ! ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ناشتىلىق مۇنداق بولىشى كېرەك . .
ناشتا قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەي ، ئالدىراپ ئىشقا مىڭىش، مەكتەپكە يۈگىرەش، ئاساسەن ھەر بىر ئائىلىنىڭ سەھەردىكى مەنزىرىسى. ھەپتە ئاخىرى يېتىپ كەلگەندە، بولسا خورەك تارتىپ ئۇخلاپ ، بىۋاسىتە چۈشلۈك تاماق يىيىش . ناشتىلىق يېمەسلىك قاتارلىقلار ئاشقازان ۋە ئۆتنى يارىلاندۇرىدۇ . شۇڭا، ساغلاملىق كۆڭۈلدىكىدەك ناشتىلىق بىلەن باشلىنىدۇ .
ئەتىگەنلىك تاماق، نېمىشقا شۇنچە مۇھىم ؟
مېدىتسىنا جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەتىگەنلىك تاماق ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپلا قالماي ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەن ئىقتىدارى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ .
6-8سائەت ئۇخلاش ئارقىلىق ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئاشقازان قۇپقۇرۇق بولسىمۇ، لېكىن ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى توختاپ قالمايدۇ ،شۇنىڭ ئۈچۈن بىز چوقۇم يېمەكلىك ئارقىلىق ئاشقازان كىسلاتاسىنى نېيتراللاشتۇرۇپ ، ئاشقازان دىۋارىنى قوغدىشىمىز كىرەك .
ئۇندىن قالسا، ئۆت خالتىسى ئىچىدىكى ئۆت سۇيۇقلۇقى لىق بولۇپ ، ئەگەر يېمەكلىكنىڭ غىدىقلىشى بولمىسا، ئۆت خالتىسىدا تارىيىش بولمايدۇ ، ھەمدە ئۆت سۇيۇقلۇقى ھەزىم قىلىشقا ياردەم قىلالمايدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۆت سۇيۇقلۇقى قويۇلۇپ قىلىپ، ئاخىرىدا تاش چۈشۈش، مۇنچاق گۆش ۋە ئۆت خالتىسى ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

شۇڭا، دائىم ناشتا قىلمىغاندا ، ئاشقازان ۋە ئۆتنى زەخمىلەندۈرىدۇ .
بىر كۆڭۈلدىكىدەك ناشتىلىق تەييارلاش ئۈچۈن ، قانداق شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك ؟
1.كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار

بىر ۋاق ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولغان ناشتىلىق ، ئادەتتە دانلىق زىرائەت، ھايۋانات يېمەكلىكى (گۆش ، تۇخۇم )سۈت ۋە سۈت ياسالمىلىرى ، كۆكتات ياكى مېۋە قاتارلىق تۆت خىل يېمەكلىكنى ئۆزى ئىچىگە ئالىدۇ .
ئەگەر بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ خىل ئوزۇقلۇق ، ئەتىگەنلىك تاماقتا بولسا بىر قەدەر مۇكەممەل بولىدۇ ؛ ئەگەر پەقەت ئىككى خىل ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا ، ئەتىگەنلىك تاماقتىكى ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن .
ئاساسلىق ئوزۇق تاماقلار( مەسىلەن ، ئۇماچ ، پاراشوك، ئۇن قاتارلىقلار ) تەمىنلىگەن ئېنېرگىيە مەنبەسىدىن كراخمال ۋە ئاز مىقداردىكى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلدىن ئىبارەت
گۆش تۇخۇملار ئاساسلىقى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە مىنېرال ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ؛
سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى مول بولغان كالتسىي بىلەن تەمىنلەيدۇ ؛
كۆكتات مېۋىلەر ۋىتامىن ۋە يېمەكلىك تالالىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ .
2.كۆپ خىل يېمەكلىك بىلەن ماسلاشتۇرۇش

يېمەكلىك ئىقتىدارى بىلەن ماسلاشتۇرغاندا ، مۇۋاپىق بولغان ئەتىگەنلىك تاماق بولىدۇ : موما (ئۇماچ ) + تۇخۇم ( سۈت ) + مېۋە ( كۆكتات ) ؛ كەرەپشە گۆش قەلەمچىسى سۇيۇقئاش ( پاراشوك ) ؛ بولكا بىلەن سۈرلەنگەن گۆش ( سۈت ) + مېۋە … ۋەھاكازارلار .
ئادەتتە قوللىنىشقا بولىدىغان ئۇسۇلى شۇكى ، ئەتىگەن ناشتا قىلىشقا ۋاقىت يەتمىسە ، مېۋىنى سائەت 10 دا يىسە ياخشى بولىدۇ .
ئەقىلگە سىغمايدىغان ئەتىگەنلىك تاماق بولسا تۇخۇم +سۈت ياكى ئۇماچ ، ھورنان ، قارىماققا ئىككى خىل يېمەكلىكتەك قىلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە بىر خىل يېمەكلىك بولۇپ ، ئوزۇقلۇق تەركىبى ناھايىتى ئاددىي .
ساغلام بولغان ئەتىگەنلىك تاماق ، قانداقمۇ بۇ بەش خىلدىن ئاز بولسۇن
ئەمەلىيەتتە، ئەڭ ساغلام ناشتىلىق ، ئەڭ ئاددى . ياسىلىشى ئاددىي، پىششىقلاپ ئىشلەش ئاددىي ، تەم تەڭشىگۈچ قوشۇلغان ئەڭ ئاز بولغىنى ، ئەڭ ياخشىسى
1.تۇخۇم

تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى شۇ يەردىكى ئاقسىل ، ئاقسىل بولسا ئادەم ھاياتلىقىنىڭ ئاساسى .
تۇخۇمدىكى ئاقسىل ئاساسلىقى ئىقىدا بولۇپ ، تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە لېتسىتىن ، خولېستېرىن ۋە تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلار بار.
گەرچە بەزىلەر تۇخۇم سېرىقىدىكى خولېستېرىن تەركىبى بەك يۇقىرى دەپ ئويلىسىمۇ ، لېكىن ياشلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ھىچقانچە مەسىلە ئەمەس ، كۈندە بىر تال تۇخۇم يېيىشكە بولىدۇ .
تۇخۇمدىكى ئوزۇقلۇق رەت تەرتىپى :سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم › تۇخۇم قورۇمىسى > ئوتتا پىشۇرغان تۇخۇم › سۈت تۇخۇم ›
تۇخۇم يېيىش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولىدۇ ، پەقەت ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈش نىسبىتى نىسبەتەن ئېيتقاندا ،سۇدا پىشۇرغان تۇخۇم % 100 ، يۇمشاق قورۇلغان تۇخۇم 98 % ، تۇخۇم قورۇمىسى 97 % ، سۈت تۇخۇم 92.5 % ، ئوتتا پىشۇرغان تۇخۇم % 81.1 ، خام يىسە30-50%ھەزىم بولىدۇ .
دېمەك، پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئەڭ ياخشى . ئۇندىن باشقا، چايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇمنى ئازراق يېيىشى كېرەك ، چۈنكى ، چايدىكى ئىشقارلار ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
2.سۈت

كالا سۈتى تەركىبىدە ئاقسىل ۋە كالتسىي مىقدارى مول بولۇپ . ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەردىكى ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىش ، يۇقىرى قان بېسىم ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
سۈتنىڭ رەت تەرتىپى : تەبىئىي سۈت > ئوراپ قاچىلانغان ساپ كالا سۈتى > ناشتىلىق سۈت › تەملىك سۈت
يېڭى كالا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئەڭ تولۇق ، بازاردىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشتىن باشقا يەنە شېكەر ، خۇرۇچ، تەم دورىسى قاتارلىق نەرسىلەر يۇقىرى بولۇپ ، بۇ خىل سۈتنىڭ ئاقسىل مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن .
3.سۇلۇ

سۇلۇنىڭ « ئوزۇقلۇق شاھى » دېگەن نامى بار ، ئۇ دانلىق زىرائەتلەر ئىچىدە ئۈستۈنلۈكى ئەڭ روشەن بولغان يىمەكلىك .

سۇلۇ رەت تەرتىپى : ئىپتىدائىي سۇلۇ › ئەنئەنىۋى سۇلۇ › پىشقان سۇلۇ > يىمەكلىك سۇلۇ > تەييار كۆپتۈرۈلگەن سۇلۇ.
ئىپتىدائىي سۇلۇ بىر تال بىر تالدىن بولۇپ ، ئوزۇقلۇقى ئەڭ ياخشى ساقلىنىپ قالىدۇ ، ئەنئەنىۋى سۇلۇنى پىشۇرۇش كېرەك ، تېز پىشىدىغان سۇلۇۋە يىمەكلىك سۇلۇنى بىۋاسىتە يىگىلى بولىدۇ،كۆپتۇرۇلگەن سۇلۇنى تېخىمۇ بىۋاسىتە يىگىلى بولىدۇ ، پىششىقلاپ ئىشلەش دەرىجىسىنىڭ ئىشىشىغا ئەگىشىپ ، تەبىئىي ئوزۇقلۇق ماددىلار تىخىمۇ تىز ئازلاپ كېتىدۇ .
قىسقىسى، سۇدا پىشۇرۇلغان سۇلۇ ئىرىتكەنگە قارىغاندا ياخشى ،ئۇماچ ئىچىشكە ئامراق ئادەم ئەڭ ياخشىسى سۇلۇ ئۇمىچى ئىچسە بولىدۇ.
4.بولكا ياكى نان

بولكا تەمىنلىگەن كاربون سۇ بىرىكمىسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن شېكەرگە ئايلىنىدۇ ،ھەمدە بەدەندىكى ئاساسلىق ئېنېرگىيە ماددىسى بولىدۇ ، شۇنداقلا چوڭ مېڭىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ .
بولكا رەت تەرتىپى : پۈتۈن بۇغدايدا قىلىنغان بولكا > فرانسۇزچە بولكا > ئاق بولكا > قىيمىلىق بولكا
ساپ بۇغداي ئۇنى بولكىسى تەركىبىدە مول يېمەكلىك تالاسى ، B تۈردىكى ۋىتامىنلار بار ، شۇڭا ئاق بولكىغا قارىغاندا ئوزۇقلۇق تەركىبى تېخىمۇ مول . ئورۇقلاش نىيىتى بارلار ، دىيابىت كېسىلى، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش كىسەللىكلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش .
ئوخشاش بىر پارچە بولكىدا ، بۇغداي بولكىسى ئاق بولكىغاقارىغاندا ئىسسىقلىقى يۇقىرى ، ئۇنىڭ تەمى ئىنچىكە ، تويۇش تۇيغۇسى يوق ، شۇڭا ئاسانلا كۆپ يەپ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئۇندىن باشقا، يەنە بەزى بولكىلارغا سېرىق ماي ، كالا مېيى،ئىشلەتكەچكە تەركىبىدە تويۇنغان ياغ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ. ئىسسىقلىق مىقدارى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە ، ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ .
5.مېۋە ياكى مېۋە شەربىتى

مىۋە ۋىتامىن ۋە تالا ماددىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ .
مېۋە شەربىتى رەت تەرتىپى : يېڭى مېۋە › يېڭى سىقىلغان مېۋە شەربىتى > يۇقىرى ئوزۇقلۇق مېۋە شەربىتى > ئادەتتىكى مېۋە ئىچىملىكى
مېۋە ئىزىش ماشىنىسىدا ئېزىش جەريانىدا ، بەزى ئاسان ئوكسىدلىنىدىغان ۋىتامىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ ؛ مېۋە شەربىتىگە ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، يەنە تېخىمۇ كۆپ تالا ماددىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، يېڭى سىقىلغان مېۋە شەربىتىدىكى ئوزۇقلۇق ساپ مېۋىدىكى ئوزۇقلۇققا يەتمەيدۇ .
سۆزسىز، ئەگەر مېۋە شەربىتى ئىچىشنى ياخشى كۆرسىڭىز ، ئەتىگەنلىك ناشتىدا مېۋە شەربىتى ئىچىپ بەرسىڭىز بولىدۇ .
ئۇنداقتا مېۋە شەربىتىدىكى ئوزۇقلۇقنىڭ قۇۋۋىتىگە قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك ؟
بىرىنچىدىن ساپلىق دەرىجىسى ، ئىككىنچىدىن مېۋە تۈرى، ئۈچىنچىدىن مېۋە تەركىبىگە قاراش كېرەك .
بىر خىل مېۋىنىڭ مېۋە شەربىتى مىقدارى % 100 كە يەتسە، ئوزۇقلۇق قىممىتى چوقۇم 10 پىرسەنت ياكى باشقا ساپلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولىشى كېرەك . مېۋە شەربىتىنىڭ قويۇقلۇقى قانچە يۇقىرى بولسا ، ئوزۇقلۇق قىممىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ .
لېكىن دىققەت قىلىش كېرەككى ، ساپ مېۋە شەربىتىنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ .


